پىكىر-مۇلاھىزىلەر
سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
پۇتىن ئاخىرى زېلېنسكىي بىلەن كۆرۈشۈشنى قارار قىلدىمۇ؟
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ مۇناسىۋەتلىك ئۇچرىشىشنىڭ تەييارلىقى ھەققىدە توختالدى.
پۇتىن ئاخىرى زېلېنسكىي بىلەن كۆرۈشۈشنى قارار قىلدىمۇ؟
ئامېرىكا ۋە ياۋروپا رەھبەرلىرى ۋاشىنگتوندا ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى مۇزاكىرە قىلماقتا. سۈرەت: ئا پ. / AP

ئامېرىكا پرېزیدېنتى دونالد ترامپ تۈنۈگۈن (18-ئاۋغۇست) ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇكرائىنا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى بىلەن بولغان سۆھبەتتە، ۋولودىمىر زېلېنسكىي بىلەن ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ئۇچرىشىشىغا تەييارلىق قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى. پىرېزىدېنت ترامپ بۇ ئۇچۇرنى  «Truth Social» ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ھەمبەھرلىدى.

پىرېزىدېنت ترامپ مۇنداق دېدى:

«بىز ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئامېرىكا بىلەن ماسلىشىپ ئۇكرائىناغا بېرىدىغان بىخەتەرلىك كاپالىتىنى مۇزاكىرە قىلدۇق. مەن ئارقىدىن پىرېزىدېنت پۇتىنغا تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن پىرېزیدېنت زېلېنسكىينىڭ ئۇچرىشىشىغا تەييارلىق قىلىشنى باشلىدىم. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۈچ تەرەپ ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزۈلىدۇ. (رۇسىيە، ئۇكرائىنا پىرېزیدېنتلىرى ۋە مەن)»

ئامېرىكا ، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئۇكرائىنا يىغىنىغا قاتناشقان گېرمانىيە باش مىنىستىرى فرىدرىچ مېرز پۇتىن بىلەن زېلېنسكىينىڭ ئۇچرىشىشىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە كەلگۈسى ئىككى ھەپتىگە بېكىتىلگەنلىكىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ رۇسىيە رەھبىرىنىڭ ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى بىلەن سۆھبەت ئۈستىلىدە ئولتۇرۇشقا «جاسارىتى يېتەرلىك» ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى (AFP) نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، ۋلادىمىر پۇتىن يەنىلا ئۇچرىشىشقا تەييار ئىكەن. Axios  نىڭ مۇخبىرى باراك راۋىد ئاقسارايدىكى بىر مەنبەنى نەقىل كەلتۈرۈپ ، ۋاشىنگتوننىڭ بۇ ئۇچرىشىشنى 8-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

زېلېنسكىي ئۆز نۆۋىتىدە سۆھبەت تەشەببۇسچىسىنىڭ موسكۋا ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى. ئۇنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، رۇسىيە ترامپقا ئالدى بىلەن ئىككى تەرەپ ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈپ، ئاندىن فورماتنى ئۈچ تەرەپكە كېڭەيتىشنى تەۋسىيە قىلغان. ئۇكرائىنا رەھبىرى ئۆزىنىڭ شەرتسىز ھالدا  پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ:

»ئەگەر بىز ئالدىن ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلىشنى باشلىساق ، رۇسىيە يەنە يۈزلىگەن باشقا شەرتلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا باشلايدۇ« دېدى.

كرېمىل سارىيى پۇتىن بىلەن ترامپنىڭ تېلېفون سۆھبىتىنى دەلىللىدى، ئەمما پۇتىننىڭ زېلېنسكىي بىلەن ئۇچرىشىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى دەلىللەشتىن ساقلاندى. پۇتىننىڭ ياردەمچىسى يۇرىي ئۇشاكوۋ پەقەت رۇسىيە-ئۇكرائىنا بىۋاسىتە ئالاقىسىنىڭ «سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش» مۇمكىنچىلىكىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنىلا بىلدۈردى. ئىلگىرى پۇتىن بۇ خىل تەكلىپلەرنى كۆپ قېتىم رەت قىلغانىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Какую компенсацию потребовала Украина?

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە كەڭ دائىرىلىك جازا يۈرگۈزۈشكە تەييارلانماقتا
دەسلەپكى نەتىجىلەرگە قارىغاندا، پۇتىننىڭ پارتىيەسى پارلامېنت سايلىمىدا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن
ئەردوغان نىيۇيوركتىكى تۈرك ئۆيىگە يېتىپ بارغاندا ئاممىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى
ئىران: ھورمۇز بوغۇزىدا MQ-1 تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئېتىپ چۈشۈرۈلدى
ئىران ئامېرىكا بىلەن بولغان سۆھبەتلەرگە قايتىش ئۈچۈن شەرتلىرىنى ۋاسىتىچىلەرگە يەتكۈزدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا 4 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
پەلەستىن تەرەپدارى نامايىشچىلار فىلادېلفىيەدىكى ئېد شېران كونسېرتىغا قارشى نامايىش قىلدى
سابىق چىلى پرېزىدېنتى باچېلېت ب د ت باش كاتىپلىق نامزاتلىقىدىن چېكىندى
ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق ئۈچۈن خەۋپسىزلىك ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
پاكىستاندىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 31 گە يەتتى
ئامېرىكا ئۇكرائىنا ئۈچۈن 2 مىليارد 680 مىليون دوللارلىق ھاۋا مۇداپىئە ياردەم لايىھەسىنى تەستىقلىدى
ئامېرىكا ئارمىيەسى كارىب دېڭىزىدا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى قىلغان  كېمىگە زەربە بەردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 81 - نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى ئۈچۈن ئامېرىكانى زىيارەت قىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان غازىلار بايرىمىنى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان قىلدى
غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا ئوقۇش قايتا باشلاندى