ئىقتىساد
3 مىنۇت ئوقۇش
خىتاي لاتىن ئامېرىكاسى بىلەن بىرلىشىپ، ترامپنىڭ سودا ئۇرۇشىغا قارشى تۇرۇشنى پىلانلىماقتا
لاتىن ئامېرىكاسى بىلەن زور كۆلەمدە مەبلەغ سېلىش ۋە ھەمكارلىق پىلانلىرىنى ئېلان قىلغان بېيجىڭ، يەرشارى خاراكتېرلىك سودا جىددىيچىلىكىگە قارشى تېخىمۇ كۈچلۈك ئىتتىپاقلارنى تۈزۈشنىڭ يوللىرىنى ئىزدىمەكتە.
خىتاي لاتىن ئامېرىكاسى بىلەن بىرلىشىپ، ترامپنىڭ سودا ئۇرۇشىغا قارشى تۇرۇشنى پىلانلىماقتا
خىتاي-سىلاك مۇنبىرى بېيجىڭ بىلەن لاتىن ئامېرىكا دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى كۈچلۈك مۇناسىۋەتلەرنى ئىلگىرى سۈرمەكتە / AP
2025-يىلى5-ئاينىڭ13-كۈنى

خىتاي، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ سودا ئۇرۇشىغا قارشى تەڭپۇڭلۇق ئامىلى شەكىللەندۈرۈش مەقسىتىدە باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىتتىپاقىنى كۈچەيتىشكە قاراپ قەدەم تاشلىماقتا. سەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر پائالىيەتتە، خىتاي رەھبەرلىرى لاتىن ئامېرىكاسى رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە بىرلىكسەپ نامايان قىلدى.

خىتاي رەھبەرلىرى، دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىنى، ترامپنىڭ تاموژنا بېجىنى ئۆستۈرۈشى ۋە باشقا سىياسەتلىرىدىن كېلىپ چىققان ئېنىقسىزلىق ۋە مۇقىمسىزلىققا قارشى ئىشەنچلىك بىر سودا ۋە تەرەققىيات ھەمراھى سۈپىتىدە گەۋدىلەندۈرۈشكە ئۇرۇنماقتا.

دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭ بىلەن ۋاشىنگتون، شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ھەپتە ئاخىرىدا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەردىن كېيىن، تاموژنا بېجى مەسىلىسىدە بىر بۆسۈش ھاسىل قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ھەر ئىككى تەرەپ سۆھبەتكە يول ئېچىش ئۈچۈن يۇقىرى باجلارنى 90 كۈن بويىچە ئازايتىشقا كېلىشتى.

ئامېرىكا بىلەن بولغان جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش يولىدا قەدەملەرنى تاشلىغان خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، خىتاينىڭ لاتىن ئامېرىكاسى دۆلەتلىرى بىلەن «ئەۋج ئېلىۋاتقان سىياسىي ۋە گۇرۇھۋازلىق توقۇنۇشلىرى ھەمدە باش كۆتۈرۈۋاتقان سودا قورۇقچىلىقى دولقۇنلىرىغا قارشى  قول تۇتۇشۇش»قا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

شى جىنپىڭ خىتاينىڭ ترامپنىڭ سىياسەتلىرىگە قارىتا دائىم ئىشلىتىدىغان: «تاموژنا بېجى ئۇرۇشلىرىدا ياكى سودا ئۇرۇشلىرىدا ھېچكىم غەلىبە قىلالمايدۇ» دېگەن ئىبارىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلىدى.

شى جىنپىڭ 2015-يىلى قۇرۇلغان خىتاي – لاتىن ئامېرىكاسى ۋە كارىب دېڭىزى دۆلەتلىرى تەشكىلاتى [CELAC] مۇنبىرىدىكى سۆزلىرىگە بىرازىلىيە، چىلى ۋە كولومبىيە پىرېزىدېنتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ ئەمەلدارلىرىمۇ قۇلاق سالدى.

شى جىنپىڭ، خىتاي بىلەن لاتىن ئامېرىكاسى دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان سىياسىي دىيالوگ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، مەدەنىيەت ۋە ئىلىم-پەن ئالماشتۇرۇشلىرى ھەمدە يەرشارى خاراكتېرلىك بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىگە مەركەزلەشكەن بەش تۈرلۈك تەشەببۇسنى ئېلان قىلدى.

ئۇ رايوندىن تېخىمۇ كۆپ مەھسۇلات ئىمپورت قىلىشقا ۋە خىتاي شىركەتلىرىنىڭ بۇ جايدىكى مەبلەغ سېلىشىنى كېڭەيتىشىنى رىغبەتلەندۈرۈشكە ۋەدە بەردى. شى جىنپىڭ يەنە لاتىن ئامېرىكاسى ۋە كارىب دېڭىزى رايونى مىقياسىدا مالىيەنى قوللاش ئۈچۈن تەخمىنەن 66  مىليارد يۈەن (تەخمىنەن 9.2 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى) قىممىتىدىكى يېڭى بىر قەرز بېرىش پىلانىنى ئېلان قىلدى.

خىتاي يەنە پاكىز ئېنېرگىيە، 5G تېلېگراف، رەقەملىك ئىقتىساد، سۈنئىي ئەقىل ۋە يەرشارى خاراكتېرلىك بىخەتەرلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - US, China pause trade war for 90 days, tariffs slashed down

لاتىن ئامېرىكاسى دۆلەتلىرى «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى پىلانىغا ئاۋاز قوشماقتا

خىتاي بىلەن بۇ رايون ئوتتۇرىسىدىكى سودا تېز سۈرئەتتە ئېشىۋاتقان بولۇپ، سودا ھەجىمى ئۆتكەن يىلى تۇنجى قېتىم 500  مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتتى.

بۇ ئېشىشنىڭ زور بىر قىسمى، پۇرچاق ۋە كالا گۆشى قاتارلىق دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى شۇنداقلا خام نېفىت، تۆمۈر رۇدىسى ۋە مۇھىم مىنېرال ماددىلار قاتارلىق ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنىڭ خىتايغا بولغان ئىمپورتىنىڭ ئېشىشىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىدۇ.

شى جىنپىڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى رايونغا مەبلەغ سېلىش،  5G تورلىرىنى قۇرۇش، پورتلار ۋە سۇ ئېلېكتر ئىستانسىلىرىنى ياساشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

كولومبىيە پىرېزىدېنتى گۇستاۋو پېترو دۈشەنبە كۈنى دۆلىتىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىغا رەسمىي قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ، يېقىنقى ئايلاردا لاتىن ئامېرىكاسىدىكى بەزى خىتاي تۈرلىرىنىڭ قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەنلىكىگە قارىماي، رايوننىڭ بۇ قۇرۇلۇشقا بولغان ئىشەنچىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.

فېۋرال ئېيىدا پاناما، ئامېرىكانىڭ بېسىمى ئاستىدا بۇ تەشەببۇستىن چېكىنگەن تۇنجى لاتىن ئامېرىكاسى دۆلىتى بولدى. بۇ ئاينىڭ بېشىدا، خىتاينىڭ توكلۇق ماشىنا ئىشلەپچىقارغۇچىسى BYD  ۋە داتلاشماس پولات ئىشلەپچىقارغۇچىسى  Tsingshan، لىتىي باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى سەۋەبىدىن چىلىدا لىتىي كاتوت زاۋۇتلىرى قۇرۇش پىلانىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

باشقا ۋەدىلەرگە قوشۇمچە قىلىپ، بېيجىڭ كەلگۈسى ئۈچ يىلدا ھەر يىلى لاتىن ئامېرىكاسىدىكى سىياسىي پارتىيەلەردىن 300 ئادەمنى خىتايغا تەكلىپ قىلىشنى ۋە 3500 كىشىگە ھۆكۈمەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بېرىشنى پىلانلىماقتا.

شى جىنپىڭ، بەش لاتىن ئامېرىكاسى دۆلىتى پۇقرالىرىدىن خىتايغا ساياھەت قىلىش ئۈچۈن ۋىزىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىدىغانلىقىنى ۋە تېخىمۇ كۆپ دۆلەتنىڭ بۇ تىزىملىككە قوشۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەمما قايسى دۆلەتلەرنىڭ ۋىزا كەچۈرۈمىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقى ھازىرغىچە مۇئەييەنلەشمىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارAdvantage China: Why Trump’s tariff gamble could backfire on the US

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە سۈنئىي ئەقىلدىكى ساختا ئۇچۇرلارغا يېڭى سانلىق مەلۇمات ھەرىكىتى ئارقىلىق تاقابىل تۇرماقتا
ئامېرىكا ئىسرائىلىيە بىلەن لىۋاننىڭ توقۇنۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن بىۋاسىتە سۆھبەت باشلاتتى
ترامپ ئىران ئۇرۇشىنىڭ «ناھايىتى تېزلا ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى» ئېيتتى
روھىڭگيا ۋە بېنگاللىقلارنى توشۇۋاتقان كېمە چۆكۈپ كەتتى، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئېنىق ئەمەس
10 دۆلەت لىۋاندىكى ھۇجۇملارنىڭ «دەرھال ئاخىرلىشىشى» نى تەلەپ قىلدى
ترامپ ئىران مەسىلىسىدە بۇرۇلۇش نۇقتىسى سىگنالى بەردى؛ ئۇرۇش توختىتىش مۇددىتى ئۇزارتىلماسلىقى مۇمكىن
شەرىف ئامېرىكا-ئىران سۆھبىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن رىياد، دوھا ۋە ئەنقەرە زىيارىتىنى باشلايدۇ
ماكرون ترامپ بىلەن پەزەشكىياننى تىنچلىق سۆھبىتىنى قايتىدىن باشلاشقا چاقىردى
25 پاراخوت ھورمۇز بوغۇزىدىن ئۆتتى؛ ئامېرىكانىڭ قامالىغا قارىماي دېڭىز قاتنىشى داۋاملاشماقتا
خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋروۋ بىلەن كۆرۈشتى
«WSJ»: سەئۇدى ئەرەبىستان ئامېرىكاغا «ھورمۇز قورشاۋىنى بىكار قىل» دەپ بېسىم ئىشلەتمەكتە
مېلونى: ئىتالىيە ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان مۇداپىئە كېلىشىمىنى توڭلىتىپ قويدى
خىتاي ۋە ئىسپانىيە «پارچىلىنىۋاتقان» دۇنيا تەرتىپىدە بىرلىككە كېلىش سىگنالى بەردى
ئامېرىكا ئېمبارگو يۈرگۈزگەن خىتاي ماي توشۇش پاراخوتى ھورمۇز بوغۇزى قورشاۋىنى بۆسۈپ ئۆتتى
ئىران بەش ئەرەب دۆلىتىنى ئەيىبلىدى