سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
شىمالىي كورېيە ئاساسىي قانۇنىدىن جەنۇبىي كورېيە بىلەن بىرلىشىشكە ئائىت مەزمۇنلارنى چىقىرىۋەتتى
شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ مارت ئېيىدىكى سىياسىي نۇتقىدا سېئۇلنى «ئەڭ دۈشمەن دۆلەت» دەپ ئاتىشىدىن كېيىن، ئاساسىي قانۇندىن جەنۇبىي كورېيە بىلەن بىرلىشىشكە ئائىت مەزمۇنلار چىقىرىۋېتىلدى.
شىمالىي كورېيە ئاساسىي قانۇنىدىن جەنۇبىي كورېيە بىلەن بىرلىشىشكە ئائىت مەزمۇنلارنى چىقىرىۋەتتى
شىمالىي كورېيەنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ئاساسىي قانۇنىدا، جەنۇب بىلەن بىرلىشىشكە ئائىت مەزمۇنلار چىقىرىۋېتىلدى. سۈرەت: رويتېرس. / Reuters

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ (AFP) چارشەنبە (2026-يىلى 6-ماي) كۈنى قولغا چۈشۈرگەن بىر ھۆججىتىگە ئاساسلانغاندا، شىمالىي كورېيە ئاساسىي قانۇنىدىن جەنۇبىي كورېيە بىلەن بىرلىشىشكە ئائىت بارلىق مەزمۇنلارنى چىقىرىۋەتكەن. بۇ ھەرىكەت پىيوڭياڭنىڭ سېئۇلغا قارىتا تېخىمۇ دۈشمەنلىك سىياسىتىنى يولغا قويۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى دەپ قارالدى.

جەنۇبىي كورېيە بىرلىشىش مىنىستىرلىقى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا كۆرسىتىلگەن شىمالىي كورېيە ئاساسىي قانۇنىنىڭ ئەڭ يېڭى نۇسخىسىدا، شىمالىي كورېيەنىڭ مەقسىتى «ئانا ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش» دېيىلگەن ماددا ئەمدى كۆرۈنمەيدۇ.

بۇ ئەھۋال، شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن مارت ئېيىدىكى سىياسىي نۇتقىدا سېئۇلنى «ئەڭ دۈشمەن دۆلەت» دەپ ئاتىغاندىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقتى. ھۆججەتتە مارت ئېيىدا يولغا قويۇلغانلىقى كۆرسىتىلگەن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ئاساسىي قانۇنغا يەنە، شىمالىي كورېيەنىڭ زېمىن چىگراسىنى ئېنىق بەلگىلەيدىغان يېڭى بىر ماددا قوشۇلغان. ئۇنىڭدا،  جەنۇبىي كورېيەنىڭ رەسمىي نامى تىلغا ئېلىنىپ تۇرۇپ، شىمالىي كورېيە زېمىنىنىڭ شىمالدا خىتاي ۋە رۇسىيە، «جەنۇبتا بولسا، كورېيە جۇمھۇرىيىتى» بىلەن چېگرالىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

شىمالىي كورېيە يېڭى ئاساسىي قانۇنىدا، «ئۆز زېمىنىغا قىلىنغان ھەر قانداق دەخلى-تەرزگە مۇتلەق يول قويمايدىغانلىقى» نى ئەسكەرتكەن.

جەنۇبىي كورېيەنىڭ تىنچلىقپەرۋەر پىرېزىدېنتى لى جەيميوڭ (Lee Jae-myung) ئىككى دۆلەتنىڭ «تىنچلىق گۈللىرىنى ئېچىلدۇرۇش» تەقدىرىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، شىمالنى شەرتسىز سۆھبەتلىشىشكە چاقىرغان.

بىراق،  شىمالىي كورېيە لى ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ چاقىرقلىرىغا جاۋاب قايتۇرمىدى ۋە جەنۇبنى قايتا-قايتا ئۆزىنىڭ «ئەڭ دۈشمەن» رەقىبى دەپ ئاتىدى.

كىم جوڭئۇن يادرو قورال كۈچىنى ئاشۇرۇشقا ۋەدە بەردى، پىيوڭياڭ ئاپرېل ئېيىدا تۆت قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى قىلدى. بۇ ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان بىر ئاي ئىچىدە قىلىنغان ئەڭ كۆپ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

پىيوڭياڭ يەنە رۇسىيە بىلەن تېخىمۇ يېقىنلىشىپ، ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشنى قوللاش ئۈچۈن ئەسكەر ئەۋەتتى ۋە زەمبىرەك ئوقلىرى بىلەن تەمىنلىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - North Korea test-fires cluster-bomb ballistic missiles

/

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋېنېزۇئېلا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى رودرىگۇئېز بىلەن كۆرۈشتى
فىدان: تۈركىيە بىلەن ھىندىستان ئىختىلاپلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، پۇرسەتلەرگە يۈزلىنىشى كېرەك
ئامېرىكادا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ 9 كىشى يارىلاندى
ترامپ ئىرانغا "كىلىشىم" چاقىرىقى قىلدى، نېتانياھۇغا "قايتۇرما زەربە بەرمەسلىك" بۇيرۇقى چۈشۈردى
فىلىپپىننىڭ مىنداناۋ رايونىدا 7.8 باللىق يەر تەۋرەش مەيدانغا كەلدى
قىزىل دېڭىزدا جىددىيچىلىك ئۆرلىمەكتە. خۇسىيلار ئىسرائىلىيە پاراخوتلىرىغا تەھدىت سالدى
پاكىستان باشقۇرۇشىدىكى كەشمىردە توقۇنۇش يۈز بېرىپ، يەتتە كىشى قازا قىلدى
ئىران-ئىسرائىلىيە سۈركىلىشى قايتىدىن كۈچەيدى
تۈركىيە تۆت ئاي ئىچىدە 195 مىليون دوللارلىق لىمون ئېكسپورت قىلدى
تۈركىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى ئارىزوناغا يېتىپ باردى
مىنىستىر فىدان ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى
ئامېرىكا ئىستىخباراتى ئىسرائىلىيەنىڭ جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىگە قارىتا ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى
شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتىدىن بۇرۇن شىمالىي كورېيە: «يادرو پىلانىمىز مۇزاكىرە قىلىنمايدۇ» دېدى
ئامېرىكا ئىرانغا تەۋە ئىككى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈردى
جەۋدەت يىلماز شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى كوماندىسىنى تەبرىكلىدى