سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ: ئۈچىنچى دۇنيا دۆلەتلىرىدىن كېلىدىغان كۆچمەنلەرنى مەڭگۈلۈك توختىتمەن
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ «بايدىننىڭ مىليونلىغان قانۇنسىز قوبۇل قىلىشى» نى ئاخىرلاشتۇرۇشقا ۋەدە بەردى.
ترامپ: ئۈچىنچى دۇنيا دۆلەتلىرىدىن كېلىدىغان كۆچمەنلەرنى مەڭگۈلۈك توختىتمەن
ترامپ: ئۈچىنچى دۇنيا دۆلەتلىرىدىن كېلىدىغان كۆچمەنلەرنى مەڭگۈلۈك توختىتمەن / AP

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ پەيشەنبە كۈنى يېڭى كۆچمەنلەر پىلانىنى ئېلان قىلىپ، «ئۈچىنچى دۇنيا دۆلەتلىرى» دەپ ئاتىغان جايلاردىن كېلىدىغان كۆچمەنلەرنىڭ مەڭگۈلۈك توختىتىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ترامپ قايسى دۆلەتلەرنى كۆزدە تۇتۇۋاتقانلىقى توغرىسىدا توختالمىدى، ھەمدە «ئۈچىنچى دۇنيا دۆلەتلىرى» ۋە «مەڭگۈلۈك توختىتىش» ئىبارىلىرى ئارقىلىق نېمىنى دېمەكچى بولغانلىقى ھەققىدە چۈشەنچە بەرمىدى.

 ترامپ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Truth Social سەھىپىسىدە: «تېخنىكىلىق جەھەتتىن ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلغان بولساقمۇ، كۆچمەنلەر سىياسىتى بۇ نەتىجىلەرنى ۋە نۇرغۇن كىشىنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى بۇزدى. ئۈچىنچى دۇنيا دۆلەتلىرىدىن كېلىدىغان كۆچمەنلەرنى مەڭگۈلۈك توختىتىمەن، شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا سىستېمىسى پۈتۈنلەي ئەسلىگە كېلەلەيدۇ» دېدى.

ترامپ يەنە بايدىن ھۆكۈمىتى دەۋرىدە يولغا قويۇلغان نۇرغۇن كۆچمەنلەر سىياسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا ۋەدە بەردى.

پىرېزىدېنت ترامپ مۇنداق دېدى:

 «‹ئۇيقۇچى جو بايدىن› نىڭ ئاپتوماتىك ئىمزا ماشىنىسى ئارقىلىق ئىمزالانغانلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا، بايدىن دەۋرىدىكى مىليونلىغان قانۇنسىز قوبۇل قىلىشنى ئاخىرلاشتۇرىمەن ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا ئەمەلىي تۆھپە قوشمىغان ياكى دۆلىتىمىزنى سۆيۈشنى بىلمەيدىغان ھەرقانداق كىشىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىمەن.»

 ترامپنىڭ بۇ سۆزلىرى چارشەنبە كۈنى ئاقساراي ئەتراپىدا يۈز بەرگەن، بىر دۆلەت مۇھاپىزەتچىسى ئۆلگەن، يەنە بىرى يارىلانغان بىر ھۇجۇمنىڭ گۇماندارى رەھمانۇللاھ لاكانۋال ئىسىملىك بىر ئافغانىستان پۇقراسى  قىلىپ بېكىتىلىشىدىن بىر كۈن كېيىن ئېيتىلدى.

ۋەقەدىن كېيىن ئامېرىكا ئافغانىستان پۇقرالىرىغا ئالاقىدار بارلىق كۆچمەنلەر رەسمىيەتلىرىنى توختاتقانلىقىنى جاكارلىدى.

ترامپ ئامېرىكا پۇقراسى بولمىغانلارغا بېرىلىدىغان بارلىق فېدېراتسىيە ياردىمى ۋە تولۇقلىمىلارنى توختىتىدىغانلىقىنى، ئىچكى تىنچلىقنى بۇزغان كۆچمەنلەرنىڭ پۇقرالىقىنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى، جەمئىيەتكە يۈك بولغان، بىخەتەرلىك خەۋپى ئېلىپ كېلىدىغان ياكى غەرب مەدەنىيىتى بىلەن ماسلاشمىغان ھەرقانداق بىر چەت ئەل پۇقراسىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىستراتېگىيەسىنى «تەتۈر كۆچۈش» دەپ ئاتىغان تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك بىر تىرىشچانلىقنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويغان ترامپ، بۇنىڭ دۆلەتنىڭ مۇقىملىقىنى قايتا تىكلەش ئۈچۈن زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«بۇ نىشانلار ھوقۇق بېرىلمىگەن ۋە قانۇنسىز ‹ئاپتوماتىك ئىمزا› تەستىقلاش جەريانى ئارقىلىق قوبۇل قىلىنغانلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا، قانۇنسىز ۋە تىنچلىقنى بۇزغۇچى نوپۇستا زور دەرىجىدە ئازىيىشنى قولغا كەلتۈرۈش مەقسىتىدە ئىزچىللاشتۇرۇلىدۇ. بۇ ۋەزىيەتنى تولۇق ئوڭشىيالايدىغان بىردىنبىر نەرسە تەتۈر كۆچۈشتۇر.»

پىرېزىدېنت ترامپ باياناتىنى بىر بايراملىق تەبرىك سۆزى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئامېرىكا قىممەت قاراشلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا مۇنداق دېدى:

 «بۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا ۋەكىللىك قىلىۋاتقان ھەممە نەرسىدىن نەپرەتلىنىدىغان، ئوغرىلىق قىلىدىغان، ئادەم ئۆلتۈرىدىغان ۋە ۋەيران قىلىدىغانلاردىن باشقا ھەممەيلەننىڭ ‹مىننەتدارلىق بايرىمى› غا مۇبارەك بولسۇن! — بۇ يەردە ئۇزۇن تۇرالمايسىلەر!»

ئىزدىنىڭ
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»
كىيېۋدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكادا ئىسرائىلىيەگە بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەمنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى رەت قىلىندى
ئىران: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز