غەززە ئۇرۇشى
2 مىنۇت ئوقۇش
گىرېتسىيەدىن يولغا چىققان پاراخوتلار يەر شارى خاراكتېرلىك «سۇمۇد» فىلوتىغا قېتىلىدۇ
گىرېتسىيەدىن يولغا چىققان پاراخوتلارنىڭ نىشانىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە قورشاۋنى بۇزۇش، خەلقئارا جەمئىيەتنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش ۋە غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى يەتكۈزۈش ئۈچۈن بىخەتەر كارىدور قۇرۇشقا تۆھپە قوشۇش ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
گىرېتسىيەدىن يولغا چىققان پاراخوتلار يەر شارى خاراكتېرلىك «سۇمۇد» فىلوتىغا قېتىلىدۇ
/ AA

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە قورشاۋىنى بۇزۇش ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى يەتكۈزۈشنى نىشان قىلغان كەڭ كۆلەملىك خەلقئارالىق پۇقراۋى فىلوت، يەر شارى خاراكتېرلىك «سۇمۇد» فىلوتىغا قېتىلىش ئۈچۈن، گىرېتسىيەنىڭ سىروس ئارىلىدىكى پورتتىن يولغا چىقتى.

«ئوكسىگېنو» ناملىق پاراخوت پۈتۈنلەي گىرېتسىيەلىك خادىملاردىن تەشكىل تاپىدۇ. «ئىلېكترا» ناملىق پاراخوت بولسا گىرېتسىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن پىدائىيلارنى توشۇماقتا.

كۈن بويى ئارالنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا فىلوتنى قوللاش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى. نەچچە يۈزلىگەن كىشى پورتقا يىغىلىپ، خادىملارنىڭ مەنىۋىي كۈچىنى ئاشۇرۇشقا تىرىشتى.

پاراخوتلار يولغا چىققاندا، توپلاشقان ئامما پەلەستىن بايراقىنى لەپىلدىتىپ، «غەززەگە ئەركىنلىك»، «قارشىلىق كۆرسىتىش چوقۇم غەلىبە قىلىدۇ» ۋە «ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توختىتىلسۇن» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىدى.

 گىرېتسىيەدىكى پەلەستىننى قوللايدىغان «غەززەگە سەپەر ھەرىكىتى» نىڭ رەسمىي باياناتچىلىرى، گىرېتسىيە پاراخوتلىرىنىڭ نىشانىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنى قورشاۋىنى بۇزۇشقا ياردەم بېرىش، خەلقئارا جەمئىيەتنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش ۋە غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى يەتكۈزۈش ئۈچۈن بىخەتەر كارىدور قۇرۇشقا تۆھپە قوشۇش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

فىلوت رايوندىكى ئىنسانىي تىراگېدىيەگە دىققەتنى تارتىش ئارقىلىق، يەر شارى خاراكتېرلىك جامائەتچىلىككە كۈچلۈك ھەمكارلىق سىگنالى بەرمەكتە.

يەر شارى خاراكتېرلىك «سۇمۇد» فىلوتى ئالدىنقى ئايدا ئىسپانىيەنىڭ بارسېلونا ۋە ئىتالىيەنىڭ گېنوۋا شەھەرلىرىدىن يولغا چىققان پاراخوتلار بىلەن بىرلىشىشكە باشلىدى.

پائالىيەتنى تەشكىللىگۈچىلەر بۇ ھەرىكەتنى ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن توسۇپ قېلىنغان ۋە يولۇچىلىرى سۈرگۈن قىلىنغان پاراخوت تىرىشچانلىقلىرىغا ئوخشىمايدىغان، مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر ھەرىكەت دەپ تەسۋىرلىدى.

بۇ پاراخوت ئەترىتى غەززەدىكى پەلەستىنلىكلەرگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى يەتكۈزۈش ۋە قورشاۋنى بۇزۇشنى نىشان قىلغان ئەڭ چوڭ تۈر سۈپىتىدە ئالدىنقى پىلانغا چىقماقتا. ئىسرائىلىيەنىڭ بىرنەچچە ئاي پۈتۈن ئۆتۈش ئېغىزلىرىنى تاقىۋەتكەنلىكى سەۋەبىدىن رايوندا ئاچارچىلىق ھۆكۈم سۈرمەكتە.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - غەززەگە قاراپ يولغا چىققان خەلقئارالىق «سۇمۇد» ناملىق فىلوت ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

 ئىرقىي قىرغىنچىلىق

 

ئىسرائىلىيە 2023 – يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقلىرى داۋامىدا كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلاردىن تەشكىل تاپقان، كەم دېگەندە 65 مىڭ پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى. شۇنداقلا رايوننىڭ كۆپ قىسمىنى ۋەيران قىلىپ، پۈتۈن نۇپۇسنى دېگۈدەك ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىدى.

ئالدىنقى يىلى نويابىردا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى ئىرقىي قىرغىنچى نېتانياھۇ ۋە سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يوئاۋ گاللانت ئۈستىدىن غەززەدىكى ئۇرۇش جىنايەتلىرى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى سەۋەبىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى.

ئىسرائىلىيە يەنە رايونغا قارىتىلغان ئۇرۇشى سەۋەبىدىن خەلقئارا ئەدلىيە سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىنمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە كەڭ دائىرىلىك جازا يۈرگۈزۈشكە تەييارلانماقتا
دەسلەپكى نەتىجىلەرگە قارىغاندا، پۇتىننىڭ پارتىيەسى پارلامېنت سايلىمىدا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن
ئەردوغان نىيۇيوركتىكى تۈرك ئۆيىگە يېتىپ بارغاندا ئاممىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى
ئىران: ھورمۇز بوغۇزىدا MQ-1 تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئېتىپ چۈشۈرۈلدى
ئىران ئامېرىكا بىلەن بولغان سۆھبەتلەرگە قايتىش ئۈچۈن شەرتلىرىنى ۋاسىتىچىلەرگە يەتكۈزدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا 4 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
پەلەستىن تەرەپدارى نامايىشچىلار فىلادېلفىيەدىكى ئېد شېران كونسېرتىغا قارشى نامايىش قىلدى
سابىق چىلى پرېزىدېنتى باچېلېت ب د ت باش كاتىپلىق نامزاتلىقىدىن چېكىندى
ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق ئۈچۈن خەۋپسىزلىك ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
پاكىستاندىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 31 گە يەتتى
ئامېرىكا ئۇكرائىنا ئۈچۈن 2 مىليارد 680 مىليون دوللارلىق ھاۋا مۇداپىئە ياردەم لايىھەسىنى تەستىقلىدى
ئامېرىكا ئارمىيەسى كارىب دېڭىزىدا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى قىلغان  كېمىگە زەربە بەردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 81 - نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى ئۈچۈن ئامېرىكانى زىيارەت قىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان غازىلار بايرىمىنى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان قىلدى
غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا ئوقۇش قايتا باشلاندى