ئىقتىساد
2 مىنۇت ئوقۇش
دونالد ترامپ ياپونىيە بىلەن «غايەت زور» سودا كېلىشىمى ھاسىل قىلىنغانلىقىنى جاكارلىدى
پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ياپونىيەنىڭ ئامېرىكاغا 550 مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى ۋە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا %15 تاموژنا بېجى يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، ياپونىيە ئەمەلدارلىرى بۇ تەشەببۇسنى تېخىچە دەلىللىمىدى.
دونالد ترامپ ياپونىيە بىلەن «غايەت زور» سودا كېلىشىمى ھاسىل قىلىنغانلىقىنى جاكارلىدى
/ AP

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ياپونىيە بىلەن ھاسىل قىلىنغان سودا كېلىشىمىنى «غايەت زور» دەپ تەرىپلەپ، بۇ كېلىشىمنىڭ مىلياردلارچە دوللار مەبلەغ ئېلىپ كېلىش بىلەن بىرگە ئامېرىكا سانائىتىنىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ترامپ ئۆزىنىڭ «Truth Social» ناملىق ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا ھەمبەھرىلىگەن يازمىسىدا: «ياپونىيە بىلەن غايەت زور بىر كېلىشىمنى تاماملىدۇق، بۇ بەلكىم ھازىرغىچە تۈزۈلگەن ئەڭ چوڭ كېلىشىم بولۇشى مۇمكىن» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتتى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى: «ياپونىيە، مېنىڭ يوليورۇقۇم بىلەن ئامېرىكاغا 550 مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدۇ، پايدىنىڭ يۈزدە 90 پىرسەنتىنى بولسا بىز ئالىمىز» دېگەنلەرنى ئىلگىرى سۈردى. بىراق، ئۇ بۇ تەشەببۇسنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق رەسمىي ھۆججەت ياكى تەپسىلاتنى ئوتتۇرىغا قويمىدى.

لېكىن، ياپونىيە باش ۋەزىرى ئىشىبا شىگېرۇ ترامپ ئېلان قىلغان سودا كېلىشىمىنىڭ تەپسىلاتلىرىنى تەكشۈرۈپ چىقىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.

ئىشىبا، ترامپنىڭ ۋاشىنگتوندىكى باياناتىدىن كېيىن توكيودا مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە: «سۆھبەت نەتىجىلىرى ھەققىدە پىكىر بايان قىلالىشىمىز ئۈچۈن، ئالدى بىلەن كېلىشىم تېكىستىنىڭ تەپسىلاتلىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن كۆزدىن كەچۈرۈشىمىز شەرت» دېدى.

ترامپ، ياپونىيەنىڭ «ئاپتوموبىل، يۈك ماشىنىسى، گۈرۈچ ۋە باشقا بىر قىسىم دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى سودىسىغا ئۆز دۆلىتىنى ئاچىدىغانلىقىنى» ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا %15 نىسبەتتە تاموژنا بېجى تۆلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ترامپنىڭ بۇ باياناتى ۋاشىنگتون بىلەن توكيو ئوتتۇرىسىدا، بولۇپمۇ ئاپتوموبىل تاموژنا بېجى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك باجلار مەسىلىسىدە ئايلاردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان جىددىي سۆھبەتلەردىن كېيىن ئېلان قىلىندى.

ئىلگىرى ياپونىيەنىڭ ئىمپورت مەھسۇلاتلىرىغا (ئاپتوموبىللارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) %25، پولات ۋە ئاليۇمىنغا بولسا %50 تاموژنا بېجى قويۇش بىلەن تەھدىت سالغان ترامپ، سەيشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا بۇ ساھەلەردىكى باجلارنىڭ كېلىشىم دائىرىسىدە ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغان-قالدۇرۇلمايدىغانلىقىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويمىدى.

ترامپ تىلغا ئالغان %15 لىك تاموژنا بېجى نىسبىتى، ئۇنىڭ ئىلگىرىكى تەھدىتلىرىدىن تۆۋەن بولسىمۇ، ئالدىنقى سودا تۈزۈملىرىدىكى نىسبەتلەردىن كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە يۇقىرى ھېسابلىنىدۇ.

ئاق ساراي پىكىر بايان قىلىش تەلەپلىرىنى جاۋابسىز قالدۇرۇۋاتقان بولسا، ياپونىيە ئەمەلدارلىرىمۇ تېخىچە ھېچقانداق رەسمىي بايانات ئېلان قىلمىدى.

ئىزدىنىڭ
سۈرىيە «تېررورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكى» دىن چىقىرىۋېتىلدى
باڭلادېش «مەككە قوشما مۇداپىئە كېلىشىمى» گە قاتنىشىشقا قىزىقىۋاتىدۇ
سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن فىرانسىيە پەلەستىن دۆلىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى: زۆرۈر تېپىلسا، ئىرانغا ھەربىي زەربە بېرىمىز
سۈرىيەنىڭ تەدمۇر شەھىرىدە ئەسكى-تۈسكى يىغقۇچىنىڭ قاپچۇقىدىكى بومبا پارتلاپ، بىر كىشى ئۆلدى
خىتاي ۋە ئىيوردانىيە ھورمۇز بوغۇزىنىڭ قايتىدىن ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلدى
ترامپ: «ئىران پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇۋاتىدۇ»
شارا: سۈرىيە قايتا قۇرۇش مۇساپىسىگە قەدەم قويدى
ھايتىدا شايكىلارنىڭ ھۇجۇمىدا 43 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەنىڭ كراسنودار رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىن نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىغا ئوت كەتتى
ئومان دېڭىز تەۋەلىكىدە بىر نېفىت تانكېرى زەربىگە ئۇچرىدى
رۇسىيە: ئەنگلىيە ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىگە توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 مىڭ 422 گە يەتتى
ئەردوغان: رايونىمىزدىكى مۇقىمسىزلىققا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىمىزنى دوست-دۈشمەنگە جاكارلىدۇق
ئومان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەتە تېھرانغا بارىدۇ