ئەردوغان بوغۇز ئىچى دىپلوماتىيە مۇنبىرىدە، غەززەدە ئاچارچىلىقنىڭ قورالغا ئايلاندۇرۇلۇۋاتقانلىقى ئاگاھلاندۇردى ۋە رايوندىكى توقۇنۇشلارغا قارىتا دۇنيانىڭ بىپەرۋالىقنى ئەيىبلىدى.
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان شەنبە (27-سېنتەبىر) كۈنى پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىشنىڭ ئادالەتكە قاراپ تاشلانغان «ھالقىلىق قەدەم» ئىكەنلىكىنى، ئەمما غەززەدە ئون مىڭلىغان كىشى جېنىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، بۇنىڭ بەك كېچىكىپ قالغانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن دىپلوماتىيە مۇنبىرىدە سۆز قىلغان ئەردوغان، يېقىندا بىر قانچە دۆلەتنىڭ پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىشىنى «كېچىكىپ كەلگەن، ئەمما مۇھىم قەدەم» دەپ تەسۋىرلىدى.
ئۇ: « ئۆتمۈشتىكى خاتالىقلارنى تۈزىتىش ئۈچۈن قىلىنغان ھەر قانداق تىرىشچانلىقنى قارشى ئالىمىز. ئەمما، نېمىشقا بۇ ئىش 65 مىڭ بىگۇناھ ئادەم جېنىدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن قىلىنمىدى؟ دەپ سورىماي تۇرالمايمىز. بۇ قەدەملەر تېخىمۇ بالدۇر تاشلانسا بولمامتى؟ 65 مىڭ بىگۇناھ ئادەم ئۆلمىسىمۇ پەلەستىنگە ئىگە چىققىلى بولمامتى؟» دېدى.
ئىسرائىلىيەگە قاتتىق تەنقىد
ئەردوغان ئىسرائىلىيەنى غەززەدە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» سىياسەتلىرىنى يۈرگۈزۈۋاتقانلىق بىلەن ئەيىبلىدى ھەمدە «ئىسرائىلىيە توختىتىلمىسا» پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇش ئارزۇسىنىڭ تولۇق ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ ۋە ئۇ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەترىتى» دەپ ئاتىغان كىشىلەرنىڭ كېچىكتۈرۈلمەي سوتلىنىشىنى تەلەپ قىلدى.
ئۇ: «غەززەدىكى مەسىلىنى پەقەت ھاماسقىلا دۆڭگەۋاتقانلار ھەقىقەتنىڭ خېلىلا باشقىچە ئىكەنلىكىنى ئاستا-ئاستا ھېس قىلىشقا باشلىدى» دېدى ۋە ئاچارچىلىقنىڭ پۇقرالارغا قارشى «ئاممىۋى قىرغىنچىلىق قورالى سۈپىتىدە بىپەرۋالىق بىلەن ئىشلىتىلىۋاتقانلىقى» نى تەكىتلىدى.
ئۇ يەنە، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنى قامال قىلىشىغا قارشى تۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان «دۇنيا سۇمۇد فلوتى» دىكى پائالىيەتچىلەرگە سالام يوللىدى ۋە ئۇلارغا ئاقيول تىلىدى.
رايون ۋە دۇنيا خاراكتېرلىك مەسئۇلىيەت
رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خەلقئارالىق ئىنكاسلارنىڭ كەمچىللىكىنى تەنقىد قىلىپ، نېتانياھۇنىڭ ئالدىنقى كۈنى ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە «قۇرۇق ئورۇندۇقلار» بىلەن قارشى ئېلىنغانلىقنى ئەسكەرتىپ، مۇنداق دېدى:
«بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق تورى رەھبىرىنىڭ يالغانلىرى ۋە تەھدىتلىرىگە ھېچكىم قۇلاق سالمىدى» دېدى.
ئۇ رايون خاراكتېرلىك توقۇنۇشلار ئۈستىمۇ ئالاھىدە توختالدى ۋە مۇنداق دېدى:
«غەززە، يەمەن، سۈرىيە، سۇدان، سومالى كوچىلىرىدا يوقىتىلغان ھەر بىر جان بىزنىڭ قەلبىمىزدىن بىر پارچە يۇلىدۇ. گەرچە باشقا ھەممە ئادەم بىپەرۋا بولسىمۇ، بىز رايونىمىزدىكى ئازاب-ئوقۇبەتلەر، زۇلۇم ۋە ئاخىرى يوق توقۇنۇشلارغا قاراپ تۇرالمايمىز.»
تۈركىيەنىڭ رولى ۋە دۇنيا تەرتىپى
ئۇ تۈركىيەنىڭ مۇقىملىق كۈچى ئىكەنلىكىنى ۋە «ئادىل تىنچلىق ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقى» نى، ئوتتۇرا شەرقتە «كۈچلۈك، ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىك» ئېلىپ كېلىشنى نىشان قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ، غەلىبە قىلغان دۆلەتلەر تەرىپىدىن لايىھەلەنگەن ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى تەرتىپنىڭ ھازىر «ھەم ئىقتىدارىنى ھەم ئىشەنچىلىكلىكىنى يوقاتقانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇنىڭ نەتىجىسىدە، دۇنيا تىنچلىقى ۋە خەۋپسىزلىكنىڭ ئورنىنى «ئاخىرلىشىشنى بىلمەيدىغان ئۇرۇش ۋە مۇقىمسىزلىق دەۋرىيلىكى» نىڭ ئالغانلىقىنى قەيت قىلدى.