ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ: «موسكۋانى ۋە بېيجىڭنى بومباردىمان قىلىڭلار، ئوقۇغۇچىلارنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىڭلار»
دونالد ترامپنىڭ: «موسكۋانى بومباردىمان قىلىڭلار، بېيجىڭنى بومباردىمان قىلىڭلار، ئوقۇغۇچىلارنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىڭلار» دېگەن ئۈن لېنتىسى ئاشكارىلىنىپ ئوتتۇرىغا چىقتى.
ترامپ: «موسكۋانى ۋە بېيجىڭنى بومباردىمان قىلىڭلار، ئوقۇغۇچىلارنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىڭلار»
ترامپ: «موسكۋانى ۋە بېيجىڭنى بومباردىمان قىلىڭلار، ئوقۇغۇچىلارنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىڭلار» / AP

ترامپ ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ئۇرۇشىنىڭ، ئەگەر ئۆزى ۋەزىپىدە تۇرغان مەزگىل بولغان بولسا يۈز بەرمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئۆتكەن يىلى ئۆتكۈزۈلگەن خۇسۇسىي ئىئانە توپلاش پائالىيەتلىرىدە موسكۋا ۋە بېيجىڭنى بومباردىمان قىلىش بىلەن تەھدىت سالغانلىقىنى ئېيتتى.

 CNN  تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان ئۈن لېنتىسىغا ئاساسلانغاندا، ترامپ بۇ تەھدىتلەرنى رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ ئۇكرائىنا ۋە تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە ئوتتۇرىغا قويغان.

بۇ باياناتلارنىڭ ترامپنىڭ 2024-يىللىق پىرېزىدېنتلىق سايلام پائالىيىتى دائىرىسىدە نىيۇ يورك ۋە فلورىدادا ئۆتكۈزۈلگەن يېپىق ئىئانە توپلاش يىغىنلىرىدا ئېيتىلغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

ئۈن لېنتىسىدا ترامپ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننى ئۇكرائىناغا «كىرمەسلىك» كە ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى ۋە موسكۋانى ۋەيران قىلىش بىلەن تەھدىت سالغانلىقىنى ئېيتقان.

ترامپنىڭ ئۈن لېنتىسىدا: «مەن پۇتىنغا: ‹ئەگەر سەن ئۇكرائىناغا كىرسەڭ، مەن موسكۋانى ۋەيران قىلىمەن. باشقا تاللىشىم يوق› دېدىم. ئۇ ماڭا ئىشەنمىدى، ئەمما مېنىڭچە ئۇ %10 ئىشەندى» دېگەن سۆزلىرى ئاڭلىنىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - US to send more Patriot air defence systems to Ukraine: report

ترامپ يەنە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭغىمۇ ئوخشاش بىر ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەنلىكىنى ۋە تەيۋەنگە قارىتا ھەرقانداق بىر ھەرىكەت يۈز بەرگەن تەقدىردە بېيجىڭنى بومباردىمان قىلىش بىلەن تەھدىت سالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ترامپنىڭ سۆزلىرى ئۈن لېنتىسىدا: «مەن ئۇنىڭغا: ‹ئەگەر سەن تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلساڭ، بىز بېيجىڭنى بومباردىمان قىلىمىز› دېدىم. ئۇ مېنى ساراڭ دەپ ئويلىدى. ئەمما بىز ھېچقانداق مەسىلىگە يولۇقمىدۇق» دېگەنلىكى مەلۇم.

« مېنىڭ ھاكىمىيەت دەۋرىم بولغان بولسا ئىىدى غەززە ۋە ئۇكرائىنا ئۇرۇشلىرى يۈز بەرمەيتتى»

ئوخشاش ئۈن لېنتىسىدا ترامپ پرېزىدېنتلىق تەختىدە ئۆزىنىڭ ئورنىدا جو بايدىننىڭ ئولتۇرغانلىقى سەۋەبىدىن ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ۋە غەززەدىكى توقۇنۇشلارنىڭ پارتلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

«ئەگەر مەن پرېزىدېنت بولغان بولسام، بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى يۈز بەرمەيتتى» دېدى.

ئىسرائىلىيە داۋاملىشىۋاتقان مۇزاكىرىلەرگە پىسەنت قىلماستىن، غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Netanyahu vows to continue Gaza offensive despite ceasefire talks

ترامپنىڭ ئوقۇغۇچىلار نامايىشى ھەققىدىكى بايانلىرى

ئاشكارىلىنىپ كەتكەن ئۈن لېنتىسىدا ترامپنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىكى پەلەستىننى قوللايدىغان نامايىشلارغا نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكى ئورۇن ئالىدۇ.

ترامپ قالايمىقانچىلىقنى توختىتىشنىڭ بىر يولى سۈپىتىدە نامايىشقا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

ترامپنىڭ ئۈن لېنتىسىدا: «مەن نامايىشقا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارنى چېگرادىن قوغلاپ چىقارغان بولاتتىم» دېگەن سۆزلىرى ئاڭلىنىدۇ.

مەنبە:TRT Global
ئىزدىنىڭ
ئىراق باش مىنىستىرى زەيدى تۈركىيەگە كېلىدۇ
مەدەنىيەت مىنىستىرى ئەرسوي ئامېرىكانىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بارراكنى قوبۇل قىلدى
خاقان فىدان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى گۇتېررېس بىلەن كۆرۈشتى
سۇدان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سالىم تۈركىيەگە كېلىدۇ
ئىران ئۇكرائىنانىڭ ھازار دېڭىزىدا ئىرانغا ئائىت بىر سودا پاراخوتىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى
ئىسرائىلىيە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا 763 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ سېلىشنى پىلانلىماقتا
بېرلىندا ئامما ئارىسىغا بىر ئاپتوموبىل بېسىپ كىردى. 1 كىشى ئۆلۈپ، 10 دىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى
ترامپ باشقۇرۇلىدىغان بومبا قېيىنچىلىقى سەۋەبىدىن ئىرانغا قارىتا ھەربىي ھەرىكەتنى ۋاقىتلىق توختاتتى
ئىران، بەھرەيىن، ئىيوردانىيە ۋە كۇۋەيتتىكى ئامېرىكا ھەربىي نىشانلىرىغا زەربە بەردى
رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەتتە كىشى قازا قىلدى
رومىنىيە ئىككى كۈن ئىچىدە رۇسىيەنىڭ ئىككى ئۇچقۇچىسىز ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردى
تۈركىيە تۆت پەلەستىنلىكنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ «قىرغىنچىلىق سىياسىتى» نى ئەيىبلىدى
ترامپ ئىراننىڭ مۇزاكىرىلەردە ئەمدى تېخىمۇ ئەستايىدىل بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى
ب د ت باش كاتىپى ئارىدىن 17 يىل ئۆتكەندىن كېيىن دەمەشقتا زىيارەتتە بولماقتا
ياۋروپا ئىتتىپاقى: «پۇتىن ۋاقىت ئۇتۇشقا ئۇرۇنماقتا»