تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
ئەردوغان ت ر ت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 62 يىللىقىنى تەبرىكلىدى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى-ت ر ت (TRT) قۇرۇلغانلىقىنىڭ 62 يىللىقىدا ئۇنىڭ دۇنيادىكى تەسىرى ۋە كۆپ تىللىق تارقىتىش ئىقتىدارىنى ماختىدى.
ئەردوغان ت ر ت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 62 يىللىقىنى تەبرىكلىدى
رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى-ت ر ت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 62 يىللىقىنى تەبرىكلىدى. / TRT World and Agencies

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان جۈمە (2026-يىلى 1-ماي) كۈنى تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى-ت ر ت  قۇرۇلغانلىقىنىڭ 62 يىللىقىنى تەبرىكلەپ،  ت ر ت نى دۇنيا تاراتقۇلىرىدىكى «مۇھىم تايانچ نۇقتا» ۋە كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان ساختا ئۇچۇرلارغا تاقابىل تۇرغۇچى كۈچ دەپ ماختىدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ت ر ت باش مۇدىرى مەھمەت زاھىد سوباجىغا ئەۋەتكەن تەبرىك تېلېگراممىسىدا، ت ر ت نىڭ كۆپ تىللىق تارقىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، رەقەملىك سۇپىلارغا ماسلاشقانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا «دۆلىتىمىزنىڭ ئاۋازى» ۋە «خەلقىمىزنىڭ خاتىرىسى» بولۇش رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1964-يىلى قۇرۇلغان ت ر ت، تۈركىيەنىڭ ئاممىۋى تارقىتىش ئورگىنى بولۇپ، ئاساسلىق مەبلىغى ئىجازەت ھەققى ۋە ھۆكۈمەت ياردەم پۇلى ئارقىلىق كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ت ر ت نىڭ تۈركىيەنىڭ مەيدانىنى خەلقئارادا تونۇشتۇرۇش ۋە دۆلەتنىڭ «ئادالەت كۈرىشى» نى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئېيتىپ،  داۋاملىق «يۇقىرى سۈپەتلىك ۋە ئاخبارات ساھەسىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان مەزمۇنلار» نى ئىشلەپچىقىرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ يەنە ت ر ت نىڭ «دۆلىتىمىزنىڭ، مىللىتىمىزنىڭ ۋە بارلىق مەزلۇملارنىڭ ئاۋانگارت ئاۋازى بولۇپ قالىدىغانلىقى» غا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «TRT نىڭ <تۈركىيە ئەسىرى> تەسەۋۋۇرىمىزنى تارقىتىش ساھەسىگە ئېلىپ كىرىشتە، شۇنداقلا دۆلىتىمىزنىڭ توغرا مەيدانىنى ۋە ئادالەت كۈرىشىمىزنى خەلقئارا جەمئىيەتكە تېخىمۇ كۈچلۈك يەتكۈزۈش تىرىشچانلىقىمىزدا ئوينىغان رولى ئىنتايىن مۇھىم.»

«تۈركىيە ئەسىرى» ئەردوغاننىڭ 2023-يىلى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان ئاساسلىق سىياسىي تەسەۋۋۇرى بولۇپ، ئۇ تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىيە، مۇداپىئە، ئىقتىساد ۋە تاراتقۇ قاتارلىق ساھەلەردىكى دۇنياۋى تەسىرىنى كېڭەيتىشنى مەقسەت قىلىدۇ، شۇنداقلا ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە ۋە خەلقئارا تەسىر كۈچىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ.

ت ر ت دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارالىق قاناللار، رادىيو ۋە رەقەملىك سۇپىلاردىن تەركىب تاپقان كەڭ تورنى باشقۇرۇۋاتقان بولۇپ، دۇنياغا 40 تىن ئارتۇق تىلدا تارقىتىش بېرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ت ر ت ۋورلد (TRT World)، ت ر ت ئەرەبچە (TRT Arabi)، ت ر ت ئىسپانچە (TRT Espanol) قاتارلىق مەخسۇس خەلقئارالىق قاناللار بار.

ئىزدىنىڭ
ئالىملار ئىتالىيەدە ئاياللار ئادەتتىن تاشقىرى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغان يېزىنى بايقىدى
30 دوللارغا سېتىۋېلىنغان رەسىم كىمئارتۇقتا 1 مىليون 350 مىڭ دوللارغا سېتىلدى
ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن لايىھەلەنگەن ChatGPT پىلانلانغاندەك ئىشلىمەيۋاتىدۇ، خەۋپ - خەتەر شەكىللەندۈرۈۋاتىدۇ
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا ئائىت دەۋالىرىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
پۈتكۈل دۇنيا ئۈچ يىلدىن بۇيان تارىختىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىققا شاھىت بولماقتا