ياپونىيەدە 6.2 بال يەر تەۋرىدى

6.2 بال چوڭلۇقتىكى يەر تەۋرەش ياپونىيەنىڭ غەربىنى زىلزىلىگە سالدى، لېكىن دېڭىز تاشقىنى ئاگاھلاندۇرۇشى بېرىلمىدى.

By
ياپونىيەدە 6.2 بال يەر تەۋرىدى / AP

ياپونىيە مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يەر تەۋرەش شىمانې ۋىلايىتىنىڭ شەرقىي قىسمىدا، تەخمىنەن 10 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا يۈز بەرگەن.

ياپونىيە مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى 6.2 بال چوڭلۇقتىكى قاتتىق يەر تەۋرەشنىڭ ياپونىيەنىڭ غەربىنى زىلزىلىگە سالغانلىقىنى، ئەمما دېڭىز تاشقىنى ئاگاھلاندۇرۇشى بېرىلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

يەر تەۋرەش سەيشەنبە كۈنى شۇ جاي ۋاقتى 10:18دە (خەلقئارا ئۆلچەملىك ۋاقىت يەنى گىرىنۋىچ ۋاقتى 01:18دە) شىمانې ۋىلايىتىنىڭ شەرقىي قىسمىدا، تەخمىنەن 10 كىلومېتىر (6.2 مىل) چوڭقۇرلۇقتا يۈز بەردى.

ھازىرغىچە ھېچقانداق ئۆلۈم-يېتىم ئەھۋالى مەلۇم قىلىنمىدى.

كيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كېيىنچە ئارقا – ئارقىدىن قالدۇق يەر تەۋرەشلەرمۇ يۈز بەرگەن.

چۇگوكۇ ئېلېكتر ئېنېرگىيەسى شىركىتى (Chugoku Electric Power Co.) نىڭ باياناتىدا ئەسكەرتىلىشىچە، ماتسۇئېدىكى شىمانې يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا تۇنجى يەر تەۋرەشتىن كېيىن ھېچقانداق بىنورماللىق كۆرۈلمىگەن.

ئىگىلىنىشىچە، دائىرىلەر يەنە توك ئۈزۈلۈپ قېلىش سەۋەبىدىن ياپونىيەنىڭ غەربىدىكى تېز پويىز قاتنىشىنى توختاتقان، شۇنداقلا سانىيو شىنكانسېن لىنىيەسىنىڭ ئوكاياما ۋە خىروشىما بېكەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى قاتناشمۇ ۋاقىتلىق توختىتىلغان.