ئىقتىساد
2 مىنۇت ئوقۇش
ئەنقەرە بىلەن رىياد تۆمۈريول شىركەتلىرى ئۇل ئەسلىھە ۋە ئاسراش ئىشلىرى ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى
تۈركىيە قاتناش مىنىستىرلىقى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت تۆمۈر يوللىرى شىركىتى— TCDD بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەت تۆمۈر يوللىرى شىركىتى —SAR ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى.
ئەنقەرە بىلەن رىياد تۆمۈريول شىركەتلىرى ئۇل ئەسلىھە ۋە ئاسراش ئىشلىرى ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى
ئەنقەرە بىلەن رىياد تۆمۈريول شىركەتلىرى ئۇل ئەسلىھە ۋە ئاسراش ئىشلىرى ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى / User Upload
2025-يىلى10-ئاينىڭ7-كۈنى

تۈركىيە قاتناش مىنىستىرلىقى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت تۆمۈر يوللىرى شىركىتى— TCDD بىلەن  سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەت تۆمۈر يوللىرى شىركىتى —SAR  ئوتتۇرىسىدا تۆمۈر يوللارنى ئاسراش، رېمونت قىلىش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، قاتناشنى باشقۇرۇش ۋە سىغىمچانلىقىنى تەقسىملەش، تەربىيەلەش ھەمدە مەسلىھەت بېرىش قاتارلىق ساھەلەر بويىچە كېلىشىملەرنىڭ ئىمزالانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت تۆمۈريوللىرى  شىركىتى بىلەن سەئۇدىي ئەرەبىستان دۆلەت تۆمۈر يوللىرى شىركىتى تۆمۈريوللارنى ئاسراش ۋە رېمونت قىلىش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، قاتناشنى باشقۇرۇش ۋە سىغىمچانلىقىنى تەقسىملەش، تەربىيەلەش ۋە مەسلىھەت بېرىش قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىق ئورنىتىش رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى.

بۇ كېلىشىم دۈشەنبە كۈنى TCDD  باش دىرېكتورى ۋەيسى قۇرت بىلەن SAR باش دىرېكتورى بەششار بىن خالىد ئەلمالىك رىياسەتچىلىكىدىكى ھەيئەتلەرنىڭ قاتنىشىشى بىلەن سەئۇدىي ئەرەبىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنلار جەريانىدا ئىمزالاندى. تۈركىيە قاتناش مىنىستىرلىقى بۇ يېڭىلىقنى تۈركىيەنىڭ  NSosyal  ناملىق ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسىدا ئېلان قىلدى.

باياناتتا: «يىغىندا تۆمۈريولنى ئاسراش ۋە رېمونت قىلىش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، قاتناشنى باشقۇرۇش ۋە سىغىمچانلىقىنى تەقسىملەش، تەربىيەلەش ۋە مەسلىھەت بېرىش قاتارلىق ساھەلەردە ئۇزاق مۇددەتلىك ھەمكارلىق پۇرسەتلىرى مۇزاكىرە قىلىندى» دېيىلدى.

يىغىنلارنىڭ ئاخىرىدا، ئىككى دۆلەت تۆمۈريول شىركىتى ئوتتۇرىسىدا «تۆمۈريول ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئائىت ھەمكارلىق ئورنىتىش رامكا كېلىشىمى» ئىمزالاندى.

باياناتتا، «بۇ ھەمكارلىق ئارقىلىق TCDD خەلقئارالىق تۆمۈريول تورىدىكى كۈچلۈك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەشنى ۋە تۈركىيەنىڭ دۇنياۋى قاتناش كارىدورلىرىدىكى يېتەكچى ئورنىنى تېخىمۇ پۇختىلاشنى نىشان قىلىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

تۆمۈريول ھەمكارلىق تورىنى كېڭەيتىش

تۈركىيە يېقىنقى مەزگىللەردە ئەرەب دۇنياسىدا تۆمۈريول ھەمكارلىق تورىنى كېڭەيتمەكتە. تۈركىيە قاتناش مىنىستىرى ئابدۇلقادىر ئۇرالئوغلۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە، سۈرىيە ۋە ئىيوردانىيەنىڭ قاتناش مىنىستىرلىرى رايونلۇق قاتناشتا تارىخىي بىر قەدەم سۈپىتىدە ھىجاز تۆمۈريولىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغان.

مىنىستىر سۈرىيەدىكى تۆمۈريولىنىڭ كەم قالغان 30 كىلومېتىرلىق (18.6 مىل) ئۇل-ئەسلىھەسىنىڭ تۈركىيەنىڭ قوللىشى بىلەن پۈتتۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇرالئوغلۇ يەنە ئىيوردانىيە تەرەپنىڭ سۈرىيەدىكى پويىزلارنى ئاسراش، رېمونت قىلىش ۋە يۈرۈشتۈرۈش ئۈچۈن تېخنىكىلىق ئىمكانىيەتلەرنى تەتقىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، تۈركىيەنىڭ ئەقەبە پورتى ئارقىلىق قىزىل دېڭىزغا تۇتىشىدىغان لىنىيەسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئورتاق تېخنىكىلىق خىزمەتلەرنىڭ ئىشلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىزدىنىڭ
باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسى كەمچىلمۇ؟
تۈركىيە ماللىرى «ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ئىشلەنگەن» بەلگىسىنى ئالىدۇ
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ترامپنىڭ ئىرانغا قارشى ئۇرۇش ھوقۇقىنى چەكلەش تەشەببۇسىنى رەت قىلدى
ئىسپانىيە ترامپقا مۇراجىئەت قىلىشنىڭ پۈتۈنلەي پايدىسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى
ئىسرائىلىيە بېيرۇتنىڭ جەنۇبىدىكى شەھەر ئەتراپى رايونلىرىنى يەنە بومباردىمان قىلىشقا باشلىدى
ترامپ: ئىران ئۇرۇشىدا تېخىچە ئامېرىكا قۇرۇقلۇق قىسىملىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئويلىشىپ باقمىدۇق
سەئۇدى ئەرەبىستان ئىراننىڭ ئۈچ دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى توسۇپ قالغان
ئىراننىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ئەزەربەيجاننىڭ ناخچىۋان خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا ھۇجۇم قىلدى
ئەنقەرە ئامېرىكا - ئىسرائىلىيەنىڭ ئىران ئۇرۇشى مەزگىلىدە تۈركىيەنى قوغداش ئۈچۈن قايتۇرما زەربە بېرىش
ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋان مىقياسىدىكى ھاۋا ھۇجۇملىرىدا 12 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
مېلونى: ئامېرىكا بىلەن تۈزۈلگەن ھەربىي بازا كېلىشىمىگە رىئايە قىلىمىز، ئەمما ئۇرۇشقا كىرمەيمىز
ئامېرىكالىقلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىران ئۇرۇشىنى قوللىمايدىكەن
ئىران: ئامېرىكا قاتتىق پۇشايمان قىلىدۇ
ھىندونېزىيە سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن  جىددىيى مۇزاكىرىلەشتى
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئىران ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەشەببۇسىنى رەت قىلدى