خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
تالىبان مەھبۇس ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا ئامېرىكا بىلەن مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلدى
تالىبان باياناتىدا، سۆھبەتنىڭ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت ۋە ئافغانىستاندىكى مەبلەغ سېلىش پۇرسەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىنى ئېيتتى.
تالىبان مەھبۇس ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا ئامېرىكا بىلەن مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلدى
تالىبان مەھبۇس ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا ئامېرىكا بىلەن مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلدى / AP

تالىبان، ترامپ ھۆكۈمىتى ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن ۋە ئاساسەن مەھبۇس ئالماشتۇرۇشقا مەركەزلەشكەن يىغىندا ئافغانىستان بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

تالىباننىڭ باياناتىدا، ئافغانىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋەكىلى ئەمىرخان مۇتتەقىنىڭ ترامپنىڭ ئەىسر ئالماشتۇرۇش ئالاھىدە ۋەكىلى ئادام بوھلېر ۋە ئافغانىستان ئالاھىدە ۋەكىلى زالماي خەلىلزاد بىلەن كۆرۈشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى. تالىبان سۆھبەتنىڭ سۈرەتلىرىنىمۇ ئېلان قىلدى.

باياناتتا: «ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يوللىرى، پۇقرالارغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ۋە ئافغانىستاندىكى مەبلەغ سېلىش پۇرسەتلىرى ھەققىدە ئەتراپلىق سۆھبەت ئۆتكۈزۈلدى» دېيىلدى. يىغىننىڭ قەيەردە ۋە قاچان ئۆتكۈزۈلگەنلىكى تىلغا ئېلىنمىدى.

باياناتتا يەنە، ئامېرىكا ھەيئىتىنىڭ ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرىدا ئافغانىستاننىڭ شەرقىدە يۈز بەرگەن ۋەيران قىلغۇچ يەر تەۋرەش ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈرگەنلىكىمۇ قەيت قىلىندى.

مەھبۇس ئالماشتۇرۇش

ھەر ئىككى تەرەپ، بولۇپمۇ ئامېرىكا ۋە ئافغانىستاندا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئەسىرلەرنىڭ بولغىنىدەك مۇھىم مەسىلىلەردە ئالاقىنى داۋاملاشتۇرۇشقا قوشۇلدى.

ئافغانىستان مۇئاۋىن باش مىنىستىر ئابدۇلغانى بارادارنىڭ ئىشخانىسىنىڭ يىغىندىن كېيىنكى باياناتىدا: «ئادام بوھلېر، ئافغانىستان بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى نازارەتكە ئېلىنغان پۇقرالار مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ، ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ مەھبۇس ئالماشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى» دېدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىئو، بوھلېرنىڭ «نېمىنىڭ مۇمكىنلىكىنى تەكشۈرۈش» ئۈچۈن كابۇلغا بارغانلىقىنى ئېيتىپ، مەھبۇس ئالماشتۇرۇشنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.

رۇبىئو، ئوتتۇرا شەرققە قاراپ يولغا چىققاندا مۇخبىرلارغا: «قانۇنسىز ھالدا نازارەتكە ئېلىنغان كىشىلەر ئۈچۈن مەسئۇل ئالاھىدە ۋەكىلىمىز بىر مەزگىلدىن بۇيان سۆھبەت ئېلىپ بارماقتا» دېدى.

ئۇ يەنە: «شۈبھىسىزكى، ھەر قانداق مەھبۇس ئالماشتۇرۇش ياكى ئۆزگەرتىش توغرىسىدىكى قارار پىرېزىدېنتقا باغلىق بولىدۇ. ئەمما بىز ئامېرىكالىقلارنىڭ ياكى قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇلغان ھەر قانداق كىشىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى چوقۇم ئۈمىد قىلىمىز. شۇڭلاشقا (بوھلېر) بۇنىڭ قانداق مۇمكىن بولىدىغانلىقىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئۇ يەرگە باردى» دېگەننى سۆزلىرىگە ئىلاچە قىلدى.

مەنبە:TRT Uyghur
ئىزدىنىڭ
مىنىستىر خاقان فىدان لىۋاندا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ
خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھنى ئوربىتىغا ئېلىپ ماڭغان راكېتاسى ھاۋادا پارتلاپ كەتتى
ياپونىيە ئورۇن بېكىتىش سۈنئىي ھەمراھىنى ئېلىپ ماڭغان H3 راكېتاسىنى ئۇتۇقلۇق قويۇپ بەردى
قۇددۇس ۋالىيلىقى: <ئىسرائىلىيە 650 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ قۇرۇش پىلانىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە>
بەدىنىڭىزدىكى مىكروبلار سىزنى روھىي كېسەلگە ئايلاندۇرۇپ قويىشى مۇمكۇنمۇ؟
روسئاتوم: «رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر ئىراندا بوشېھر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسغا قايتىشقا باشلىدى»
يەمەن ئارمىيەسى: «خۇسىيلارنىڭ ئەلمۇخاغا قىلغان ھۇجۇمىدا 7 كىشى ئۆلۈپ، 30 كىشى يارىلاندى»
ئەنگىلىيە توكلۇق ئاپتوموبىل تېخنىكىسىغا 175 مىلىيون دوللارلىق قوشۇمچە فوند ياردىمى قىلىدىغان بولدى
گرېتسىيەدە 106 ئوخشىمىغان نۇقتىدا پەلەستىنگە ئازادلىق تەلەپ قىلىپ نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى
خىتايدا يۇنۇس تەيفېڭ بورىنى 1 مىلىيوندىن ئارتۇق خىتاينى ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىدى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاراقچى: «ھازىرچە ئامېرىكا بىلەن ھېچقانداق مۇزاكىرە ئېلىپ بارمىدۇق»
ھىندىستاننىڭ ئاسسام ئۆلكىسىدىكى سەللەردا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 100 گە ئۆرلىدى
ئىران ھۆرمۈز بوغۇزىنى ئېچىش ئۈچۈن ئالتە شەرتنى ئوتتۇرىغا قويدى
ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇشتا ئامېرىكانىڭ ئوق-دورا زاپىسى ئازيماقتا
رۇسىيە ئۇكرائىناغا كېچىدە 17 باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە 202 قوراللىق ھاۋا ئاپىراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدى