ئوچېرىك
3 مىنۇت ئوقۇش
ئىران ياۋروپاغا تەھدىت سالدى
ئىران ب د ت نىڭ ئېمبارگوسى قايتا يولغا قويۇلسا، خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى بىلەن ھەمكارلىقنى توختىتىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.
ئىران ياۋروپاغا تەھدىت سالدى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراقچى. سۈرەت: رويتېرس. / Reuters
2025-يىلى9-ئاينىڭ27-كۈنى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاراقچى «ئېمبارگولارنى قايتا جانلاندۇرۇش ئۈچۈن باشلانغان ھەرىكەتلەر، ياۋروپا ئوبرازىغا <ئورنىنى تولدۇرغۇسىز زىيان> ئېلىپ كېلىدۇ» دېدى.

ئىران ئىرنا (IRNA) ئاگېنتلىقى ھۆكۈمەتنىڭ جۈمە (26-سېنتەبىر) كۈنى ب د ت نىڭ ئېمبارگوسى ياۋروپا دۆلەتلىرى تەرىپىدىن «تېز سۈرئەتتە ئەسلىگە كەلتۈرۈش» مېخانىزمى ئارقىلىق قايتا يولغا قويۇلسا، خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى (IAEA) بىلەن ھەمكارلىقنى ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ بايانات ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراقچى ئەنگلىيە، فىرانسىيە ۋە گېرمانىيەنىڭ بۇ مېخانىزمىنى قوزغاش قارارىنى تەنقىد قىلىپ، ئۇنى «قانۇنىي ۋە سىياسىي جەھەتتە ئاساسسىز، ياۋروپانىڭ خەلقئارادىكى ئىناۋىتى ۋە 2015-يىلدىكى يادرو كېلىشىمىگە ئېغىر تەھدىت» دېدى.

ئۇ بۇ ئۈچ دۆلەتنىڭ ئېمبارگولارنى قايتا جانلاندۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ياۋروپا ئوبرازىغا «ئورنىنى تولدۇرغۇسىز زىيان» ئېلىپ كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇپ، «بۇ ئويۇندا ئۈچ دۆلەت غەلىبە قىلالمايلا قالماستىن، بەلكى يەنە كەلگۈسىدىكى دىپلوماتىك جەريانلاردىن چەتكە قېقىلىدۇ» دېدى.

ئۇ يەنە بۇ قىسقا پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويۇشنىڭ غەربىي ئاسىياغا ۋە خەلقئارالىق تۈزۈمگە «كەڭ كۆلەملىك ۋەيران قىلغۇچى ئاقىۋەتلەرنى» ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى، خەلقئارالىق كېلىشىملەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، كوللېكتىپ بىخەتەرلىكنى تەۋرىتىدىغانلىقىنى سۆزلىدى.

ئۇ تېھراننىڭ «ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، ھەق-ھوقۇق ۋە خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرىدە ھەرگىزمۇ مۇرەسسە قىلمايدىغانلىقى» نى تەكىتلىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Iran says it will halt cooperation with IAEA after UN fails to lift sanctions

ئۇ 9-سېنتەبىر مىسىرنىڭ مۇرەسسە قىلىشى بىلەن خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى بىلەن ئىمزالانغان ئەڭ يېڭى كېلىشىمنى ئىجرا قىلىش، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى بىكار قىلغان قارارلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىرانغا قارشى دۈشمەنلىك ھەرىكەتلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلماسلىقى شەرتىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

«بولمىسا، ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئۆزىنىڭ ئەمەلىي قەدەم-باسقۇچلىرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئويلايدۇ» دېدى ئاراغچى.

ئۇ بېسىم ۋە ھۇجۇملارغا قارىماي، ئىراننىڭ تىنچ يادرو پائالىيەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ئىزچىل تۈردە تەمكىنلىك بىلەن دىپلوماتىيەگە سادىق بولغانلىقىنى، ھەمدە يادرو قوراللارنى كېڭەيتمەسلىك شەرتنامەسى (NPT) بويىچە ھوقۇقىنى قوغداش بىلەن بىر ۋاقىتتا «ئىجابىي ۋە ئەھمىيەتلىك دىيالوگ» ئۈچۈن تەييار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

2015-يىلىدىكى يادرو كېلىشىمىگە ئىمزا قويغان ياۋروپا دۆلەتلىرى - ئەنگلىيە، فىرانسىيە ۋە گېرمانىيە 28-ئاۋغۇست كۈنى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2231-نومۇرلۇق قارارى بويىچە «تېز سۈرئەتتە ئەسلىگە كەلتۈرۈش» مېخانىزمىنى قوزغىدى. بۇنىڭ سەۋەبى ئىران ب د ت نىڭ يادرو تەكشۈرۈش خادىملىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى توختىتاتقان ئىدى. ئىران ياۋروپانىڭ بۇ ھەرىكىتىنى قانۇنىي جەھەتتە «ئاساسسىز» ۋە «سىياسىي مەقسەتكە ئىگە» دەپ ئەيىبلىدى.

13-ئىيۇن ئىسرائىلىيە تېھرانغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، ھەربىي، يادرو ۋە ئاممىۋى ئۇل-ئەسلىھەلەرنى، شۇنداقلا يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي قوماندانلار ھەمدە يادرو ئالىملىرىنى نىشانلىغاندىن كېيىن، جىددىيلىك كۈچەيدى.
تېھران باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇلار بىلەن قايتۇرما زەربە بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا ئىراننىڭ ئۈچ يادرو نۇقتىسىنى بومباردىمان قىلدى.

12 كۈنلۈك توقۇنۇش 24-ئىيۇن كۈچكە ئىگە بولغان ئامېرىكا قوللىشى ئاستىدىكى ئۇرۇش توختىتىش بىلەن ئاخىرلاشتى.

ياۋروپا دۆلەتلىرى ئىراننىڭ ب د ت  يادرو تەكشۈرۈش خادىملىرىغا رۇخسەت قىلىشنى، قويۇلدۇرۇلغان ئۇراننىڭ زاپاس مىقدارىغا ئائىت ئەندىشىلەرنى ھەل قىلىشنى ۋە ئامېرىكا بىلەن سۆھبەتنى قايتا باشلاشنى تەلەپ قىلماقتا.

 ئامېرىكا-ئىران يادرو سۆھبىتى ئوماننىڭ ۋاسىتىچىلىقى بىلەن داۋاملىشىۋاتقان ئىدى. لېكىن ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىدىن كېيىن توختاپ قالغان ئىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Iran retracts its UN resolution over nuclear site attacks after US threatens to cut IAEA funding

خىتاي ئىرانغا قارشى «تېز سۈرئەتتە ئەسلىگە كەلتۈرۈش» مېخانىزمىغا قارشى تۇردى

خىتاي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ «تېز سۈرئەتتە ئەسلىگە كەلتۈرۈش» مېخانىزمىغا قارشى تۇرۇپ، «ئىران يادرو مەسىلىسىنى سىياسىي ۋە دىپلوماتىك ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ھەل قىلىشنى قەتئىي قوللايدىغانلىقى» نى بىلدۈردى.

خىتاي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گۇ جياكۈن مۇخبىرلارغا: «بىز كۈچ ئىشلىتىشكە، ئېمبارگو يۈرگۈزۈشكە ياكى بېسىم قىلىشقا قارشى تۇرىمىز. <تېز سۈرئەتتە ئەسلىگە كەلتۈرۈش> ئىجابىي ئەمەس ھەمدە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئوخشىماسلىقلارنى كىچىكلىتىشكە پايدىلىق ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلارنى كۈچەيتىپ، جىددىيلىكنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش زۆرۈر. خىتاي بارلىق تەرەپلەر قوبۇل قىلالايدىغان پىلانغا يېتىش ئۈچۈن ئىجابىي  رول ئوينايدۇ» دېدى.

ئىزدىنىڭ
مىسىر بىلەن ئامېرىكا غەززەنىڭ قايتا قۇرۇلۇشىنى مۇزاكىرىلەشمەكتە
قاتار غەززە تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ «ئىككىنچى باسقۇچى» ئۈچۈن بېسىمىنى كۈچەيتمەكتە
خاقان فىدان ناتونىڭ بىريۇسسېلدا چاقىرىلىدىغان ھەل قىلغۇچ سۆھبەتلىرىگە قاتنىشىدۇ
ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا قارشى دۇنيا سودا تەشكىلاتىدا ئاچقان دېلوسىنى بىكار قىلدى
كولومبىيە كىچىك بالىلارنى سۇيىئىستېمال قىلغان يەھۇدىي تەرىقىتى ئەزالىرىنى قوغلاپ چىقاردى
ترامپ گوندۇراسنى سايلام كېچىكىشلىرى سەۋەبىدىن سايلام كومىتېتىنى ئەيىبلىدى
ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىپ بەش پەلەستىنلىكنى يارىدار قىلدى
مادۇرو ئامېرىكا بىلەن چوڭقۇرلىشىۋاتقان جىددىيچىلىكلەر ئالدىدا «مۇتلەق ساداقەت» قەسىمى قىلدى
ئىسرائىلىيە 2 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى يەنە دەپسەندە قىلدى
پەلەستىن كوماندىسىنىڭ «ئەرەب لوڭقىسى»نىڭ ئېچىلىش مۇسابىقىسىدىكى غەلىبىسى قاتارنى ھاڭ-تاڭ قالدۇردى
ئىسرائىلىيە رەفاھ تونېللىرىدا قاپسىلىپ قالغان 40 ھاماس ئەزاسىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى
تاجىكىستان ئافغانىستاندىن قىلىنغان چېگرا ھالقىغان ھۇجۇملاردا بەش كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى
كىرېمىل: پۇتىن سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا ۋەكىلى ۋىتكوف بىلەن كۆرۈشىدۇ
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپ ھالدا رەفاھ رايونىغا ۋە غەززەگە ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتتى
ۋەيران قىلغۇچ كەلكۈندە 330 دىن ئارتۇق كىشى قازا قىلغان سىرىلانكىغا ياردەم بېرىش دولقۇنى باشلاندى