تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
ئەردوغان: «تۈركىيە دۇنيادا ئوخشىشى ئاز ئۇچرايدىغان بىر مۇۋەپپەقىيەت ھېكايىسىنى يازماقتا»
ئەردوغان رايوندىكى ئۇرۇش ۋە كىرىزىسلار ئۈستىدە مۇھىم سۆز قىلدى.
ئەردوغان: «تۈركىيە دۇنيادا ئوخشىشى ئاز ئۇچرايدىغان بىر مۇۋەپپەقىيەت ھېكايىسىنى يازماقتا»
ئەردوغان: «تۈركىيە دۇنيادا ئوخشىشى ئاز ئۇچرايدىغان بىر مۇۋەپپەقىيەت ھېكايىسىنى يازماقتا»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «رايونىمىز ئۇرۇش ۋە كرىزىسلار زەنجىرى بىلەن ئېلىشىۋاتقان بۇ مەزگىلدە تۈركىيە، ئىقتىسادى، ئۇل ئەسلىھەلىرى، تەجرىبىلىك ئورگانلىرى، لاياقەتلىك كادىرلىرى ۋە ئەڭ مۇھىمى مۇستەھكەملىگەن ئىچكى سېپى بىلەن مۇقىملىق ئارىلى سۈپىتىدە كۆزنى قاماشتۇرماقتا» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن بىر سىنلىق ئۇچۇر ئېلان قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «بۇ قۇتلۇق كۈنلەرنىڭ دۆلىتىمىز، ئەزىز مىللىتىمىز، ئىسلام ئالەمى ۋە پۈتۈن ئىنسانىيەت ئۈچۈن خەيرىلىك بولۇشىنى چىن دىلىمدىن تىلەيمەن»، دېدى ۋە باياناتىدا كۈنتەرتىپتىكى نۇرغۇن مەسىلىلەر ئۈستىدىمۇ توختالدى.

ئەردوغان رايوندىكى توقۇنۇشلارنىڭ تەسىرىگە مۇنداق دەپ ئېنىقلىما بەردى: «ئىسلام دۇنياسى سۈپىتىدە بىر خاتىرجەملىك ئىقلىمىغا ئېرىشىشنىڭ خۇشاللىقىنى ياشاۋاتقان بولساقمۇ، يەنە بىر تەرەپتىن رايونىمىز ۋە دۇنيامىز بېسىم دەرىجىسى يۇقىرى بىر مەزگىلنى باشتىن كەچۈرمەكتە. ئىسرائىلىيە، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماي غەززەدىن غەربىي قىرغاققىچە، شەرقىي قۇددۇستىن لىۋانغىچە جۇغراپىيەمىزنىڭ ئوخشىمىغان نۇقتىلىرىدا ئىشغالىيەت، ۋەيرانچىلىق، قىرغىنچىلىق ۋە قانۇنسىز ئولتۇراقلىشىش پائالىيەتلىرىنى پەرۋاسىزلىق بىلەن داۋاملاشتۇرماقتا. ئىسرائىلىيەنىڭ يەنە يۆتكىمىچىلىك ۋە قۇتراتقۇلۇقلىرى بىلەن ئەۋج ئالغان ئۇرۇشنىڭ سەلبىي تەسىرى، ئېنېرگىيەدىن يېزا ئىگىلىكىگىچە، سودىدىن قاتناشقىچە، ئىقتىسادتىن بىخەتەرلىككىچە نۇرغۇن ساھەدە ھېس قىلىنماقتا.»

«تۈركىيە، مۇقىملىق ئارىلى سۈپىتىدە كۆزنى قاماشتۇرماقتا»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «رايونىمىز ئۇرۇش ۋە كرىزىسلار زەنجىرى بىلەن ئېلىشىۋاتقان بۇ مەزگىلدە تۈركىيە، ئىقتىسادى، ئۇل ئەسلىھەلىرى، تەجرىبىلىك ئورگانلىرى، لاياقەتلىك كادىرلىرى ۋە ئەڭ مۇھىمى مۇستەھكەملىگەن ئىچكى سېپى بىلەن مۇقىملىق ئارىلى سۈپىتىدە كۆزنى قاماشتۇرماقتا»، دېدى ھەمدە: «تەنقىدلەرگە ۋە توسالغۇلارغا قارىماي 23 يىلدىن بىرى يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىمىزنىڭ مېۋىسىنى، مۇداپىئە سانائىتىمىز قاتارلىق ھەر بىر ساھەدە يىغىۋاتىمىز. 238 مىليارد دوللاردىن 1.6 تىرىليون دوللارغا يەتكەن ئىقتىسادىي ئېشىش، 36 مىليارد دوللاردىن 276 مىليارد دوللارغا چىققان يىللىق ئېكسپورت، 248 مىليون دوللاردىن 10 مىليارد دوللارغا يەتكەن مۇداپىئە ۋە ئاۋىئاتسىيە ئېكسپورتى بىلەن تۈركىيە، دۇنيادا ئوخشىشى ئاز ئۇچرايدىغان بىر مۇۋەپپەقىيەت ھېكايىسىنى يازماقتا.» دېگەننىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

تۈركىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە ئوتتۇرىغا قويغان ئىرادىسى ئۈستىدىمۇ توختالغان ئەردوغان، مەسىلىنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە يەنە مۇنداق دېدى: «ئەتراپىمىزدىكى چاڭ-توزان بۇلۇتلىرى تارقالغاندىن كېيىن ئاللاھ خالىسا يېڭى مەزگىلنىڭ پارلاق يۇلتۇزلىرىنىڭ بىرى تۈركىيەمىز بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن نېمە لازىم بولسا قىلىۋاتىمىز. دۆلىتىمىزنىڭ ئىستىقبالى، رايونىمىزنىڭ مۇقىملىقى نۇقتىسىدىن قىممەتلىك ئىستراتېگىيەلىك قىممىتى بۈگۈنكى كۈنلەردە تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىلگەن <تېررورسىز تۈركىيە> مۇساپىسى بۇلارنىڭ بىرىدۇر. چېگرالىرىمىز ئىچىدە خاتىرجەملىك ۋە بىخەتەرلىكنىڭ كۈچىيىشىگە، چېگرالىرىمىز سىرتىدا ئىمپېرىيالىستىك ئويۇنلارنىڭ بۇزۇلۇشىغا تۆھپە قوشقان بۇ تارىخىي مۇساپىنى ئىنتايىن چۆڭ ئەھمىيەت، ئەقىل-پاراسەت ۋە سەمىمىيەت بىلەن مەنزىلىگە قاراپ يەتكۈزۈۋاتىمىز. تۈركىيەگە پەقەت ئىقتىسادىي جەھەتتىكى زىيىنىلا 2 تىرىليون دوللاردىن ئاشقان بۇ بالايىئاپەتتىن مىللىتىمىزنى قۇتقۇزۇش ئىرادىمىز تولۇقتۇر. مۇستەھكەم، تېز سۈرئەتتە يولىمىزنى داۋاملاشتۇرىۋاتىمىز.»

ئىزدىنىڭ
خىتاي سىيرەك توپىدىن پايدىلىنىپ ياپونىيەنى قىستىماقتا
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 5 كىشى ئۆلدى، 56 كىشى يارىلاندى
پاكىستاندا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ