خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
CNN: ترامپ بۇيرۇق بەرسە، ئامېرىكا 96 سائەت ئىچىدە ئىرانغا كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم باشلىيالايدۇ
CNN نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا قىسىملىرى پىرېزىدېنت ترامپتىن بۇيرۇق تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، 96 سائەت ئىچىدىلا ئىرانغا يېڭىدىن ھۇجۇم باشلاشقا تامامەن تەييار ھالەتتە تۇرماقتا ئىكەن.
CNN: ترامپ بۇيرۇق بەرسە، ئامېرىكا 96 سائەت ئىچىدە ئىرانغا كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم باشلىيالايدۇ
CNN: «ئەگەر ترامپ قارار چىقارسا، ئامېرىكا ئارمىيەسى 96 سائەت ئىچىدە ئىرانغا چوڭ كۆلەملىك ھۇجۇم باشلىيالايدۇ»

CNN قانىلى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئىككى نەپەر ئامېرىكالىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ بەرگەن خەۋىرىدە، ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قارشى كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قىلىش پىلانلىرىنى ئاللىقاچان تۈزۈپ چىققانلىقىنى، ئەگەر پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ھۇجۇم قىلىش قارارىنى چىقارسىلا، ئوتتۇرا شەرققە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ 96 سائەت ئىچىدە بۇ ھەرىكەتنى قوزغىيالايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، ئېھتىماللىقى بولغان بۇ ھۇجۇملارنى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن مەزكۇر رايوندا يېتەرلىك دەرىجىدە ھەربىي كۈچ تەييار قىلىنغان بولۇپ، يېڭى ھۇجۇملارنىڭ زەربە بېرىش كۆلىمى نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى كونترول قىلىش تىرىشچانلىقلىرىدىنمۇ كۆپ ھالقىپ كېتىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئامېرىكانىڭ نۆۋەتتىكى ۋە سابىق ئەمەلدارلىرىدىن بەزىلىرىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ترامپ مۇشۇ يىل ئاخىرىغىچە بولغان ھەرقانداق بىر ۋاقىتتا ھۇجۇم بۇيرۇقىنى چۈشۈرۈشى مۇمكىن ئىكەن، ھەمدە بۇ قارارنىڭ زور ئېھتىماللىق بىلەن ئامېرىكادىكى ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن كېيىن ئېلىنىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ئەمەلدارلار ترامپنىڭ سايلامدىن كېيىن كونكېرت نېمە ئىش قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا تېخى ئۈزۈل-كېسىل بىر قارارغا كەلمىگەنلىكىنى، بىراق نۆۋەتتە ئۇنىڭ «كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت بۇيرۇقى بېرىشكە بەكرەك مايىل كۆرۈنۈۋاتقانلىقى»نى تىلغا ئالغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇلار ترامپنىڭ ئىلگىرىمۇ بەزى جىددىي ھەربىي ھەرىكەتلەرنى قوللايدىغاندەك كۆرۈنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئاخىرقى پەيتتە يەنىلا قارارىدىن يېنىپ قالغان چاغلىرىنىڭ بولغانلىقىنىمۇ ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.

ئىزدىنىڭ
شىمالىي كورېيەنىڭ چېگراغا 960 مىڭ مىنا كۆمگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا 2 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
ئەنگلىيەدىن كىرىزىسلەرگە قارشى تەييارلىق كۆرۈش چاقىرىقى
دۇنيا چېلىشىش چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسى ئەتە قازاقىستاندا باشلىنىدۇ
پۇتىن ئۇكرائىنا بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى
تىبەتتە 7 بال يەر تەۋرەپ، 16 كىشى ئۆلدى
ئەردوغان: كانادا بىلەن سودا سوممىسىنى 10 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈشنى نىشانلاۋاتىمىز
ترامپ: «مۇزاكىرە ئېلىپ بارمايۋاتىمىز، پات ئارىدا ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ»
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى باش كاتىپى ئۆمۈرئالىيېۋنى قوبۇل قىلدى
6-نۆۋەتلىك خەلقئارا تۈرك دۇنياسى ئالاقە ۋە سەنئەت مۇھاكىمە يىغىنى قىرغىزىستاندا باشلاندى
گالاتاساراي فىرانسىيەدىن 3 نومۇر بىلەن قايتتى
تۈركىيە ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم سانائىتىگە 3 يىلدا تەخمىنەن ئىككى مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بۇلغارىيە باش مىنىستىرى رادېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى
كرېمىل: رۇسىيە–ئۇكرائىنا–ئامېرىكا مۇزاكىرىسىنى نويابىردا ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تەييارمىز
ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى پارس قولتۇقىدا تۆت پاراخوتقا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى