خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىران خەلقئارا ئاممىۋى ئاۋىياتسىيە تەشكىلاتىغا ئەرز سۇندى
ئىران ئاۋىياتسىيە ساھەسىدىكى چەكلىمىلەر سەۋەبىدىن خەلقئارا ئاممىۋى ئاۋىياتسىيە تەشكىلاتىغا ئەرز سۇندى.
ئىران خەلقئارا ئاممىۋى ئاۋىياتسىيە تەشكىلاتىغا ئەرز سۇندى
ئىران خەلقئارا ئاممىۋى ئاۋىياتسىيە تەشكىلاتىغا ئەرز سۇندى

ئامېرىكانىڭ ئىران ئاۋىياتسىيە ساھەسىگە قاراتقان يېڭى ئېمبارگولىرىنىڭ نەتىجىسىدە ئىراق، ئەزەربەيجان، گىرۇزىيە، ئومان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئىراندىن كەلگەن ۋە بارىدىغان ئاۋىياتسىيە قاتنىشىنى توختاتقان ئىدى.

ئىران ئاممىۋى ئاۋىياتسىيەسى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئەبۇزەر شىرۇدى، دۆلىتىنىڭ ئاۋىياتسىيە ساھەسىگە قارىتىلغان چەكلىمىلەر سەۋەبىدىن خەلقئارا ئاممىۋى ئاۋىياتسىيە تەشكىلاتى (ICAO) غا ئەرز قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىراننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى IRNA نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شىرۇدى، ئىرانغا يۈرگۈزۈلگەن ئاۋىياتسىيە چەكلىمىلىرى ھەققىدە توختالغان.

ئىراننىڭ توسالغۇلارنى يوقۇتۇش ۋە ئىلگىرى ئاكتىپ بولغان لىنىيەلەردە ئاۋىياتسىيە قاتنىشىنى قايتىدىن باشلاش مەقسىتىدە قانۇنىي ۋە دىپلوماتىك يوللارنى ئىشقا سېلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىگەن شىرۇدى، ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ ئاۋىياتسىيە ساھەسىگە قاراتقان چەكلىمىلىرى سەۋەبىدىن ICAO غا ئەرز قىلغانلىقلىرىنى ۋە مەسىلىگە ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى سۇنغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

شىرۇدى ياۋروپا دۆلەتلىرىگە قارىتىلغان بىۋاسىتە ئۇچۇش چەكلىمىلىرى ھەققىدە بولسا، ئىستانبۇلنى ئاساس قىلغان ھالدا رايونلۇق ئاۋىياتسىيە مەركەزلىرى ئارقىلىق ئالمىشىپ ئۇچۇشلارنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنى بىر ھەل قىلىش چارىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىشنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئامېرىكانىڭ ئىران ئاۋىياتسىيە ساھەسىگە قاراتقان يېڭى ئېمبارگولىرىنىڭ نەتىجىسىدە ئىراق، ئەزەربەيجان، گىرۇزىيە، ئومان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئىراندىن كەلگەن ۋە بارىدىغان ئاۋىياتسىيە قاتنىشىنى توختاتقان ئىدى.

ئىراق بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى ئاۋىياتسىيە قاتنىشىنىڭ تېھران-باغداتنىڭ ئورنىغا تېھران-نەجەف ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلىشى ھەققىدە سۆھبەتلەر ئۆتكۈزۈلگەن، ئەمما كېيىنچە تېھران-نەجەف ئۇچۇشلىرىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
ئۆمەربولات: تۈركىيە - ياۋروپا ئتتىپاقى سودىسى 30 يىلدا 11 ھەسسە ئاشتى
خاقان فىدان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
ئىسپانىيەنىڭ مىللىي رېئاكتىپ Hürjet ئايروپىلانىمىزغا بولغان قىزىقىشى زور
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: سۇداندىكى بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى مۇداپىئەسىز ھالەتتە تۇرماقتا
مېكسىكادا بوران-چاپقۇن ۋە قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېنىدا» دېدى
ئامېرىكا دائىرىلىرى كۆچمەنلەر تەكشۈرۈشىدە ئىلھان ئۆمەرنىڭ تۇغقانلىرىنى گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىردى
فىرانسىيە پارلامېنتى جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرەشكە ئائىت قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى
«Axios» تورى ترامپ بىلەن نېتانياھۇنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى
ئىسرائىلىيەلىكلەر غەربىي قىرغاقتا بىر مەسچىتنى ۋە بىر ئاپتوموبىلنى كۆيدۈرۈۋەتتى
رۇسىيە: كىيېۋ ۋە خاركىۋ رايونلىرىدىكى ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەردۇق
ترامپ: «ئىرانغا كۈنىنى كۆرسىتىپ قويىمىز»
سۈرىيەنىڭ ھاما ۋىلايىتىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 4 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمى قازا قىلدى
ھىندىستاننىڭ بىھار ئىشتاتىدا بالىلار ئولتۇرغان بىر پاراخوت ئۆرۈلۈپ كەتتى
ترامپ: تەيۋەن ئالياسكا تۈرىدىكى تەبىئىي گازنىڭ %30 ىنى 20 يىل بويىچە سېتىۋالىدۇ