تۈركىيە
5 مىنۇت ئوقۇش
خەلقئارا قانۇن بىلەن ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسى گىرەلىشىپ كەتكەن غەززە
«2026-يىللىق ت ر ت ۋورلد مۇنبىرى» (TRT World Forum 2026) دائىرىسىدە، «خەلقئارا قانۇن بىلەن ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسى گىرەلىشىپ كەتكەن غەززە» تېمىلىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
خەلقئارا قانۇن بىلەن ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسى گىرەلىشىپ كەتكەن غەززە
2026-يىللىق ت ر ت ۋورلد مۇنبىرى

«خەلقئارا قانۇن بىلەن ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسى گىرەلىشىپ كەتكەن غەززە» تېمىلىق مۇھاكىمە يىغىنىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇنىڭغا قارشى ئۈنۈمسىز ھەرىكەتلىرى ۋە كىشىلەرنىڭ بۇ چارەسىزلىككە بولغان بارغانسېرى ئېشىۋاتقان نارازىلىقى مۇزاكىرە قىلىندى.

ئېچىلىشىدا تۈركىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى (MİT) نىڭ باشلىقى ئىبراھىم كالىن سۆز قىلغان ھەمدە رىياسەتچىلىكىنى ت ر ت ۋورلد (TRT World) نىڭ مۇخبىرى غىدا فاخرى ئۈستىگە ئالغان بۇ يىغىندا، جەنۇبىي ئافرىقانىڭ سابىق خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ۋە ھەمكارلىق مىنىستىرى گرايس نالېدى ماندىسا پاندور (Grace Naledi Mandisa Pandor)، خەلقئارا كىرىزىس گۇرۇپپىسى رەئىسى دوكتور كومفورت ئېرو (Dr. Comfort Ero)، «چېگراسىز دوختۇرلار تەشكىلاتى» (MSF) ئەزاسى دوكتور جاۋىد ئابدۇلمۇنئىم ۋە ب د ت پەلەستىن ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىنىڭ سابىق ماسلاشتۇرغۇچىسى لىن خاستىڭس (Lynn Hastings) لار سۆز قىلدى.

پاندور جەنۇبىي ئافرىقانىڭ خەلقئارا سوت مەھكىمىسىدە (UAD / ICJ) ئىسرائىلىيە ئۈستىدىن ئەرز سۇنۇش ئارقىلىق غەززەدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ ئاددىي كىرىزىس ياكى ئۇرۇش ئەمەسلىكىگە بولغان قەتئىي ئىشەنچىنى كۆرسەتكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «بۇ ھەقىقەتەن رەھىمسىزلەرچە ھۇجۇم ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىدى، بىز بۇنىڭ ئېنىق، كەسكىن شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىنى تەلەپ قىلدۇق» دېدى.

ئۇ ۋاقىتلاردا كۆپلىگەن سۆھبەتداشلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتاشنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئاشۇرۇۋېتىلگەنلىك بولىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، بۈگۈنكى كۈندە بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسىغا يەتكەنلىكىنى، ھازىر نۇرغۇن دۇنيا رەھبەرلىرىنىڭ مۇشۇنداق ئاتاۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ ھەقىقەتنى قوبۇل قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ خەلقئارا سوت مەھكىمىسىدە دەۋا مۇساپىسىنىڭ بەك ئاستا ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى ۋە ب د ت تۈزۈمى ئىچىدە كۈچلۈك ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنىڭ يوقلۇقىنى تىلغا ئېلىپ: «بىزدە پۈتۈم ۋە كېلىشىملەر ئاساسىدا شەكىللەنگەن كەڭ خەلقئارالىق قانۇن رامكىسى بار، ئەمما ئەپسۇسكى تىنچلىقنى مەجبۇرىي ئورنىتىش ۋە ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرەلمىدۇق» دەپ سۆزلىدى.

ب د ت نىڭ تۈپ يىلتىزىدىن ئىسلاھ قىلىنىشى تىلغا ئېلىنغاندا، كەلگۈسىدە قولغا ئېلىنىشى كېرەك بولغان مۇھىم نۇقتىنىڭمۇ مۇشۇ ئىكەنلىكىنى، ئەزا دۆلەتلەر تۈزۈلگەن شەرتنامە-پۈتۈملەرنى تەستىقلىغان ئىكەن، ئۇلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مەسئۇلىيىتىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن پاندور مۇنداق باھا بەردى: «ئىمزالىرىمىز پەقەت قەغەز ئۈستىدىكى ئۈنۈمسىز سىياھ ئىزى بولۇپلا قالماسلىقى كېرەك. ئەپسۇسكى، بىز پۈتۈنلەي ئىمزالىرىمىزنىڭ ھېچقانداق مەجبۇرىيىتى يوقتەك ھەرىكەت قىلىۋاتىمىز، تەرەپ بولغان ئەھدىنامىلەرنىڭ تەلىپىنى ئورۇندىمايۋاتىمىز.»

«بىزگە كېرەك بولغىنى <ئاپارتېئىد ئىسرائىلىيە> نىڭ ئالدىدا قەد كۆتۈرۈپ چىقالايدىغان جەسۇر رەھبەرلەردۇر»

پاندور پەلەستىن خەلقىنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنچە ئۇزۇن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقانلىقىغا دىققەت تارتىپ، تۆۋەندىكىلەرنى قەيت قىلدى:

«جەنۇبىي ئافرىقادىكى ئاپارتېئىد (ئىرقىي ئايرىمىچىلىق) تۈزۈمىگە قارشى تۇرۇپ ئېلىپ بارغان كۈرىشىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچلىرىنىڭ بىرىنىڭ، بىز ‹خەلقئارالىق ھەمدەملىك› دەپ ئاتىغان ئۇقۇم ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر. بۇ، دۇنيانىڭ بىز بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشى ئىدى. بۈگۈن بولسا، دۇنيانىڭ يېتەرلىك دەرىجىدىكى زور بىر قىسمى پەلەستىنلىكلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرمايۋاتىدۇ. بۈگۈن دۇنيا يېتەرلىك دەرىجىدە جەسۇر ئەمەس. دۇنيانىڭ كۆپ قىسمى بايقۇت قىلىش، ئېمبارگو يۈرگۈزۈش ۋە مەبلەغنى چېكىندۈرۈش قاتارلىق خەلقئارالىق ھەمدەملىكنىڭ بارلىق ئامىللىرىدىن پايدىلانمايۋاتىدۇ. بىز ئاپارتېئىد تۈزۈمىدىكى ئىسرائىلىيەگە بەكلا كەڭ قورساقلىق قىلىۋاتىمىز. مېنىڭچە بىزگە ئەڭ كېرەكلىك بولغىنى، پەلەستىن خەلقى ئۆز ئەركىنلىكىگە ئېرىشكەنگە قەدەر، ئۇلارنىڭ نامىدىن ئاپارتېئىد ئىسرائىلىيەنىڭ ئالدىغا چىقالايدىغان جەسۇر رەھبەرلەردۇر.»

جەنۇبىي ئافرىقانىڭ «ئاپارتېئىد» قا قارشى كۈرىشى جەريانىدا بولغان سىياسىي ئەخلاقنىڭ ھازىر يوقالغانلىقىنى ئەسكەرتكەن پاندور، نەچچە ئون يىل ئىلگىرى پۈتۈن دۇنيا ئەھمىيەت بەرگەن قىممەت قاراشلار ۋە پىرىنسىپلارنىڭ ئۆچۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مەسىلە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى بەش دائىمىي ئەزانىڭ ئۆز كۈچىنى ياخشىلىق ئۈچۈن ئىشلىتەلمەسلىكىدۇر

پاندور بۇ ئەخلاقنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ: «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ‹دۇنيا بەشتىن چوڭتۇر› دېگەندە دەل تۈپ نۇقتىنى كۆرسەتكەن ئىدى، بۇ يەردىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلىمۇ دەل شۇ. پۈتۈن دۇنيا دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ مەسىلە، شۇ بەش دۆلەتنىڭ قولىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان غايەت زور كۈچىنى دۇنيانىڭ مەنپەئەتى ۋە ياخشىلىقى ئۈچۈن ئىشلىتەلمەسلىكىدۇر» دېدى.

جەنۇبىي ئافرىقانىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئەركىنلىككە ئېرىشكەنلىكىنى ۋە پەلەستىننىڭمۇ ئوخشاشلا ئەركىن بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن پاندور، پۈتكۈل رايوننىڭ پەلەستىننىڭ ئەركىنلىكىنى قوللاشتا بىر سەپتە ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خەلقئارا كىرىزىس گۇرۇپپىسى رەئىسى دوكتور كومفورت ئېرو جەمئىيەتلەر بىلەن دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا چوڭ ھاڭ پەيدا بولغانلىقىنى، بۇنىڭ سايلاملاردا روشەن كۆرۈلۈۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ، خەلقنىڭ ئەمدى ئۆز كۆز ئالدىدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرگە پەرۋاسىز قاراپ تۇرمايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ بۇ دەرىجىدىكى ئادالەتسىزلىكنى قوبۇل قىلمايدىغان يېڭى بىر ئەۋلادنىڭ يېتىشىپ چىققانلىقىغا دىققەت تارتىپ، بۇ كىشىلەرنىڭ سايلام مەزگىللىرىدە نارازىلىقلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقىنى ھەمدە بۇ خىل جىنايەتلەرگە ۋە ئادالەتسىزلىكلەرگە قانداق بولۇپ كۆز يۇمۇلغانلىقىنى سۈرۈشتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ ماسلىشىپ، بۇ جىنايەتلەرگە دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتالايدىغانلىقىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى بىلدۈرۈپ، يالغۇز يۈرگۈزۈلۈش ئېھتىمالى بولغان ئېمبارگولاردىنلا ئۈنۈم بېرىشىنى كۈتكىلى بولمايدىغانلىقىنى، بەلكى ئۇلارنىڭ ئەتراپلىق بىر تەدبىرلەر پىلانىنىڭ تەركىبىي قىسمى بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ب د ت پەلەستىن ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىنىڭ سابىق ماسلاشتۇرغۇچىسى لىن خاستىڭس ب د ت نىڭ ئىمكانىيىتىنىڭ بارىچە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ساھەسىدىكى شېرىك ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىكتە ئىشلەشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، ب د ت نىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم مۇساپىسىنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈچۈن نۇرغۇن دۆلەتلەردە ھەر كۈنى نەق مەيداندا دىپلوماتىك سۆھبەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

دۆلەتلەر ئىنسانپەرۋەرلىك خىزمەتچىلىرىنىڭ گۇۋاھچى بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى تۈپەيلىدىن ئۇلارنى خالىماسلىقى مۇمكىن

مۇزاكىرە جەريانىدا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ يەتكۈزۈلۈشىنى خالىمايدىغان ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئوخشاش سەۋەبلىرى بارلىقىنى ئەسكەرتكەن خاستىڭس مۇنداق دېدى: «نەق مەيداندا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى يەتكۈزۈۋاتقاندا، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ياكى ئۇرۇش جىنايىتىنىڭ دەلىللىرىگە ئۆز كۆزىڭىز بىلەن گۇۋاھ بولۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. شۇڭا، ھۆكۈمەتلەر سىزنىڭ بۇ ئۇچۇرلارنى توپلىشىڭىزنى خالىمايدۇ. مېنىڭچە پەلەستىندىكى ئەڭ ئاساسلىق پەرق ۋەزىيەتنىڭ ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىشىۋاتقان خاراكتېرى ۋە رايونغا كىرىپ-چىقىشتىكى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان چەكلىمىلەردۇر. بىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نىشانىمىز ئەلۋەتتە ۋەزىيەتنىڭ ياخشىلىنىشى ئىدى، ئەمما ھەممە نەرسە كۈندىن-كۈنگە تېخىمۇ ناچارلىشىپ كەتتى.»

ئۇ  تارىخنىڭ ھازىرقى ئۇسۇلنىڭ تىنچلىق ئورنىتىشتا ئۈنۈمسىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، يېڭى پوزىتسىيە ۋە ئۇسۇلنى قوللىنىش كېرەكلىكىنى ھەمدە ھازىر ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سۆھبەتلەرنىڭ يېتەرلىك ئۈنۈم بەرمەيۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

«چېگراسىز دوختۇرلار تەشكىلاتى» نىڭ ئەزاسى جاۋىد ئابدۇلمۇنئىم غەززەدىكى ئەڭ گەۋدىلىك مەسىلىلەرنىڭ بىرىنىڭ پۇقرالار ھاياتىنىڭ پۈتۈنلەي نەزەردىن ساقىت قىلىنىشى ئىكەنلىكىگە دىققەت تارتىپ، بىر دوختۇر بولۇش سۈپىتىدە غەززەدە يۈز بەرگەن ۋە ئۆزى شاھىت بولغان ھۇجۇملارنىڭ بەزىلىرىنى بايان قىلدى.

ئۇ تۆت نەپەر ئەسىرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن دىققەتنى بۆلۈش مەقسىتىدە بىر بازارغا قىلىنغان ھۇجۇمدا يارىلانغان ۋە جېنىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ تەخمىنەن 1000 ئادەمگە يەتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

غەززەدە پۇقرالار ھاياتى پۈتۈنلەي دەپسەندە قىلىنماقتا

ئۆزى تۇرۇۋاتقان دوختۇرخانىدا نۇرغۇن يارىدارلارنىڭ كەلتۈرۈلگەنلىكىگە گۇۋاھ بولغانلىقىنى ۋە بۇ ھۇجۇملارنىڭ «ئىنسانپەرۋەرلىك رايونى» دەپ ئېلان قىلىنغان جايلاردا يۈز بەرگەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئابدۇلمۇنئىم: «شۇڭلاشقا پۇقرالار ھاياتىنىڭ بۇ دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنىشى ۋە نەزەرگە ئېلىنماسلىقى، مېنىڭچە دۇنيانىڭ باشقا ھېچقانداق بىر يېرىدە كۆرۈلمىگەن، ھەقىقەتەن ئىنتايىن بىنورمال بىر ئەھۋال» دېدى.

ئابدۇلمۇنئىم ئىككىنچى مۇھىم ئامىلنىڭ رايوندىكى ۋەزىيەتنىڭ سىستېمىلىق تۈسكە كىرىپ كەتكەنلىكى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «بىز ساغلام ياشاش پۇرسىتىنىڭ پۈتۈنلەي يوقىتىلغانلىقىنى كۆردۇق. مانا بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ دەل ئۆزىگە ئىشارەت قىلىدۇ» دېدى.

كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشتىكى ئەڭ ئەقەللىي ئېھتىياجلىرىدىنمۇ مەھرۇم قالغانلىقى ئۈستىدە  توختالغان ئابدۇلمۇنئىم، غەززە ۋە غەربىي قىرغاقتا ساقلىق ساقلاش سىستېمىلىرى بىلەن بىرگە، تېببىي خادىملارنىڭمۇ بىۋاسىتە ھۇجۇم نىشانىغا ئايلانغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى، قىيىناققا ئېلىنغانلىقىنى ۋە ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ ئۆزىنىڭ خىزمەتداشلىرىدىن بىرىنىڭ قانۇنىي جەھەتتە ھېچقانداق ئەيىبلەنمەي ۋە سوت ئېچىلماستىن ئىسرائىلىيە تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى سۆزىگە ئىلاۋە قىلدى.

 

ئىزدىنىڭ
سۈنئىي ئەقىلنىڭ ئاتىسى گېئوففرېي ھىنتون: ئەسلا تەرەققىي قىلدۇرۇلمىغان بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى
ئىران پارلامېنت باشلىقى: ئامېرىكا خەلقى ئۇرۇشقا ياق دېدى، بىز بۇ ئۇچۇرنى قوللايمىز
2026-يىللىق ئامېرىكا ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلىمى: دېموكراتلار كېڭەش پالاتاسىدا كۆپ سانلىقنى ئىگىلىدى
ياۋروپالىق ئوت ئۆچۈرگۈچىلەر بىريۇسسېلدا خامچوت قىسقارتىشقا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى
كىرېمىل: پۇتىن، ترامپ ۋە شى ئوتتۇرىسىدا كۆرۈشۈش تەييارلىقى داۋاملاشماقتا
تېھراندىكى ئىنقىلاب مەيدانىغا ترامپنى قەستلەش نىشان قىلىنغان پىلاكات ئېسىلدى
رۇسىيە تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى خىزمىتىگە قاتنىشىشقا يېشىل چىراغ ياقتى
شىمالىي كورېيە «باينەنس»تىكى ئوغرىلىققا چېتىشلىقى بار دېگەن ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكا يەنە ھۇجۇم قىلسا، ئۇرۇش پەقەت غەربىي ئاسىيا بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ئامېرىكا قىسىملىرى ئىراننىڭ قەشم ئارىلىغا «چەكلىك» زەربە بەردى
ئامېرىكا ئەبۇزەبىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان رۇسىيە-ئۇكرائىنا تىنچلىق سۆھبىتىگە مۇرەسسەچىلىك قىلىدۇ
بېلەت تاشلاش باشلاندى: نەتىجە ترامپنىڭ قالغان ئىككى يىللىق ۋەزىپە مۇددىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ
رۇسىيە: ئىرانغا قارىتىلغان يېڭى ھەربىي ھۇجۇم پىلانلىرى ھەققىدىكى خەۋەرلەر قاتتىق ئەندىشە قوزغىماقتا
كارنېي بىلەن ترامپ ئىككى دۆلەتنىڭ سودا مۇناسىۋىتى ئۈستىدە سۆھبەتلەشتى
كېرېمىل سارىيى: زېلېنىسكىي تېلېفون قىلسا، پۇتىن جاۋاب بېرىدۇ