تۈركىيە
3 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە بۈگۈن تاجاۋۇزچى كۈچلەرگە قارشى غەلىبىسىنىڭ 103 يىللىقىنى تەبرىكلەيدۇ
تۈرك خەلقى 30-ئاۋغۇست زەپەر بايرىمىدا، مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ رەھبەرلىكىدە 1922-يىلى قولغا كەلتۈرۈلگەن ھەمدە ئانادولۇدىكى ھۆكۈمرانلىقى ۋە مەۋجۇتلۇقىنى مەڭگۈلۈك قىلغان غەلىبىسىنى تەبرىكلەيدۇ.
تۈركىيە بۈگۈن تاجاۋۇزچى كۈچلەرگە قارشى غەلىبىسىنىڭ 103 يىللىقىنى تەبرىكلەيدۇ
تۈرك ئەسكەرلىرى گرېك كۈچلىرىنى يېڭىپ، ئانادولۇدىكى چەت ئەل ئىشغالىيىتىنى ئاخىرلاشتۇردى. سۈرەت: ئانادولۇ ئاگېنتلىقى. / AA
2025-يىلى8-ئاينىڭ30-كۈنى

تۈركىيە 1922-يىلى گرېك ئارمىيەسىگە قارشى دۇملۇپىنار ئۇرۇشىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن غەلىبىنىڭ 103 يىللىقىنى تەبرىكلەيدۇ. بۇ غەلىبە ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ رەھبەرلىكىدە، بۈيۈك ھۇجۇمنىڭ بىر قىسمى بولغان بۇ ھەربىي ھەرىكەت، 26-ئاۋغۇست باشلىنىپ 18-سېنتەبىر ئاخىرلاشقان بولۇپ، تۈركىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

تارىخشۇناسلار ئاتاتۈركنىڭ قوماندانلىقىدىكى بۇ غەلىبە، تۈركىيەنىڭ ئۆز تەقدىرىنى بەلگىلەش ئىرادىسىنى ۋە ئانادولۇدىكى مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقىنى جاكارلىدى، دەپ تەكىتلەيدۇ.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانمۇ زەپەر بايرىمىنى تەبرىكلەپ: «30-ئاۋغۇست زەپەر بايرىمى پەقەت بىر ھەربىي غەلىبە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە خەلقىمىزنىڭ قايتا تىرىلىشىنىڭ، مەۋجۇتلۇق كۈرىشىنىڭ ۋە ئەبەدىي مۇستەقىللىقىنىڭ ئىسپاتىدۇر» دېدى.

ئەردوغان مۇنداق دېدى:

«بۈگۈنكى ۋەزىپىمىز، 30-ئاۋغۇستتا يېقىلغان مۇستەقىللىق مەشئىلىنى ئىتتىپاقلىق ۋە باراۋەرلىك بىلەن تېخىمۇ كۈچلۈك كېلەچەككە يەتكۈزۈشتۇر.»

بۇ مۇبارەك كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكنامە ئېلان قىلغان تۈركىيە ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئىبراھىم كالىن يازمىسىدا مۇنۇلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

«خەلقىمىزنىڭ مۇستەقىللىق ۋە ئەركىنلىك سۆيگۈسى قەتئىي ئىرادە بىلەن بېزەلگەن 30-ئاۋغۇست غەلىبىسىنىڭ 103 يىللىقىنى خاتىرىلەيمىز. تارىخ بويىچە نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى ئىتتىپاقلىق، باراۋەرلىك ۋە ئىشەنچ بىلەن يېڭىپ كەلگەن ئەزىز خەلقىمىز، بۈگۈنمۇ ئوخشاش قەتئىي ئىراە ۋە ئەقىل-پاراسەت بىلەن كەلگۈسىگە قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە. بىز دۆلەتلىك ئىستىخبارات ئىدارىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بۇ مۇبارەك مىراسنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقى، خەلقىمىزنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇستەقىللىقىمىزنىڭ كاپالىتى ئۈچۈن ۋەزىپىمىزنى زور تىرىشچانلىق  ھەمدە سەزگۈرلۈك بىلەن داۋاملاشتۇرىمىز.»

ئۇ سۆزىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇردى:

 «بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ئالدى بىلەن غازى مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرىنى، شۇنداقلا بۇ زېمىننى بىزگە ۋەتەن قىلغان بارلىق شېھىدلىرىمىزنى رەھمەت، مىننەتدارلىق ۋە ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيمەن؛ ئەزىز خەلقىمىزنىڭ 30-ئاۋغۇست زەپەر بايرىمىنى چىن قەلبىمدىن سەمىمىي تەبرىكلەيمەن.»

تۈرك تارىخ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى يۈكسەل ئۆزگەن بۇ غەلىبىنى 1071-يىلدىكى مالازگىرت غەلىبىسىگە ئوخشىتىپ، بۇ غەلىبىنىڭ تۈرك خەلقىنىڭ ئانادولۇ زېمىنىدا مەڭگۈ يىلتىز تارتىدىغانلىقىنىڭ جاكارلىنىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۆزگەن مۇنداق دېدى:

«مالازگىرت ئۇرۇشى بۇ جۇغراپىيەنىڭ بىزگە دەرۋازىسىنى ئېچىپ، يېڭى بىر ئۇپۇق، يېڭى بىر مەدەنىيەت بەرپا قىلىش ئىمكانىيىتىنى بەخش ئەتكەندەك، بۈيۈك ھۇجۇم ۋە 30-ئاۋغۇست زەپىرىمۇ تۈركلەرنىڭ ئانادولۇدا مەڭگۈ ياشايدىغانلىقىنى، ياشايدىغانلىقىمىزنى ۋە بۇ ئىرادىمىزنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىدىغانلىقىنى پۈتكۈل دۇنياغا جاكارلىدى.»

ئۇ سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى:

 «بۈيۈك ھۇجۇم، ئىمپېرىيالىست كۈچلەر تۈركلەرگە كىيدۈرمەكچى بولغان كىيىمنى يىرتىۋەتتى. تۈركلەرنى ئاۋال ياۋروپادىن، ئاندىن ئانادولۇدىن ئوتتۇرا ئاسىياغا قوغلىۋەتمەكچى بولغان ئىدىيەگە بېرىلگەن بىر زەربە.»

ئىشغالىيەتنىڭ ئاخىرلىشىشى

ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا يېڭىلگەندىن كېيىن، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر  ئىمپېرىيەنىڭ زېمىنلىرىنى ئىشغال قىلدى. بۇ ئەھۋال «ئازادلىق ئۇرۇشى» دەپ ئاتالغان كەسكىن قارشىلىق كۆرسىتىشنى پۈتكۈل مەملىكەت بويىچە قوزغىدى.

تۈرك ئەسكەرلىرى ئاتاتۈركنىڭ رەھبەرلىكىدە ئانادولۇدىكى چەت ئەل كۈچلىرىنىڭ كونتروللۇقىنى يوق قىلدى.

1922-يىلى 30-ئاۋغۇست كۈتاھيانىڭ غەربىدىكى دۇملۇپىناردا يۈز بەرگەن بۇ ھالقىلىق جەڭ، گرېك قىسىملىرىنىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن، تۈرك-گرېك ئۇرۇشىنى تۈركىيە پايدىسىغا ۋە قايتۇرۇۋالغىلى بولمايدىغان شەكىلدە ئۆزگەرتتى.

1922-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىغىچە چەت ئەل قىسىملىرى ئىشغال قىلغان زېمىنلاردىن چېكىنىپ چىقتى ۋە كېيىنكى يىلى (1923-يىلى 29-ئۆكتەبىر) تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ جاكارلىنىشىغا ئاساس تەييارلاندى.

بۈگۈنكى كۈننىڭ مەنىسى ۋە ئەھمىيىتىگە ئاساسەن، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مىنىستىرلار ۋە گېنېراللار بىلەن بىرلىكتە پايتەخت ئەنقەرەدىكى ئاتاتۈرك  خاتىرە سارىيى ئىچىدىكى  ئاتاتۈرك قەبرىسىگە گۈلچەمبىرەك قويۇشى كۈتۈلمەكتە.

ئىزدىنىڭ
خاقان فىدان ئىراننىڭ «پەردە ئارقىسى دىپلوماتىيەسى» گە ئوچۇق بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى
ھاماس ئىراننى قوشنا دۆلەتلەرنى ھۇجۇم نىشانى قىلماسلىققا چاقىردى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇمىدا ئالتە كىشى قازا قىلدى
ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا يەھۇدىي كۆچمەنلەر پەلەستىنلىكلەرگە ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە 2000 كىلومېتىر مۇساپىلىق، سۈنئىي ئىدراكلىق «كامىكازې» ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى ئېلان قىلدى
ترامپ ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ خارگ ئارىلىنى كەڭ كۆلەمدە بومباردىمان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى
ئەردوغان: تۈركىيەنى رايوندىكى «ئوت قاينىمى» دىن يىراق تۇتۇش ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە
ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرققە تېخىمۇ كۆپ ئەسكەر ۋە ئۇرۇش پاراخوتى ئەۋەتىدۇ
تۈركىيە بايرىقى ئېسىلغان بىر پاراخوت ھۆرمۈز بوغۇزىدىن ئۆتتى
پاكىستان باش مىنىستىرى شېرىف دۆلىتىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننى «تولۇق قوللايدىغانلىقى» غا ۋەدە بەردى
ئىران تۈركىيە ھاۋا تەۋەلىكىگە قويۇپ بەرگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبا ناتو تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىندى
رۇسىيە خەلقئارا ئېنېرگىيە بازىرىنىڭ ئۆزىگە موھتاجلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئامېرىكاغا بېسىم ئىشلەتمەكتە
پاكىستان ئافغانىستاننىڭ كابۇل شەھىرى ۋە بىر قىسىم چېگرا ۋىلايەتلىرىگە يېڭىدىن ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە خىتاي ئىران يادرو پىروگراممىسى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە بىر – بىرىنى ئەيىبلىدى
ئىسرائىلىيەنىڭ بېيرۇتتىكى ھۇجۇمىدا ئىككى كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى