ئەردوغان: ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيە ۋە لىۋانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى تۈركىيەگىمۇ تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ
ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
ئەردوغان: ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيە ۋە لىۋانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى تۈركىيەگىمۇ تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتىدۇتۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خەلقئارا جەمئىيەتنى ئىسرائىلىيەنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك مۇقىملىققا تەھدىت سېلىشىنى توختىتىشقا چاقىردى.
ئەردوغان: ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيە ۋە لىۋانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى تۈركىيەگىمۇ تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ / AA

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيە ۋە لىۋانغا قاراتقان ھۇجۇملىرىنىڭ، بۇ ئىككى دۆلەتكە ئوخشاشلا ئەمدىلىكتە تۈركىيەگىمۇ تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان بىر نۇقتىغا كەلگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ «تاجاۋۇزچىلىقى» نىڭ پۈتكۈل دۇنياغا تەھدىت شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى ۋە چوقۇم توختىتىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

چارشەنبە كۈنى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) دە پارلامېنت ئەزالىرىغا خىتاب قىلغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئىسرائىلىيەنى ئاقدېڭىزنى ۋە تېخىمۇ كەڭ بىر رايوننى تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك مۇقىمسىزلىققا ئىتتىرىدىغان ئۇرۇنۇشلاردا بولۇش بىلەن ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى:

«تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىكى پەقەت خاتايدىنلا باشلانمايدۇ، بەلكى ھەلەبتىن باشلىنىدۇ، دەمەشق تىن باشلىنىدۇ. تۈركىيەدىكى بىخەتەرلىك بېيرۇتتىن باشلىنىدۇ. بىز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دۆلەتلىرىدە ھېچقانداق زورلۇق-زومبۇلۇققا يول قويمايمىز، قېرىنداشلىرىمىزغا قارىتىلغان ھېچقانداق ھۇجۇمغا سۈكۈت قىلىپ تۇرمايمىز. دەرۋەقە، دۆلەت بىخەتەرلىكى چېگرادىن ھالقىپ كەتتى.»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يەنە، تۈركىيەنىڭ «ۋەدە قىلىنغان تۇپراقلار» (ئارزى مەۋئۇد) خام خىيالىنىڭ ئاخىرقى نىشانىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن بۇنىڭغا ھەرگىز يول قويمايمىز» دېدى.

باشقا دۆلەتلەرنى ئىسرائىلىيە بىلەن بىر سەپتە تۇرماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان ئەردوغان: «ھېچكىم خەۋپكە تەۋەككۈل قىلمىسۇن. ھېچكىم زىيونىست قىرغىنچىلىق شايكىسىغا ئەگەشمىسۇن» دېدى.

ئەردوغان ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرىكەتلىرى چەكلەنمىسە تېخىمۇ ئېغىر ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ مۇنداق دېدى:

«ئەگەر ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ قاراقچىلىقىغا تاقابىل تۇرۇلمىسا، بۇنىڭ جازاسىنى رايون بىلەن بىرگە پۈتكۈل ئىنسانىيەت تارتىدۇ. ئىسرائىلىيە چوقۇم توختىتىلىشى كېرەك. بۇ ئىنسانىيەتنىڭ ۋە ئىنسانىيەتنىڭ مەڭگۈ باش تارتالمايدىغان مۇقەددەس بۇرچىدۇر. تارىخنىڭ تەكرارلىنىشىغا يول قويماسلىق كېرەك.

ھېچكىمنىڭ خەۋپكە تەۋەككۈل قىلماسلىقى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ پىتنىخور كېمىسىگە ئولتۇرماسلىقى كېرەك. ئەگەر ئاقدېڭىزدا تۈركىيەنىڭ ۋە قىبرىس تۈرك خەلقىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىغا دەخلى-تەرۇز قىلىنسا، شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، بىزنىڭ جاۋابىمىز ئىنتايىن ئېنىق ۋە ئىنتايىن قاتتىق بولىدۇ.»

ئىسرائىلىيەنىڭ چوقۇم توختىتىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، تېخىمۇ كۆپ جىددىيچىلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مەسىلىسىگە ئايلانغانلىقىنى، ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىشىنى توسۇشنىڭ بارلىق ئىنسانىيەتنىڭ مەسئۇلىيىتى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى بىر قىسىم ئۆي ۋە ئورۇنلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى
بەھرەين ۋە كۇۋەيتتە ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرى چېلىنىپ، خەلق بىخەتەر رايونلارغا كېتىشكە چاقىرىلدى
ئىران: «كۆزگە كۆز» ئۆچ ئالىمىز
تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 4 كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرىگە ئايلاندى
خىتاي تەيۋەن بوغۇزىدا ئىككى كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى
مارىيا تېرېسا لازارو بىلەن ۋاڭ يى ئىككى تەرەپلىك ئالاقىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇسىيە ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى
تايلاندتىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 5 ئەسكەر قازا قىلدى
قۇددۇس ۋالىيلىقى 1300 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىكنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
پاكىستان بىلەن ھىندىستاندا شىددەتلىك يامغۇر ئاپەتىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا
ئاتلانتىك ئوكيانغا چۈشۈپ كەتكەن «Pan Am» ئايروپىلانىنىڭ پارچىلىرى 74 يىلدىن كېيىن تېپىلدى
ئامېرىكا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھاۋا بومباردىمانىنى باشلىدى
يەمەندىكى ھۇسىيلار قىزىل دېڭىزدا سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ خۇزىستان ئۆلكىسىگە قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا 2 كىشى قازا قىلدى