خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدىكى ئېبولا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 5 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى
كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدە ئېبولا يۇقۇمى تېز سۈرئەتتە تارقىلىۋاتقان بولۇپ، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 5 مىڭدىن ئېشىپ، ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 2 مىڭ 378 گە يەتتى.
كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدىكى ئېبولا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 5 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى
كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدىكى ئېبولا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 5 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى / AP

ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ سەيشەنبە كۈنى كېچىدە ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدە ئېنىقلاپ چىقىلغان ئېبولا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 5 مىڭدىن ئاشقان. سەھىيە دائىرىلىرى بولسا يۇقۇمغا قارشى كۈرەش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ جانغا زامىن بولىدىغان بۇ كېسەللىكنى كونترول قىلىشتا يېتەرسىز قېلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەرمەكتە.

خەلق سەھىيە ئىنستىتۇتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۆلەتتىكى 17-قېتىملىق ئېبولا يۇقۇمى ئىيۇل ئېيىنىڭ ئاخىرىدا يۇقۇملانغۇچىلار سانى جەھەتتە تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن، ھەپتە ئاخىرىغىچە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 2 مىڭ 378 گە يەتكەن.

ئىنستىتۇتنىڭ ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا 5 مىڭ 21 كىشىنىڭ ئېبولا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. بۇ ئەھۋال مەزكۇر يۇقۇمنى مەيلى يۇقۇملىنىش ياكى ئۆلۈم سانى جەھەتتىن بولسۇن، غەربىي ئافرىقادا 2014-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە داۋاملاشقان ئېبولا يۇقۇمىدىن كېيىنكى دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر ئىككىنچى يۇقۇمغا ئايلاندۇردى.

مەزكۇر يۇقۇم ھازىرچە تەستىقلانغان ۋاكسىنىسى ياكى ئالاھىدە داۋالاش ئۇسۇلى بولمىغان «بوندىبۇگيو» تىپىدىكى ئېبولا ۋىرۇسىدىن كېلىپ چىققان.

يۇقۇم 15-مايدا باشلانغانلىقى ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان تېز سۈرئەتتە تارقالدى. دۆلەتنىڭ سەھىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ ئاجىزلىقى، ئاھالىنىڭ كېسەللىككە قارشى تۇرۇش كۈچىنىڭ تۆۋەنلىكى، مۇقىمسىزلىق ۋە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئەترەتلىرىنىڭ نارازىلىق نامايىشلىرى سەۋەبىدىن، يۇقۇملانغۇچىلارنى ئېنىقلاپ چىقىش ۋە كونترول قىلىش خىزمەتلىرى ئاقساپ قالماقتا.

ئىزدىنىڭ
قالىباف: تېھران ئامېرىكا ھۇجۇملىرىغا «ئازابلىق» جاۋاب قايتۇرىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەنە بەش پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
ھىندونېزىيەدە يانار تاغ پارتلىغاندىن كېيىن 1500 دىن ئارتۇق ئايروپىلان سەپىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
6-نۆۋەتلىك دۇنيا كۆچمەنلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە قىرغىزىستان چېمپىيون بولدى
تۈركىيە ئاياللار دۆلەتلىك ۋالىبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونى بولدى
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى ياۋروپادىكى بىرىنچىلىك ئورنىنى ساقلاپ قالدى
پارىژدا پەلەستىننى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى
كرېمىل: «پۇتىن ئامېرىكالىق ۋەكىللەر بىلەن ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدا ئىنتايىن ئوچۇق سۆھبەتلەشتى»
ھىندونېزىيەنىڭ ئاساسلىق ئايرودۇرۇمى ۋولقان پارتلىشىدىن كېيىن پائالىيىتىنى توختاتتى
ئامېرىكانىڭ قورشاۋى ۋاشىنگتونغا ئىرانغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ قىممەتكە چۈشۈشى مۇمكىن
ئىران ئامېرىكانىڭ قانۇنسىز ھۇجۇملىرىغا «تېخىمۇ ئېغىر» ئۆچ ئېلىش بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ
«نېتانياھۇنىڭ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى، ئىسرائىلىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا چېتىشلىق بىر ئېھتىياج»
يەمەن ئارمىيەسى شىمالىي ئەلجەۋفتىكى خۇسىيلارنىڭ ھەربىي لاگېرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى قۇنەيترا ئەتراپىنى بومباردىمان قىلدى
ئىسرائىلىيە گېزىتى: قەرزدارلارنىڭ قەرزلىرىنى كەچۈرۈم قىلىپ، ئىرانغا تاجاۋۇز قىلىشقا ئەۋەتىڭلار