سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
رۇسىيە: ئەنگلىيەلىك دىپلوماتلار ھەققىدە ئۇچۇر توپلىغان «ئۇكرائىنا جاسۇسى» قولغا ئېلىندى
رۇسىيە فېدېراتسىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسى موسكۋادىكى ئەنگلىيە ئەلچىخانىسىنىڭ خەۋپسىزلىك خادىمىنى ئۇكرائىنا ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ تۇتقۇن قىلدى.
رۇسىيە: ئەنگلىيەلىك دىپلوماتلار ھەققىدە ئۇچۇر توپلىغان «ئۇكرائىنا جاسۇسى» قولغا ئېلىندى
رۇسىيە: ئەنگلىيەلىك دىپلوماتلار ھەققىدە ئۇچۇر توپلىغان «ئۇكرائىنا جاسۇسى» قولغا ئېلىندى

رۇسىيە فېدېراتسىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسى (FSB)، ئەنگلىيە دىپلوماتلىرى ھەققىدە ئۇچۇر توپلىغانلىقى ۋە ئۇكرائىنا جاسۇسى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر رۇسىيە پۇقراسىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، قولغا ئېلىنغان 1981-يىلى تۇغۇلغان مەزكۇر كىشى ئەنگلىيەنىڭ موسكۋادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ خەۋپسىزلىكىنى قوغدايدىغان بىر شىركەتنىڭ خادىمى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇكرائىنا بىخەتەرلىك ئىدارىسى (SBU) ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقى بېكىتىلگەن.

FSB نىڭ باياناتىدا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، كىيېۋ ھاكىمىيىتى توپلانغان ئۇچۇرلارنى ئەنگلىيە دىپلوماتلىرىغا قارىتا تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى تەشكىللەشكە ئىشلەتمەكچى بولغان ۋە بۇ ئارقىلىق رۇسىيەنى ئەيىبلەپ، ئەنگلىيەنى رۇسىيە بىلەن بىۋاسىتە قوراللىق توقۇنۇشقا سۈرەپ كىرىشنى نىشان قىلغان. قولغا ئېلىنغان گۇماندار ئۆزىنىڭ ئۇكرائىنا ئىستىخباراتىغا ئىشلەيدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان بولۇپ، رۇسىيە تەرەپ بۇ ھەقتە ئەنگلىيەگە مەلۇمات يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىزدىنىڭ
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا ئائىت دەۋالىرىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
پۈتكۈل دۇنيا ئۈچ يىلدىن بۇيان تارىختىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىققا شاھىت بولماقتا
زېلېنسكىي: «موسكۋا ئۇكرائىناغا قارىتىلغان "چوڭ كۆلەملىك بىر ھۇجۇم" تەييارلىقىدا» دېدى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: «روسىيەگە  ۋاباغا سەۋەب بولغان ئۆلۈم ۋەقەسى توغرىسىدا ئوچۇق يورۇق بولسۇن»
فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رىما ھەسەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىسرائىلىيە بايرىقىنى چۈشۈرىۋەتتى