سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيە ئىران بىلەن قايتا ئۇرۇش پارتلاش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سالدى
ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاتز، ئىراننىڭ يادرو ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىلانلىرىنى قايتىدىن يولغا قويۇشىغا ھەرگىز يول قويۇلماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، رايوندا قەتئىي ھەربىي پوزىتسىيەدە بولۇشقا چاقىردى.
ئىسرائىلىيە ئىران بىلەن قايتا ئۇرۇش پارتلاش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سالدى
/ Reuters

ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يىسرائىل كاتز، ئىراننىڭ يادرو ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىلانلىرىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇشىنىڭ چوقۇم توسىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا يەنە بىر قېتىم توقۇنۇشنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بارلىقى  توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

ئىسرائىلىيەنىڭ «مائارىۋ» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كاتز باش ئىشتاب باشلىقى ئېيال زامىر ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانلار بىلەن ئۆتكۈزگەن بىخەتەرلىك ئەھۋالىنى مۆلچەرلەش يىغىنىدا: «ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇش قايتا پارتلىشى مۇمكىن» دېگەن.

ئۇ يەنە: «ئىراننىڭ يادرو ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىلانلىرىغا قايتىشىنىڭ مۇتلەق ئالدىنى ئالىدىغان بىر پىلان تۈزۈپ چىقىش شەرت» دېگەنلەرنى قەيت قىلغان.

كاتز سۆزىدە يەنە رايوندىكى ئىسرائىلىيەنىڭ باشقا تاجاۋۇزچىلىقلىرىنىمۇ تىلغا ئېلىپ: «غەززە ۋە يەمەندىن ئىبارەت ھازىر ئوچۇق تۇرۇۋاتقان ئىككى فىرونتىمىز بار. بۇلارمۇ ئىران، لىۋان ۋە سۈرىيەگە ئوخشاشلا قەتئىي ھۇجۇم سىياسىتى ئارقىلىق بىرتەرەپ قىلىنىشى كېرەك» دېگەن.

بۇ باياناتلار، ئىيۇن ئېيىدا ئىسرائىلىيە بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن قىسقا ئەمما كەسكىن توقۇنۇشلاردىن كېيىن ئېلان قىلىندى.

13-ئىيۇن، ئامېرىكانىڭ ھىمايىسىدىكى ئىسرائىلىيە ئىرانغا قارشى سەۋەبسىز ھۇجۇم قوزغىغان بولۇپ، ئۇرۇش ئۇدا 12 كۈن داۋاملاشقانىدى. بۇ ھەربىي ھەرىكەتلەردە ھەربىي ئورۇنلار، يادرو بازىلىرى، ئاددىي پۇقرالار، يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئوفىتسېرلار ۋە ئالىملار ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن زەربە ئوبيېكتى قىلىندى.

بۇنىڭغا قارىتا ئىران ئىسرائىلىيەنىڭ ھەربىي ۋە ئىستىخبارات ئورۇنلىرىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن زەربە بېرىپ جاۋاب قايتۇردى.

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئامېرىكانىڭ مۇرەسسە قىلىشى بىلەن 23-ئىيۇن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالاندى.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە كەڭ دائىرىلىك جازا يۈرگۈزۈشكە تەييارلانماقتا
دەسلەپكى نەتىجىلەرگە قارىغاندا، پۇتىننىڭ پارتىيەسى پارلامېنت سايلىمىدا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن
ئەردوغان نىيۇيوركتىكى تۈرك ئۆيىگە يېتىپ بارغاندا ئاممىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى
ئىران: ھورمۇز بوغۇزىدا MQ-1 تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئېتىپ چۈشۈرۈلدى
ئىران ئامېرىكا بىلەن بولغان سۆھبەتلەرگە قايتىش ئۈچۈن شەرتلىرىنى ۋاسىتىچىلەرگە يەتكۈزدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا 4 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
پەلەستىن تەرەپدارى نامايىشچىلار فىلادېلفىيەدىكى ئېد شېران كونسېرتىغا قارشى نامايىش قىلدى
سابىق چىلى پرېزىدېنتى باچېلېت ب د ت باش كاتىپلىق نامزاتلىقىدىن چېكىندى
ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق ئۈچۈن خەۋپسىزلىك ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
پاكىستاندىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 31 گە يەتتى
ئامېرىكا ئۇكرائىنا ئۈچۈن 2 مىليارد 680 مىليون دوللارلىق ھاۋا مۇداپىئە ياردەم لايىھەسىنى تەستىقلىدى
ئامېرىكا ئارمىيەسى كارىب دېڭىزىدا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى قىلغان  كېمىگە زەربە بەردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 81 - نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى ئۈچۈن ئامېرىكانى زىيارەت قىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان غازىلار بايرىمىنى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان قىلدى
غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا ئوقۇش قايتا باشلاندى