ئېيسېنكات پارلامېنت سايلىمىدىن كېيىن ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا: «سانلارغا قەيەردىن قارىسىڭىز قاراڭ، 500 مىڭدىن ئارتۇق بېلەت پەرقى بىلەن ئىسرائىلىيە پۇقرالىرىنىڭ كۆپ قىسمى 7-ئۆكتەبىر ۋە ھەربىي خىزمەتتىن قاچقانلار ھۆكۈمىتىگە قارشى، ئۆزگىرىش تەرەپدارى بولۇپ بېلەت تاشلىدى» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.
سايلام نەتىجىلىرىنىڭ نېتانياھۇ رەھبەرلىكىدىكى نۆۋەتتىكى ئاشقۇن ئوڭچىل ھۆكۈمەت ئالدىدا ئۆزگىرىش ئىرادىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئېيسېنكات، ئۆكتىچىلەرنىڭ ھازىر ئەرەب پارتىيەلىرى بىلەن بىرلىكتە قولغا كەلتۈرگەن پارلامېنت كۆپ سانلىق ئورنىنى دەرھال ئۈنۈملۈك ھالدا ئىشلىتىشكە باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ياشار پارتىيەسى رەھبىرى پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتىكى ئالدىنقى كۈنتەرتىپلىرىنىڭ 7-ئۆكتەبىرگە ئالاقىدار دۆلەتلىك تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇش، ئۇلترا ئورتودوكسلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان مەجبۇرىي ئەسكەرلىك تۈزۈمى ۋە ئۆكتىچىلەرنىڭ «مۇستەقىل ئەدلىيەگە زەربە بېرىش» دەپ سۈپەتلىگەن ئەدلىيە ئىسلاھاتىنى بىكار قىلىش بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئېيسېنكات ئىسرائىلىيە پۇقراسى پەلەستىنلىكلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان رائام پارتىيەسى ۋە ئورتاق تىزىملىكنىڭ قوللىشى بىلەن ھۆكۈمەت قۇرۇش ئېھتىماللىقىغا ئوچۇق ئىشىك قالدۇردى، ئەمما ئىسرائىلىيەنى يەھۇدىي دۆلىتى سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىش، ئىسرائىلىيە مۇستەقىللىق خىتابنامىسىنىڭ قىممەت-قاراشلىرىغا سادىق قېلىش ۋە ھاماسنى «تېررورلۇق تەشكىلاتى» سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىشنى شەرت قىلدى.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپنىڭ ھۆكۈمەت قۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىغا مۇداخىلە قىلىش ئھېتىماللىقى تەرەپكىمۇ ئىشارەت قىلغان ئېيسېنكات: «ئىسرائىلىيەنىڭ كېيىنكى ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلىشىىغا ئالاقىدار قارار، ھەر قانداق بىر سىرتقى مۇداخىلە ياكى ھىيلە-مىكىرسىز، پەقەتلا ئىسرائىلىيە پۇقرالىرىغا تەۋەدۇر» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.
ئىسرائىلىيە مەتبۇئاتى ھەپتە ئىچىدە ئامېرىكا پىرېزىدېنتىغا يېقىن مەنبەلەرگە ئاساسلانغان خەۋىرىدە، تىرامپنىڭ ئىسرائىلىيە سايلىمىدىن كېيىن نېتانياھۇغا ئۆكتىچىلەر بىلەن دۆلەتلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇشى ئۈچۈن بېسىم ئىشلىتىدىغانلىقىغا دائىر دەۋانى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەن ئىدى.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى تىرامپ ئىسرائىلىيەدىكى سايلاملارغا ئالاقىدار نېتانياھۇنىڭ «ياخشى ئەھۋالدا» ئىكەنلىكىنى تەشەببۇس قىلىپ، نېتانياھۇ رەھبەرلىكىدە بىر بىرلىك ھۆكۈمىتى قۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىغا ئارىلىشىش-ئارىلاشماسلىقنى تېخى ئويلىشىپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ئېيسېنكات بىلەن لاپىد بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش ئۈچۈن تاشلىنىدىغان قەدەملەرنى مۇزاكىرە قىلدى
ئۆكتىچىلەر سېپىدىكى بەياھاد پارتىيەسىنىڭ ئىككىنچى نومۇرلۇق شەخسى سابىق باش مىنىستىر يائىر لاپىد بىلەن ياشار پارتىيەسى رەھبىرى گادى ئېيسېنكات، پارلامېنت سايلىمىدىن كېيىن ئۇچراشتى.
لاپىد ئاممىغا ئېلان قىلىنغان تۇنجى رەسمىي ئالاقىلىشىشكە مۇناسىۋەتلىك ئامېرىكىدىكى X ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا ئېيسېنكات بىلەن سايلام نەتىجىلىرىنى مۇزاكىرىلەشكەنلىكىنى ۋە «سايلىغۇچىنىڭ ئىرادىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يۆنىلىشىدىكى ئورتاق مەسئۇلىيەت ئېڭى بىلەن تاشلىنىدىغان قەدەملەرنى ماسلاشتۇرغانلىقىنى» تەكىتلىدى.
ئىسرائىلىيەدە 27-ئۆكتەبىردە ئۆتكۈزۈلگەن ۋە 5.6 مىليون سايلىغۇچى بېلەت تاشلىغان پارلامېنت سايلىمىنىڭ جەزملەشمىگەن نەتىجىلىرىگە قارىغاندا، نېتانياھۇ رەھبەرلىكىدىكى ھاكىمىيەت ئىتتىپاقى پارلامېنتتا 53 ئورۇندۇققا ئىگە بولغان، ئېيسېنكات باشچىلىقىدىكى ئۆكتىچىلەر ئىتتىپاقى پارلامېنتتا 48 ئورۇندۇققا ئىگە بولغان.
شۇنىڭ بىلەن ھەر ئىككى ئىتتىپاق 120 ئورۇنلۇق ئىسرائىلىيە پارلامېنتىدا بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش ئۈچۈن يېتەرلىك سان بولغان 61 ئورۇندۇقنى قولغا كەلتۈرەلمىگەن.
ئىسرائىلىيەدىكى پەلەستىنلىكلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان پارتىيەلەر، 19 پارلامېنت ئەزاسىغا ئېرىشىپ تارىخىي بىر ۋەكىللىك قىلىش سەۋىيەسىگە يەتتى. ھاداش، تائال ۋە بالاد پارتىيەلىرىدىن تەشكىللەنگەن ئورتاق تىزىملىك 11، مەنسۇر ئابباس رەھبەرلىكىدىكى رائام پارتىيەسى 8 ئورندۇققا ئېرىشتى.























