ئىقتىساد
2 مىنۇت ئوقۇش
توكيو كىمئارتۇق سودىسىدا بىر بېلىق 3 مىليون 200 مىڭ دوللارغا سېتىلدى
توكيو كىمئارتۇق سودىسىدا 243 كىلوگىراملىق بىر كۆك قاناتلىق تۇنا بېلىقى 3 مىليون 200 مىڭ دوللارغا سېتىلدى.
توكيو كىمئارتۇق سودىسىدا بىر بېلىق 3 مىليون 200 مىڭ دوللارغا سېتىلدى
توكيو كىمئارتۇق سودىسىدا بىر بېلىق 3 مىليون 200 مىڭ دوللارغا سېتىلدى / Reuters
2026-يىلى1-ئاينىڭ6-كۈنى

يابانىيەنىڭ شەرقىي شىمالىي قىرغاقلىرىدا تۇتۇلغان 243 كىلوگىراملىق بىر كۆك قاناتلىق تۇنا بېلىقى، داڭلىق سۇشى رېستورانلار زەنجىرىنى باشقۇرىدىغان بىر شىركەت تەرىپىدىن سېتىۋېلىندى.

 دۈشەنبە كۈنى توكيودىكى تويوسۇ بېلىق بازىرىدا يىلنىڭ تۇنجى كىمئارتۇق سودىسىدا، بىر تۇزلۇق سۇ بېلىقى 510 مىليون 300 مىڭ يېن (3 مىليون 200 مىڭ دوللار) غا سېتىلدى.

ياپونىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ئائومورى ۋىلايىتىگە قاراشلىق ئومئا دېڭىز تەۋەلىكىدە تۇتۇلغان 243 كىلوگىراملىق كۆك قاناتلىق تۇنا بېلىقىنى، داڭلىق سۇشى زەنجىرى «سۇشىزانماي» (Sushizanmai) نى باشقۇرىدىغان توكيوغا جايلاشقان «كىيومۇرا شىركىتى» (Kiyomura Corp.) سېتىۋالدى.

كيوودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كىيومۇرا شىركىتىنىڭ خوجايىنى كىيوشى كىمۇرا: «يىلنىڭ تۇنجى تۇنا بېلىقى تەلەي ئېلىپ كېلىدۇ. ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە كۆپ كىشىنىڭ بۇنى يەپ، ئۆزىنى روھلۇق ھېس قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن.

تۇنا بېلىقى «سۇشىزانماي» نىڭ سۇكىجىدىكى ئاساسلىق شۆبىسىدە پارچىلىنىدۇ ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى شۆبىلىرىگە ئەۋەتىلىدۇ. شىركەت رېكورت يارىتىلغان باھاغا قارىماي، تۇنا بېلىقىنى خېرىدارلارغا ئادەتتىكى باھادا ساتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

توكيو شەھەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىللىق ئەڭ يۇقىرى باھا 1999-يىلىدىن بۇيانقى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كىمئارتۇق سودىلىرىغا ئائىت سانلىق مەلۇماتلار ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى باھا بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

كىمئارتۇق سودىسىدا تۈرلۈك تۇنا بېلىقلىرى ئورۇن ئالغان بولۇپ، سېتىۋالغۇچىلار بىلەن ساتقۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى جانلىق ئالاقە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. كىمئارتۇق سودىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرمۇ كەلدى.

سېتىۋالغۇچىلار ئادەت بويىچە يىلنىڭ تۇنجى كىمئارتۇق سودىسىدا يۇقىرى سوممىدا پۇل خەجلەيدۇ؛ بۇنىڭ تەلەي ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىلىدۇ ۋە رېستورانلار ئۈچۈن بازار ئېچىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدۇ.

ئىزدىنىڭ
ئەردوغان كابىنېت ئۆزگىرىشى دائىرىسىدە يېڭى ئەدلىيە ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىرىنى تەيىنلىدى
ئامېرىكا - ئىران سۆھبىتىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ تېھران يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنى ئومانغا ئەۋەتتى
«روكەتسان» رىيادتا سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى قوللىنىلغان «ئەرەن» ئوق - دورىلىرىنى تونۇشتۇردى
خاقان فىدان «ھاۋا ھۇجۇملىرى ئىرانغا تۈزۈم ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلمەيدۇ» دېدى
ئامېرىكا پۇتبولچىلىقىدا «Seahawks» چېمپىيونلۇق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈردى
رۇسىيە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن ئودېسسا ۋە خاركىۋغا ھۇجۇم قىلدى
جەنۇبىي كورېيە ئارمىيەسىنىڭ تىك ئۇچارى چۈشۈپ كېتىپ، ئىككى خادىم قازا قىلدى
تاكائىچىنىڭ زور غەلىبىسى ياپونىيە پاي چېكى بازىرىدا يېڭى رېكورت ياراتتى
ترامپ: شى جىنپىڭ يىل ئاخىرىدا ئامېرىكانى زىيارەت قىلىدۇ
سۈرىيەنىڭ سۈۋەيدا يېزىلىرىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا تۆت كىشى ئۆلدى، بىر گۇماندار قولغا ئېلىندى
ھىندىستاندىكى كۆمۈر كان پارتلاش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 27 گە يەتتى
ترامپ ئامېرىكادىكى كۆرۈشۈشتىن كېيىن خوندۇراسنىڭ يېڭى رەھبىرىگە يۇقىرى باھا بەردى
ياپونىيە خەلقى مۇددەتتىن بۇرۇنقى سايلامغا بېلەت تاشلىماقتا
ئىسلامئابادتا بىر مەسچىتتە ئادەم بومبا پارتلىدى
كرىپتو شىركىتى خاتا ھالدا ئابونتلارغا بىت تەڭگىسى ئەۋەتىپ قويغان