ئالاباما تۈرمىسى ھەققىدە مەھبۇسلارنىڭ تىلىدىن ھۆججەتلىك فىلىم
مەدەنىيەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئالاباما تۈرمىسى ھەققىدە مەھبۇسلارنىڭ تىلىدىن ھۆججەتلىك فىلىم«ئالاباما ھەل قىلىش چارىسى» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم، ساندېنس كىنو-فىلىم فېستىۋالىدا تۇنجى قېتىم كۆرسىتىلىپ، ئالاباما تۈرمىسىدىكى قاراڭغۇ سىرلارنى ئاشكارىلىدى.
00:00
ئالاباما تۈرمىسى / AP
2025-يىلى3-ئاينىڭ5-كۈنى

«ئالاباما ھەل قىلىش چارىسى» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم، ساندېنس كىنو-فىلىم فېستىۋالىدا تۇنجى قېتىم كۆرسىتىلىپ، ئالاباما تۈرمىسىدىكى قاراڭغۇ سىرلارنى ئاشكارىلاپ، زوراۋانلىق، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە پارىخورلۇق قاتارلىق سىستېمىلىق مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقاردى.

ئالاباما تۈرمىسىدىكى مەھبۇسلار، قورقۇنچلۇق تۇرمۇش شارائىتلىرىنى خاتىرىلەپ، كىشىنى چۆچۈتىدىغان كۆرۈنۈشلەرنى ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەيدىغانلارغا يەتكۈزدى. ئاندرېۋ جارېكى ۋە شارلوتا كائۇفمان تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئالاباما ھەل قىلىش چارىسى» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم، بۇ ھەپتە پارك سىتى شەھىرىدىكى ساندېنس كىنو-فىلىم فېستىۋالىدا تۇنجى قېتىم كۆرسىتىلدى.

جارېكى ۋە كائۇفمان ئالاباما تۈرمىسىگە 2019-يىلى قىزىقىشقا باشلىغان بولۇپ، «Capturing the Friedmans»  ۋە«The Jinx»  دېگەندەك ئەسەرلىرى بىلەن تونۇلغان ئىككىيلەن، دەسلەپتە بىر تۈرمە ھويلىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن دىنىي يىغىلىش جەريانىدا بىر پوپنىڭ ھەمراھلىقىدا چەكلەنگەن رايونلارغا كىرىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتى. بۇ يەردە مەھبۇسلار، ئۇلارنى بىر چەتكە تارتىپ ئىچكىرىدىكى تۇرمۇشنىڭ رېئاللىقلىرى ھەققىدە كىشىنى چۆچۈتىدىغان ھېكايىلەرنى ئاڭلاتتى. مەجبۇرىي ئەمگەك، زەھەرلىك چېكىملىك، زوراۋانلىق، تەھدىت، ئىنتىقام ۋە نۇرغۇن مەھبۇس ئۆلۈملىرىنىڭ يوشۇرۇلغان ھەقىقەتلىرىنى ئاڭلاتتى. » ئاسسوسىيېيتېد پرېسس گېزىتى«  ئىشتاتلىق تۈرمە سىستېمىسىدىكى مەسىلىلەر ھەققىدە كەڭ كۆلەملىك خەۋەرلەرنى ئېلان قىلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە زوراۋانلىقنىڭ يۇقىرى نىسبەتلىرى، خادىملار سانىنىڭ ئازلىقى، شەرتلىك قويۇپ بېرىلىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلەۋاتقانلىقى ۋە ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد-19) فوندلىرىنىڭ چوڭ تۈرمە قۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىشى قاتارلىقلار بار ئىدى.

 بۇ جەرياندا، يىللاردىن بېرى سىستېمىدىكى قورقۇنچلۇق شارائىتلارنى ۋە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان پارىخورلۇقلارنى ئاشكارىلاشقا تىرىشقان مەھبۇس ئاكتىۋىستلاردىن مېلۋىن راي ۋە روبېرت ئېرل جوئۇنجىل (باشقا ئىسمى «كىنېتىك جۇستىجە») بىلەن ئالاقە ئورنىتىلدى. ئاكتىۋىستلار، مەخپىي ساقلاۋاتقان يانفون ئارقىلىق فىلىم ئىشلىگۈچىلەرگە ئۇچۇر يەتكۈزۈشىگە ياردەم قىلدى. كائۇفمان «ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىمىز ۋە بۇ ئۇلار بىلەن تۇنجى قېتىم تونۇشقان ۋاقتىمىزدىن باشلاپلا شۇنداق بولغان.  ئۇلار بۇ ئىشنى ئون يىللاردىن بېرى قىلىۋاتىدۇ ۋە فىلىمدە كۆرگىنىڭىزدەك، ناھايىتى ئېغىر يوللار بىلەن ئۆچ ئېلىشقا ئۇچرىدى. ئەمما، ھەرقانداق ئىنتىقام ئەھۋالىدا سەھىيە تەكشۈرۈشلىرىنى قىلىشقا ۋە ئۇلارنى يوقلاشقا تەييار ئادۋوكاتلار بار» دېدى.

 شارلوتا كاۇفمان فىلىمنىڭ باشلىنىشىدا  جوئۇنجىلنى تېلېفوندا ئاڭلاۋاتاتتى. مىكروفوننى يانفونغا يېقىنلاشتۇرۇپ جوئۇنجىلنىڭ سۆزىنى زالغا يەتكۈزدى. مەھبۇسلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىدىن بەزىلىرىمۇ تاماشىبىنلار ئارىسىدا ئىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە، 2019-يىلى ۋىلليام ئې. دونالدسون تۈزىتىش مۇئەسسەسەسىدە يۈزى تونۇغۇسىز ھالغا كەلگۈچە ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ستېۋېن داۋىسنىڭ ئانىسى ساندي رايمۇ بار ئىدى.

تۈرمە مەسئۇللىرى داۋىسنىڭ قورالىنى تاشلىمىغانلىقى ئۈچۈن ئۆزلىرىنى قوغداش نەتىجىسىدە ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتتى. ئەمما، مەھبۇسلار پۈتۈنلەي باشقىچە بىر ھېكايە ئاڭلىتىدۇ. نيۇ يوركتا 12 يىلىنى تۈرمىدە ئۆتكۈزگەن ئالېلۇر «ئالېكس» دۇران فىلىمنىڭ سۈرەتكە ئېلىنىشىغا ياردەم قىلدى. جارېكى ئىلگىرى تۈرمىدە ياتقان بىرىنىڭ مۇتەخەسسىسلىكى بولمىسا بۇ مەسىلىنى بۇنداق سۈرەتكە ئالالمايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى. دۇران: «بۇ فىلىمدە كۆرگەنلىرىڭىز، پۈتكۈل دۆلەت مىقياسىدا يۈز بەرمەكتە» دېدى.

ئىزدىنىڭ
تاكائىچىنىڭ زور غەلىبىسى ياپونىيە پاي چېكى بازىرىدا يېڭى رېكورت ياراتتى
ترامپ: شى جىنپىڭ يىل ئاخىرىدا ئامېرىكانى زىيارەت قىلىدۇ
سۈرىيەنىڭ سۈۋەيدا يېزىلىرىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا تۆت كىشى ئۆلدى، بىر گۇماندار قولغا ئېلىندى
ھىندىستاندىكى كۆمۈر كان پارتلاش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 27 گە يەتتى
ترامپ ئامېرىكادىكى كۆرۈشۈشتىن كېيىن خوندۇراسنىڭ يېڭى رەھبىرىگە يۇقىرى باھا بەردى
ياپونىيە خەلقى مۇددەتتىن بۇرۇنقى سايلامغا بېلەت تاشلىماقتا
ئىسلامئابادتا بىر مەسچىتتە ئادەم بومبا پارتلىدى
كرىپتو شىركىتى خاتا ھالدا ئابونتلارغا بىت تەڭگىسى ئەۋەتىپ قويغان
موسكۋادا رۇسىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك گېنېرالى ئوققا تۇتۇلدى، قاچقۇننى تۇتۇش ھەرىكىتى باشلاندى
ئومان ئامېرىكا-ئىران ئوتتۇرىسىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق ۋاسىتىلىق سۆھبەتكە ساھىبخانلىق قىلدى
ئىستانبۇلدا ئىككى موسساد جاسۇسى قولغا چۈشۈرۈلدى
ئىران: ئامېرىكا بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان ئومان سۆھبەتلىرىدە «ياخشى نىيەت» بىلەن ھەرىكەت قىلىمىز
خىتاي بىلەن جەنۇبىي كورېيە ئورتاق دېڭىز مانېۋىرلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلماقتا
ئەردوغان تۈركىيەنىڭ  ئىرانغا ھەربىي مۇداخىلە قىلىنىشىغا قارشى  ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى
تۈركىيە سومالىنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرىشىنى ئىزچىل قوللىماقتا