تۈرك دۇنياسى
3 مىنۇت ئوقۇش
«2025-يىللىق تۈرك تىلىغا خىزمەت قىلىش مۇكاپاتى» تارقىتىلدى
تۈرك تىلى جەمئىيىتى تۈركچىنىڭ تەرەققىياتىغا، توغرا ۋە ئۈنۈملۈك قوللىنىلىشىنىڭ ئومۇملىشىشىغا، ئىلمىي ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدىكى ئورنىنىڭ كۈچەيتىلىشىگە تۆھپە قوشقان شەخس ۋە ئورگانلارنى تەقدىرلىدى.
«2025-يىللىق تۈرك تىلىغا خىزمەت قىلىش مۇكاپاتى» تارقىتىلدى
«2025-يىللىق تۈرك تىلىغا خىزمەت قىلىش مۇكاپاتى» تارقىتىلدى / TRT Global
2025-يىلى12-ئاينىڭ16-كۈنى

تۈرك تىلى جەمئىيىتى تۈركچىنىڭ تەرەققىياتىغا، توغرا ۋە ئۈنۈملۈك قوللىنىلىشىنىڭ ئومۇملىشىشىغا، ئىلمىي ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدىكى ئورنىنىڭ كۈچەيتىلىشىگە تۆھپە قوشقان شەخس ۋە ئورگانلارنى تەقدىرلەيدىغان «تۈرك تىلىغا خىزمەت قىلىش مۇكاپاتى» نى بۇ يىلمۇ لاياقەتلىكلەرگەن تەقدىم قىلدى.

«تۈرك تىلىغا خىزمەت قىلىش مۇكاپاتى» نى تارقىتىش مۇراسىمى ئاتاتۈرك مەدەنىيەت، تىل ۋە تارىخ ئالىي ئورگىنىنىڭ ئاتاتۈرك يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلدى.

مۇراسىمغا مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى مەھمەت نۇرى ئەرسوي، تۈرك تىلى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى پىروفېسسور دوكتور ئوسمان مەرت، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى (UNESCO) تۈركىيە مىللىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى پىروفېسسور دوكتور ئۆجال ئوغۇز، ئاتاتۈرك مەدەنىيەت، تىل ۋە تارىخ ئالىي ئورگىنىنىڭ رەئىسى پىروفېسسور دوكتور دەريا ئۆرس، شۇنداقلا ئاكادېمىكلار ۋە پۇقرالار قاتناشتى.

مۇراسىم تۈركچىگە خىزمەت قىلغان شەخسلەرنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، بۇ مۇھىم تۆھپىلەرنىڭ جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشۈشىگە ۋەسىلە بولۇشنى نىشان قىلىدۇ.

تىل ئېڭىنىڭ ئورنىتىلىشى، تۈركچىنىڭ بايلىقىنىڭ قوغدىلىشى ۋە كەلگۈسى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈلۈشى يۆنىلىشىدە ئۇزۇن يىللاردىن بېرى خىزمەت ئىشلەپ كېلىۋاتقان شەخس ۋە ئورگانلار مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا جەم بولدى.

بۇ دائىرىدە، تۈركچىنىڭ توغرا ۋە چۈشىنىشلىك شەكىلدە كەڭ ئاممىغا يەتكۈزۈلۈشىدىكى ئۇزۇن مەزگىللىك مۇۋەپپەقىيىتى ئۈچۈن ت ر ت تاشقى تارقىتىش بۆلۈمى باشلىقى ھۆرمەتلىك ئونۇر چەكىجى؛ ت ر ت تۈركىيەنىڭ ئاۋازى رادىيوسى ئارقىلىق تىلنى ئېستېتىك ۋە سۈزۈك بىر بايان بىلەن جەمئىيەتكە يەتكۈزۈش خىزمەتلىرى سەۋەبىدىن باش دىكتور شەنەر مەتە؛ تۈرك تىلى تەتقىقاتلىرىغا خەلقئارالىق سەۋىيەدە مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان پىروفېسسور دوكتور ئەرگىن جابلە؛ تۈرك لەھچىلىرى، تىل تارىخى ۋە سېلىشتۇرما تىل تەتقىقاتى ساھەسىدە ئاۋانگارت خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن پىروفېسسور دوكتور ھېنرىك يانكوۋىسكى؛ ئاتالغۇشۇناسلىق ساھەسىدىكى ئاۋانگارت خىزمەتلىرى بىلەن تۈركچىنىڭ ئىلىم-پەن تىلى سالاھىيىتىگە يۆنىلىش بەرگەن پىروفېسسور دوكتور ئايدىن كۆكسال؛ تۈركچىنىڭ رەقەملىشىشى، ئاۋاز تېخنىكىلىرى ۋە تىل سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشىغا قارىتا توپلىغان تەجرىبىلىرىگە قوشۇمچە، قۇرۇلۇش ئاتالغۇلىرى سۆزلۈكىنىڭ تەھرىرى سۈپىتىدە ئاتالغۇشۇناسلىق ساھەسىگە ئالاھىدە تۆھپە قوشقان پىروفېسسور دوكتور بۇلەنت سانكۇر ۋە فولكلور، مەدەنىيەت تارىخى ھەمدە ئەدەبىيات تەتقىقاتلىرى ئارقىلىق تۈركچىنىڭ مەدەنىيەت بايلىقىغا مۇھىم ئىز قالدۇرغان پىروفېسسور دوكتور ھاجى ئۆمەر كارپۇز «2025-يىللىق تۈرك تىلىغا خىزمەت قىلىش مۇكاپاتى» نى ئېلىشقا مۇناسىپ كۆرۈلدى.

مۇراسىمدا سۆز قىلغان مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى مەھمەت نۇرى ئەرسوي تىلنىڭ بىر مىللەتنىڭ قىممەتلىك خاتىرىىسى، ۋىجدانى ۋە يۈرىكى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، تۈركچىگە خىزمەت قىلىشنىڭ پەقەت بىر سۆز ياكى بىر جۈملىنى گۈزەللەشتۈرۈش ئەمەس، بەلكى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مىللەتكە، تۇپراققا ۋە ئورتاق مەدەنىيەت بايلىقىغا خىزمەت قىلىشنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مىنىستىر ئەرسوي: «بەلكىم بۇ خىزمەت كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئالقىشسىز، سەھنىسىز بولۇشى مۇمكىن، ئەمما شۇنى بىلىش كېرەككى، تۈركچە ئۈچۈن سەرپ قىلىنغان ھەر بىر ئەمگەك مىللىتىمىزنىڭ ئەتىسىگە قالدۇرۇلغان ئەڭ قىممەتلىك مىراسلارنىڭ بىرىدۇر. تۈركچىگە قىلىنغان خىزمەت كۆپىنچە ۋاقىتتا كۆرۈنمەيدىغان، ئەمما قىممىتىنى ئۆلچىگىلى بولمايدىغان بىر ئەمگەكتۇر» دېدى.

تىلىمىزنىڭ مەھمۇد كاشغەرىيدىن يۇنۇس ئەمرەگىچە، ئەلىشىر ناۋائىيدىن نۇرغۇنلىغان ئالىملارغىچە سوزۇلغان قەدىمىي بىر مۇساپە ئارقىلىق بۈگۈنگە يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن ئەرسوي، تۈرك تىلى جەمئىيىتىنىڭمۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرغۇچى رەھبىرى مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك نىڭ يېتەكچىلىكىدە، تۈركچىنىڭ ئاددىيلىشىشى ۋە ئىلمىي تەرەققىياتى ئۈچۈن تارىخىي بىر رول ئوينىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەرسوي بۇ مىراسنى كەلگۈسىگە يەتكۈزۈشتە ھەممە ئادەمنىڭ مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

مىنىستىر ئەرسوي مۇكاپات ئالغان شەخسلەرنى تەبرىكلەپ، تۈركچىگە قاراتقان پىداكار خىزمەتلىرى ئۈچۈن رەھمەتلىرىنى بىلدۈردى.

«بۇ مۇكاپاتلار بىر رەھمەتتىن ھالقىغان ۋاپادارلىق قەرزىنىڭ ئىپادىسىدۇر»

تۈرك تىلى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى پىروفېسسور دوكتور ئوسمان مەرت مۇراسىمدا قىلغان سۆزىدە، ھەر يىلى بېرىلىدىغان «تۈرك تىلىغا خىزمەت قىلىش مۇكاپاتى» نىڭ پەقەت بىر رەھمەت ئېيتىشلا ئەمەس، بەلكى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىر ۋاپادارلىق قەرزىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىزدىنىڭ
ئەردوغان كابىنېت ئۆزگىرىشى دائىرىسىدە يېڭى ئەدلىيە ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىرىنى تەيىنلىدى
ئامېرىكا - ئىران سۆھبىتىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ تېھران يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنى ئومانغا ئەۋەتتى
«روكەتسان» رىيادتا سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى قوللىنىلغان «ئەرەن» ئوق - دورىلىرىنى تونۇشتۇردى
خاقان فىدان «ھاۋا ھۇجۇملىرى ئىرانغا تۈزۈم ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلمەيدۇ» دېدى
ئامېرىكا پۇتبولچىلىقىدا «Seahawks» چېمپىيونلۇق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈردى
رۇسىيە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن ئودېسسا ۋە خاركىۋغا ھۇجۇم قىلدى
جەنۇبىي كورېيە ئارمىيەسىنىڭ تىك ئۇچارى چۈشۈپ كېتىپ، ئىككى خادىم قازا قىلدى
تاكائىچىنىڭ زور غەلىبىسى ياپونىيە پاي چېكى بازىرىدا يېڭى رېكورت ياراتتى
ترامپ: شى جىنپىڭ يىل ئاخىرىدا ئامېرىكانى زىيارەت قىلىدۇ
سۈرىيەنىڭ سۈۋەيدا يېزىلىرىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا تۆت كىشى ئۆلدى، بىر گۇماندار قولغا ئېلىندى
ھىندىستاندىكى كۆمۈر كان پارتلاش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 27 گە يەتتى
ترامپ ئامېرىكادىكى كۆرۈشۈشتىن كېيىن خوندۇراسنىڭ يېڭى رەھبىرىگە يۇقىرى باھا بەردى
ياپونىيە خەلقى مۇددەتتىن بۇرۇنقى سايلامغا بېلەت تاشلىماقتا
ئىسلامئابادتا بىر مەسچىتتە ئادەم بومبا پارتلىدى
كرىپتو شىركىتى خاتا ھالدا ئابونتلارغا بىت تەڭگىسى ئەۋەتىپ قويغان