ئىسرائىلىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلى KAN، ئامېرىكادىن ئىسرائىلىيەگە ئىرانغا قارشى يېڭى ھۇجۇملارغا تەييار تۇرۇش توغرىسىدا ئۇچۇر يەتكۈزۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى (CENTCOM)، ئىسرائىلىيەنىڭ ئامېرىكانى ئىرانغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن تەييارلىق كۆرۈۋاتىدۇ دېگەن داۋالىرىنى «پۈتۈنلەي قۇرۇق پەرەز» دەپ ئاتاپ رەت قىلدى.
CENTCOM دىن بىر مەسئۇل، ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قىلىدىغان ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئىسرائىلىيە مەتبۇئاتلىرىدا چىققان خەۋەرلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئانادولۇ ئاگېنتلىقى (AA) مۇخبىرىغا بايانات بەردى.
مەزكۇر داۋالارنى «پۈتۈنلەي قۇرۇق پەرەز» دەپ رەت قىلغان ئەمەلدار، ئوتتۇرا شەرقتىكى ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ پوزىتسىيەسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئىسرائىلىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيەسىنىڭ «ئىران» داۋاسى
ئىسرائىلىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلى KAN، ئامېرىكادىن ئىسرائىلىيەگە ئىرانغا قارشى يېڭى ھۇجۇملارغا تەييار تۇرۇش توغرىسىدا ئۇچۇر يوللانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
«يېڭى بىر ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش كېرەكلىكى» مەزمۇن قىلىنغان ئۇچۇرنىڭ ئىسرائىلىيەدىن باشقا يەنە پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىگىمۇ يەتكۈزۈلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن خەۋەردە، بۇلارنىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئىرانغا ھۇجۇملارنى قايتا باشلاشقا ھاجەت يوقلۇقى توغرىسىدىكى يېقىنقى بايانلىرى بىلەن قارىمۇقارشى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن ئىدى.




















