تۈركىيەنىڭ ساھىبخانلىقىدا تۇنجى قېتىم چاقىرىلغان «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى» نى تۈزگۈچى تەرەپلەرنىڭ 31-نۆۋەتلىك يىغىنىدا، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى بۈيۈك رەھبەر مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك ۋاپاتىنىڭ 88-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن سائەت 09:05 تە سۈكۈتتە تۇرۇش ئارقىلىق ياد ئېتىلدى.
خەلقئارالىق كىلىمات سۆھبەتلىرىگە ساھىبخانلىق قىلىۋاتقان ئانتاليا EXPO مەيدانىدا سائەت دەل 09:05 نى ئۆتكەندە سىگنال ئاۋازى ياڭرىدى.
سىگنال بېرىلىشى بىلەن بىللە، كونفېرانس زالىدىكى پائالىيەتلەرنى ۋاقىتلىق توختاتقان يەرلىك ۋە چەت ئەللىك قاتناشقۇچىلار ئاتاتۈركنىڭ ئەسلىمىسى ئۈچۈن 1 مىنۇت سۈكۈتتە تۇردى.
خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن يىغىن مەيدانىدىكى تۈركىيە بايرىقى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بايراقلىرى يېرىم چۈشۈرۈلدى. دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان دۆلەتلىرىدىن كەلگەن ۋەكىللەر، پىدائىيلار، ئاخبارات خادىملىرى ۋە يىغىن خىزمەتچىلىرىمۇ سۈكۈتتە تۇرۇش پائالىيىتىگە قاتناشتى.




















