ئىسپانىيەدىكى پويىز ۋەقەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 39 غا يەتتى

ئىسپانىيەنىڭ جەنۇبىدا بىر - بىرىگە سوقۇلۇپ كەتكەن ئىككى پويىزدا تەخمىنەن 400 يولۇچى بار ئىدى. ئىزدەش - قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى كېچىچە خىزمەت ئىشلىدى.

By
ئىسپانىيەدىكى پويىز ۋەقەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 39 غا يەتتى / Reuters

ئىسپانىيە ساقچى تەرەپ دۈشەنبە كۈنى، ئىزدەش - قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 39 غا يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ۋەقە يەكشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن، كوردوبا ئۆلكىسىدىكى ئادامۇز يېزىسى يېقىنلىرىدا يۈز بەرگەن؛ بىر يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز رېلىستىن چىقىپ كېتىپ قارشى تەرەپتىكى رېلىسقا ئۆتۈپ كەتكەن ۋە ئۇ يەردىن كېلىۋاتقان باشقا بىر پويىز بىلەن سوقۇلۇپ كەتكەن.

 جىددىي ياردەم بېرىش ئەترەتلىرى كېچىچە پويىز خارابىلىكلىرى ئارىسىدىن تىرىك قالغانلارنى ئىزدەپ تەكشۈردى.

دائىرىلەر ئونلارچە كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىككى پويىزدا تەخمىنەن 400 يولۇچى بار ئىدى. يانۋار ئېيى ئىسپانىيەدە ساياھەت مەزگىلى بولمىغاچقا، بۇلارنىڭ قانچىسىنىڭ ساياھەتچى ئىكەنلىكى تېخى ئېنىقلاپ چىقىلمىدى.

خەلقئارا قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ ئىسپانىيەدىكى شۆبىسى جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئورگىنىنىڭ خىزمەتچى - خادىملىرى ۋە ئۇچۇر ئىگىلەشكە كەلگەن ئۇرۇق – تۇغقانلىرىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئادامۇزدا بىر ياردەم مەركىزى ئاچتى.

ئىسپانىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ۋە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئەترەتلىرى كېچىچە ۋەقە مەيدانىدا قالدى.

ۋەقەنىڭ سەۋەبى تېخىچە نامەلۇم.

قاتناش ئىشلىرى ۋەزىرى ئوسكار پۇئېنتې ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە، ئىككىنچى پويىزنىڭ ئالدىنقى ئىككى ۋاگونىنىڭ رېلىستىن «ئېتىلىپ چىقىپ كەتكەنلىكىنى» ۋە نەق مەيداندىن كەلگەن دوكلاتلارغا قارىغاندا «ئەھۋالنىڭ ناھايىتى دەھشەتلىك» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

پۇئېنتې ۋەقەنىڭ سەۋەبىنىڭ تېخىچە ئېنىق ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.

دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەندە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلغان پۇئېنتې ۋەقەنى «غەلىتە» دەپ ئاتىدى ھەمدە ۋەقەنىڭ ماي ئېيىدا 700 مىليون ياۋرو (728 مىليون دوللار) خەجلىنىپ رېمونت قىلىنغان تۈز بىر رېلىس بۆلىكىدە يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

پۇئېنتې رېلىسنىڭ «ئاتالمىش مۇكەممەل ھالەتتە» ئىكەنلىكىنى ۋە پويىزنىڭ تېخى تۆت يىللىق، يەنى «خېلى يېڭى» ئىكەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئادامۇز شەھەر باشلىقى رافائېل مورېنو ئۆزىنىڭ ۋەقە مەيدانىغا ئەڭ بۇرۇن يېتىپ بارغانلاردىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

مورېنو ئىسپانىيەنىڭ «ئەل پائىس» (El Pais) گېزىتىگە بەرگەن باياناتىدا: «بىر يولۇچىنىڭ بەدىنىنىڭ پارچىلىنىپ كەتكەن ھالىتىنى كۆردۈم، ئەتراپ قاراڭغۇ، كېچە بولۇپ، مەنزىرە دەھشەتلىك ئىدى» دېدى.

ئىسپانىيە 2013-يىلى مادرىدتىن گالىسىياغا قاراپ كېتىۋاتقان بىر يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزنىڭ رېلىستىن چىقىپ كېتىشى نەتىجىسىدە 79 كىشى ئۆلگەن، 179 كىشى يارىلانغان، دۆلەت تارىخىدىكى ئەڭ ئېغىر تۆمۈر يول ۋەقەلىرىدىن بىرىنى باشتىن كەچۈرگەن ئىدى.