مەدەنىيەت
2 مىنۇت ئوقۇش
سامى يۈسۈپ ئىستانبۇلدىكى كونسېرتىدا مىڭلىغان كىشىنى ھاياجانغا سالدى
سامى يۈسۈپ ئىستانبۇلدىكى كونسېرتىدا مۇزىكا ۋە ھەمكارلىق چاقىرىقى بىلەن مىڭلىغان كىشىنى ھاياجانغا سالدى.
سامى يۈسۈپ ئىستانبۇلدىكى كونسېرتىدا  مىڭلىغان كىشىنى ھاياجانغا سالدى
سامى يۈسۈپ ئىستانبۇلدىكى كونسېرتىدا مىڭلىغان كىشىنى ھاياجانغا سالدى / AA

دۇنياغا تونۇلغان بۇ سەنئەتكار سەھنىدە تاماشىبىنلار بىلەن تۈركچە سالاملاشقان بولۇپ، تۇنجى قېتىم ئىسپانچە ئەسەر ئورۇنلىدى. يۈسۈپ 75 كىشىلىك ئوركېستىرنىڭ ھەمراھلىقىدا ئۆتكۈزگەن كونسېرتتىن كىرگەن كىرىمنىڭ بىر قىسمىنى غەززەدىكى ياردەم خىزمەتلىرىگە ئىئانە قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

دۇنياغا داڭلىق مۇزىكانت سامى يۈسۈپ ئۇزۇن بىر ئارىلىقتىن كېيىن شەنبە كۈنى ئىستانبۇلدا سەھنىگە چىقتى. «Ecstasy: İki Deniz Arasında» (ھاياجان: ئىككى دېڭىز ئارىسىدا) ناملىق كونسېرتنى 25 مىڭ كىشى كۆردى.

يۈسۈپ كونسېرتنى تۈركچە نۇتۇق بىلەن باشلاپ مۇنداق دېدى: «ھەممىڭلارنى قارشى ئالىمىز، خۇش كەلدىڭلار. ئاللاھ تۈركىيەنى ۋە تۈرك دۇنياسىنى قوغدىسۇن. ئاللاھ پۈتۈن ئۈممەتنى ۋە ئىنسانىيەتنى ئاسرىسۇن. ئاللاھ مىللەتنى يامانلىقتىن پۈتۈنلەي ساقلىسۇن ۋە بارلىق دۇئالىرىمىز غەززەدىكى، پەلەستىندىكى قېرىنداشلىرىمىز بىلەن بىللە بولسۇن. سىلەرنى ئاڭلاۋاتىمىز، يېنىڭلاردىمىز. تۈركىيە، ئىنسانىيەت ھەر دائىم يېنىڭلاردا، ئاللاھ يار ۋە ياردەمچىڭلار بولسۇن»

يۈسۈپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئاتاقلىق مۇزىكانتلار بىلەن بىر سەھنىدە بولۇشنىڭ چوڭ شەرەپ ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ، «ئىستانبۇل ۋە بۇ دۆلەت قەلبىمنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئالغان» دېگەن سۆزلەرنى قىلدى.

كونسېرتتا يۈسۈپكە خىتاي فىرانسىيە، ئەنگلىيە ۋە ئىسپانىيەدىن كەلگەن داڭلىق سەنئەتكارلار ھەمراھ بولدى.

تۇنجى ئىسپانچە ئورۇنلاش ۋە غەززەگە بېغىشلاش

يۈسۈپ كونسېرتنى 2019-يىلى زور ئالقىشقا ئېرىشكەن ئەسىرى «نەسىمى» بىلەن باشلىغان بولۇپ، ئوخشاش ئەسەرنى قايتا ئورۇنلاش ئارقىلىق ئاڭلىغۇچىلار بىلەن خوشلاشتى.

75 كىشىلىك ئوركېستىرنىڭ ھەمراھلىقىدا سەھنىگە چىققان سەنئەتكار، «Ecstasy» پىلاستىنكىسىنى تۇنجى قېتىم بۇ كونسېرتتا تونۇشتۇردى.

كونسېرتقا ئاتاپ ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئەسەرلەر قاتارىدا، مېھتەران مۇزىكىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا ئورۇنلانغان «Between Sea and Sky» (دېڭىز بىلەن ئاسمان ئارىسىدا)، مەۋلانا ۋە يۇنۇس ئەمرەنىڭ شېئىرلىرىدىن ئىلھام ئالغان كۆپ قەۋەتلىك رېتىم ۋە مېلودىيەلەرگە ئىگە «In That Ocean» (ئۇ ئوكياندا) ۋە ئىسپان شېئىرىيىتى گەۋدىلەنگەن ھەمدە يۈسۈپنىڭ تۇنجى قېتىم ئىسپانچە ئېيتقان «Eterna» ۋە «Amada» ناملىق ئەسەرلىرى بار ئىدى.

فلامېنكو سەنئەتكارى مورو بۇ ئىككى ئەسەرگە ھەمراھ بولدى.

يۈسۈپ يەنە، فۇزۇلىنىڭ مىسرالىرىغا ئاساسلانغان «The Meeting» (ئۇچرىشىش) ناملىق ئەسىرىنى غەززەگە بېغىشلىدى.

كونسېرت كىرىمىنىڭ بىر قىسمى پەلەستىن ۋە غەززەدىكى ئىنسانىي كرىزىستىن تەسىرگە ئۇچرىغانلارنى قوللاش ئۈچۈن ئىئانە قىلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

مەنبە:TRT Global
ئىزدىنىڭ
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»
كىيېۋدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكادا ئىسرائىلىيەگە بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەمنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى رەت قىلىندى
ئىران: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز