ئوچېرىك
3 مىنۇت ئوقۇش
ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ھەمدان بەللال ئىسرائىلىيەلىك كۆچمەنلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتتى
پەلەستىنلىك رېژىسسور ھەمدان بەللال ئىسرائىلىيە كۈچلىرى تەرىپىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، تونۇيدىغان بىر كۆچمەننىڭ ئۆزىگە ۋە ئۆيىگە ئىلگىرىمۇ كۆپ قېتىم ھۇجۇم قىلغانلىقىنى دۈشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن ھۇجۇمدىن بۇرۇن ئېيتقان.
00:00
ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ھەمدان بەللال ئىسرائىلىيەلىك كۆچمەنلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتتى
ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ھەمدان بەللال ئىسرائىلىيەلىك كۆچمەنلەرنىڭ ئۆزىگە ھۇجۇم قىلغانلىقى ۋە قولغا ئېلىنغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى / TRT Français
2025-يىلى3-ئاينىڭ26-كۈنى

ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن «باشقا زېمىن يوق» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ رېژىسسورى ھامدان ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن «‹No Other Land› باشقا زېمىن يوق» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ رېژىسسورى ھەمدان بەللال، قولغا ئېلىنىپ قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ قىيىن-قىستاقلىرى ۋە ناچار مۇئامىلىسىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى.

بەللال  رېيتېر ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، كۆچمەنلەرنىڭ سەيشەنبە كۈنى بىر قوشنىسىنىڭ ئۆيىگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى سۈرەتكە ئالغاندىن كېيىن، «مېنىڭ ئۆيۈممۇ ھۇجۇمغا ئۇچرىىغانمىدۇ، بىر كۆرۈپ باقاي» دەپ ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندە ئۆزىنىڭ ئۆيىنىڭمۇ ئاللىقاچان كۆچمەنلەر تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى كۆرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«مەن پەقەت تاشقىرىدا تۇرۇپ، بىرەر كۆچمەن ياكى بىرەر ئەسكەر ئۆيۈمگە ھۇجۇم قىلىشقا كېلەمدۇ – كەلمەمدۇ، دەپ ئۆيۈۈمنى كۆزىتىۋاتاتتىم. ئۆيۈمگە قايتىپ كەلگەن چاغدا كۆچمەنلەر تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچرىدىم.»

بەللال كۆچمەنلەر تەرىپىدىن يەرگە ئىتتىرىلگەنلىكىنى، ئەسكەرلەرنىڭ ئۇنىڭغا ئورنىدىن تۇرۇشى ئۈچۈن ۋارقىرىغانلىقى ۋە قورال تەڭلىگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«بۇ ھەقىقەتەنمۇ ساراڭلارچە بىر ئىش ئىدى، ئائىلىڭىز ۋە بالىلىرىڭىزنىڭ ئۆي ئىچىدە ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىسىز ۋە ئۇلارنى قوغدىشىڭىز كېرەك.»

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، يېزىسىدا بىر كۆچمەن ھۇجۇمى جەريانىدا بېشىغا خۇددى «بىر پۇتبول توپى» دەكلا تەپكەن.

ۋەقەدىن قىسقا ۋاقىت ئىلگىرى، ئۇنىڭ ئىسرائىلىيە بىخەتەرلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىشى جەريانىدا، بىر گۇرۇپپا كۆچمەن ئەلخەلىل رايونى ئەتراپىدىكى سۇسيا يېزىسىدا بىر ئىپتار پائالىيىتىگە ھۇجۇم قىلغان.

دۈشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن بۇ ۋەقە، ئىسرائىلىيە كۆچمەنلىرى ھايۋانلارنى ئوغرىلاش ئۈچۈن ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى پەلەستىنلىك ياكى بەدەۋى يېزىلىرىغا ۋە لاگېر رايونلىرىغا باستۇرۇپ كىرىش بىلەن ئەيىبلەنگەن ئەڭ يېڭى ۋەقە ئىدى. پەلەستىنلىكلەر ۋە بۇنداق ھۇجۇملارنى كۆزىتىدىغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ساقچىلار بىلەن ئارمىيەنىڭ ئادەتتە پلك كۆچمەنلەرنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە ھۇجۇم قىلىشىنى توسماي قاراپ تۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتمەكتە.

رېژىسسورنىڭ ئايالى لامىيە بەللا رېيتېر ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، كۆچمەنلەرنىڭ ئائىلە ئۆيىنىڭ ئەتراپىغا توپلانغانلىقىنى ۋە يولدىشىنىڭ ئۇلارنىڭ ئۆيگە كىرىشىنى توسۇش ئۈچۈن سىرتقا چىققانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى:

«يولدىشىم سىرتقا چىققان ھامان كۆچمەنلەر ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلدى ۋە ئۇرۇشقا باشلىدى، ئاندىن ئۇنى قولغا ئالدى.»

«ھۇجۇم نىشانى قىلىندى»

پەلەستىنلىك ۋە ئىسرائىلىيەلىك رېژىسسورلار تەرىپىدىن بىرلىكتە ئىشلەنگەن، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرنى سۈرگۈن قىلىشى مەزمۇن قىلغان «باشقا زېمىن يوق» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم بۇ يىلقى ئوسكار مۇكاپاتلىرىدا «ئەڭ مۇنەۋۋەر ھۆججەتلىك فىلىم» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

بەللال ھۇجۇمغا قاتناشقان كۆچمەنلەردىن بىرىنىڭ ئۆزىنى ناھايىتى ياخشى تونۇيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«بۇ تۇنجى قېتىملىق ئىشمۇ ئەمەس، ئۇ ئىلگىرىمۇ مېنىڭ ئۆيۈمگە كۆپ قېتىم ھۇجۇم قىلغان، يەنە كېلىپ كالىلىرىنى ئۆيۈمنىڭ باغچىسىدا ئوتلاتقا. ئىدى.»

بەللال ئىبرانىيچە بىلمەيدۇ، ئەمما ئۇ كۆچمەنلەردىن ئىسمىنى ۋە «ئوسكار» سۆزىنى ئاڭلىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ، سەيشەنبە كۈنى قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى بىر دوختۇرخانىدا بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«كۆچمەنلەرنىڭ <ئوسكار> ئىبارىسىنى ئىشلەتكەنلىكىدىن قاراپ، ئۇلارنىڭ بولۇپمۇ مېنى ھۇجۇم نىشانى قىلغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىم. دەرۋەقە، ئۇلار  <ئوسكار» دېگەنلىرىدە، ئىسمىڭىزنى تىلغا ئالغانلىرىدا ئۇلارنىڭ نىيىتىنىڭ شۇنداقلىقىنى چۈشىنىسىز.»

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئەسكەرلەرنىڭ بەللالنى ئۇرغان دېگەن دەۋالارغا دەرھال جاۋاب قايتۇرمىدى. بەللال «ماڭا ھۇجۇم قىلغۇچى» دەپ تونۇشتۇرغان كۆچمەن شەم توۋ لۇسكى — ئىلگىرى بەللالغا تەھدىت سالغان بولۇشىغا قارىماي  — ئۆزىنىڭ ياكى ئەسكەرلەرنىڭ ئۇنى ئۇرغانلىقىنى رەت قىلدى.

ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ باشقا شېرىك رېژىسسورى باسېل ئادرا، كۆچمەنلەرنىڭ بۇ ھۆججەتلىك فىلىمدە دۈشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن ۋەقە مەيدانغا كەلگەن ماسافېر ياتتا رايونى تەسۋىرلەنگەنلىكى سەۋەبىدىن ئائىلە ئۆيىگە ئارمىيەنى باشلاپ كەلگەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:

«مېنىڭچە بەللال كامېراسىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ، بولۇۋاتقان ئىشلارنى ۋىدېئوغا ئالغانلىقى ئۈچۈن، كۆچمەنلەر تەرىپىدىن ھۇجۇم نىشانى قىلىنغان ۋە بۇ شەكىلدە كېچىدە ئىنتىقام ئېلىنغان.»

 

ئىزدىنىڭ
خىتاي ۋە ئىسپانىيە «پارچىلىنىۋاتقان» دۇنيا تەرتىپىدە بىرلىككە كېلىش سىگنالى بەردى
ئامېرىكا ئېمبارگو يۈرگۈزگەن خىتاي ماي توشۇش پاراخوتى ھورمۇز بوغۇزى قورشاۋىنى بۆسۈپ ئۆتتى
ئىران بەش ئەرەب دۆلىتىنى ئەيىبلىدى
ئىسلامئاباد: ئامېرىكا بىلەن ئىران يېڭى بىر نۆۋەتلىك سۆھبەت باشلاش ئۈچۈن دىيالوگنى داۋاملاشتۇرماقتا
ئىسرائىلىيە جەنۇبىي لىۋاننى ئۇزۇن مۇددەت بېسىۋېلىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى
باش مىنىستىر مېرز نېتانياھۇنى غەربىي قىرغاقىنى «قىسمەن بېسىۋېلىش» مەسىلىسىدە ئاگاھلاندۇردى
ئىران يادرو قۇيۇلدۇرۇشنى 5 يىل توڭلىتىشنى تەكلىپ قىلدى، ئامېرىكا 20 يىلدا چىڭ تۇردى
ۋانىس: پاكىستاندىكى ئىران سۆھبەتلىرىدە «زور ئىلگىرىلەش» قولغا كەلتۈرۈلدى
خاقان فىدان: ئىسرائىلىيەنىڭ تۈركىيەنى يېڭى دۈشمەن دەپ ئېلان قىلىشنىڭ كۇيىدا ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋاتىمىز
جەنۇبىي كورېيە بىلەن پولشا مۇداپىئە ساھەسىدىكى ئالاقىلەرنى چوڭقۇرلاشتۇرماقتا
رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا پاسخا بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن باشلانغان ئۇرۇش توختىتىش ئاخىرلاشتتى
پېدرو سانچېز: «خىتاي-ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى سودا تەڭپۇڭسىزلىقىنى داۋاملاشتۇرغىلى بولمايدۇ»
ترامپ ئىرانغا يېڭى ھۇجۇم قوزغاش پىلانىنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە
ئىران-ئامېرىكا ئۇرۇش جىددىيچىلىكى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ترامپ تىغ ئۇچىنى 14- لېيونغا قاراتتى
ئاراقچى: سۆھبەت نابۇت بولۇشتىن ئىلگىرى كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا ئىنتايىن يېقىنلاشقان ئىدۇق