خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئۇكرائىنا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى سوچى شەھىرىدىكى بىر نېفىت ئىسكىلاتىدا ئوت ئاپىتى پەيدا قىلدى
ۋىلايەت باشلىقى ۋېنىيامىن كوندراتيېۋ ئىسكىلاتتىكى ئوت ئاپىتىنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن 120 دىن ئارتۇق ئوت ئۆچۈرۈش خادىمىنىڭ خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ۋە رۇسىيە ئاممىۋىي ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسىنىڭ ۇچۇشلارنى توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئۇكرائىنا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى سوچى شەھىرىدىكى بىر نېفىت ئىسكىلاتىدا ئوت ئاپىتى پەيدا قىلدى
ئۇكرائىنا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى سوچى شەھىرىدىكى بىر نېفىت ئىسكىلاتىدا ئوت ئاپىتى پەيدا قىلدى / AP

ۋىلايەت باشلىقى ۋېنىيامىن كوندراتيېۋ تېلېگرام ھېسابىدا، رۇسىيەنىڭ سوچى شەھىرىدىكى بىر نېفىت ئىسكىلاتىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنىڭ ھۇجۇمى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى ۋە 120 دىن ئارتۇق ئوت ئۆچۈرۈش خادىمىنىڭ ئوتنى ئۆچۈرۈشكە ئاتلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «رىئا» ئاگېنتلىقىنىڭ يەكشەنبە كۈنى جىددىي ئىشلارغا مەسئۇل ئەمەلدارلارنى مەنبە قىلىپ خەۋەر قىلىشىچە، سوچىغا جايلاشقان كراسنودار ۋىلايىتىدە 2000 كۇب مېتىر سىغىملىق بىر يېقىلغۇ باكىغا ئوت كەتكەن.

رۇسىيە ئاممىۋىي ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسى (روساۋىئاتسىيە) تېلېگرام ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھاۋا بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش مەقسىتىدە سوچى ئايرودرومىدىكى ئۇچۇشلارنىڭ توختىتىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كوندراتيېۋ ھۇجۇمنىڭ دېڭىز بويىدىكى تەتىل شەھىرى ئادلېردا يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى. بۇ ھۇجۇم كىيېۋنىڭ ئۇرۇش ئۈچۈن ھالقىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارايدىغان روسىيە ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە قاراتقان ئەڭ يېڭى ھەرىكىتى دەپ قارالماقتا.

ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرىدا ئادلېر رايونىدا يۈز بەرگەن ئۇكرائىنا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى ھۇجۇمىدا بىر كىشى قازا قىلغان ئىدى. ئەمماسوچى 2014-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا ساخىپخانلىق قىلغان بولۇپ، 2022-يىلى فېۋرالدا باشلانغان ئۇرۇش جەريانىدىمۇ سوچىغا قىلىنغان ھۇجۇملار ئاز كۆرۈلگەن ئىدى.

قارا دېڭىز قىرغىقىدىكى كراسنودار ۋىلايىتىگە جايلاشقان ۋە رۇسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ئەڭ چوڭ نېفىت ئورۇنلىرىنىڭ بىرى دەپ بىلىنگەن ئىلسكىي نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى، ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇملىرىنىڭ دائىملىق نىشانىغا ئايلىنىپ كەلمەكتە.

يەكشەنبە كۈنى يەنە، رۇسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ۋورونېژ ۋىلايىتىنىڭ باشلىقى ئۇكرائىنانىڭ دىرون ھۇجۇمىدا بىر ئايالنىڭ يارىلانغانلىقىنى ۋە بىر قانچە جايدا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. ئۇكرائىنا ھەربىي دائىرىلىرى روسىيەنىڭ كىيېۋغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

مەنبە:TRT Global
ئىزدىنىڭ
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ
مېرز: تۈركىيەدىن كەلگەن كۆچمەنلەر گېرمانىيەنى بېيىتتى
ۋىتكوف زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن پۇتىنغا يېڭى تىنچلىق تەكلىپىنى سۇنىدۇ
ب د ت: «غەززەدە كىشىلەر ئۈمىدىنى يوقىتىشقا ۋە ئۇنتۇلۇپ قالغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى»
ئۇكرائىنا: «رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوخشىمىغان رايونلارغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا 8 كىشى قازا قىلدى»
مالىدا دائىشقا چېتىشلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ھۇجۇمدا 48 پۇقرا قازا قىلدى
مىسىردا يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسىدە 13 كىشى قازا قىلدى