ئاتاتۈركنىڭ «نۇتۇق» ناملىق ئەسىرىنىڭ 8 تىلدا ئالاھىدە نەشرى تەييارلاندى
ئوچېرىك
1 مىنۇت ئوقۇش
ئاتاتۈركنىڭ «نۇتۇق» ناملىق ئەسىرىنىڭ 8 تىلدا ئالاھىدە نەشرى تەييارلاندىمەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى مەھمەت نۇرى ئەرسوي ئاتاتۈركنىڭ مەشھۇر «نۇتۇق» ناملىق ئەسىرىنىڭ 8 تىلدا ئالاھىدە نەشر قىلىنغانلىقىنى ۋە كۆرۈش-ئاڭلاش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغانلار ئۈچۈنمۇ تارقىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاتاتۈركنىڭ ئەسىرى «نۇتۇق» سەككىز تىلدا دۇنياغا يېتىپ بارىدۇ

مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى مەھمەت نۇرى ئەرسوي، ئاتاتۈركنىڭ «نۇتۇق» ناملىق ئەسىرىنىڭ ئىنگلىزچە، نېمىسچە، فىرانسۇزچە، قازاقچە، رۇسچە، ئوردۇچە، پارسچە ۋە تۈركمەنچە ئالاھىدە نەشرلىرىنىڭ تەييارلانغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەسەر كۆرۈش ۋە ئاڭلاش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغانلار ئۈچۈنمۇ پەرقلىق فورماتلاردا پايدىلىنىشقا سۇنۇلدى.

«نۇتۇق ئەسەرلىرى لايىھەسىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى» ئاتاتۈرك مەدەنىيەت، تىل ۋە تارىخ ئالىي ئورگىنىدا ئۆتكۈزۈلدى.

مىنىستىر ئەرسوي بۇ يەردە سۆزلىگەن نۇتىقىدا، خەلقنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىنى، جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇشىدىكى تەۋرەنمەس ئىرادىنى ۋە (جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرغۇچىسى) غازى مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ ئىدىيە دۇنياسىنى كېلەچەك ئەۋلادلارغا يەتكۈزىدىغان «نۇتۇق» نىڭ 8 تىلدا ۋە ئالاھىدە لايىھەلەنگەن نەشرلىرىنى بۈگۈن ئاممىغا تونۇشتۇرغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

«نۇتۇق ئەسەرلىرى لايىھەسى» ئارقىلىق بۇ مۇھىم ئەسەرنى ئوخشاش بولمىغان پايدىلىنىش ئۇسۇللىرى بىلەنمۇ جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىغا يەتكۈزگەنلىكلىرىنى بىلدۈرگەن ئەرسوي: «ئەمدىلىكتە <نۇتۇق> كۆرۈش ۋە ئاڭلاش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغان پۇقرالىرىمىزنىڭ پايدىلىنىشىغىمۇ سۇنۇلۇپ، ھەممە ئادەم كۆرەلەيدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈلدى» دېدى.

«نۇتۇق» نىڭ ئىنگلىزچە، نېمىسچە، فىرانسۇزچە، قازاقچە، رۇسچە، ئوردۇچە، پارسچە ۋە تۈركمەنچە ئالاھىدە نەشرلىرىنىڭ تەييارلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەرسوي سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ:

«مۇستاپا كامال پاشا ئەسىرىدە، مۇستەقىللىق ئۇرۇشى (1919 - 1923) يىللىرىدا دۆلەتنىڭ باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ۋەزىيەتنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، مۇستەقىللىق ئۇرۇشىنىڭ ۋە بۇ ئۇرۇشتىن كېيىن باشلانغان زامانىۋىلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ قانداق شارائىتلاردا ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى ھۆججەتلەرگە تايانغان ئاساستا تەپسىلىي بايان قىلغان. بۇ كىتاب 1919 - يىلى 19 - مايدىن جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ قۇرۇلۇش مۇساپىسىگىچە سوزۇلغان تارىخىي يۈرۈشىمىزنىمۇ ھۆججەتلەرگە تايانغان ھالدا كۆز ئالدىمىزدا نامايان قىلىپ بەرمەكتە» دېدى.

ئىزدىنىڭ
ئاتاتۈركنىڭ «نۇتۇق» ناملىق ئەسىرىنىڭ 8 تىلدا ئالاھىدە نەشرى تەييارلاندى
بېلگىيەدىكى نامايىشلاردا تۇتقۇن قىلىنغانلار سانى 195 كە ئۆرلىدى
مىلانو شەھىرىدىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدە 160 كىشى تۇتقۇن قىلىندى
تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى كەركۈكتە ئېھتىياجلىق يېتىملەرگە كىيىم-كېچەك ۋە ئوقۇش ئۈسكىنىلىرى ياردىمى قىلدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىدا يەنە 5 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇبىيو سەمەرقەنتتە ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەئىدوۋ بىلەن كۆرۈشتى
پاكىستان ئارمىيەسى: بەلۇجىستاندىكى ھەربىي ھەرىكەتلەردە 4 قوراللىق ئۇنسۇر بىر تەرەپ قىلىندى
تايلاندتىكى كەلكۈن ئاپىتىدە بىر ئايدا 80 كىشى قازا قىلدى
پەلەستىن ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىغا ئۇچراۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن خەلقئارالىق قوغداش تەلەپ قىلدى
تۈركىيە كانادادىكى ھەربىي بازىدا يۈز بەرگەن پارتلاش مۇناسىۋىتى بىلەن كانادا خەلقىگە تەزىيە بىلدۈردى
پۇتىن ترامپ ۋە شى جىنپىڭ بىلەن ئۈچ تەرەپلىك باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى تەكلىپ قىلدى
پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ھۇسىيلارنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ بېكىتىشكە چاقىردى
ترامپ ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەدىكى دىزېل يېقىلغۇسىنى ئايرىش زاۋۇتلىرىغا ھۇجۇم قىلىشىنى تەنقىد قىلدى
ئاراقچى: نېتانياھۇ تۈرمىگە كىرمەسلىك ئۈچۈن ئامېرىكانى ئۇرۇشقا سۆرەۋاتىدۇ
روسىيە بىلەن ئۇكرائىنا كېچىچە ئۆزئارا قايتۇرما ھۇجۇلارنى قىلدى