سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئەردوغان: تۈركىيە رۇسىيە-ئۇكرائىنا تىنچلىق سۆھبەتلىرىگە ساھىبخانلىق قىلالايدۇ
ئەردوغان پۇتىنغا: «تۈركىيە رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن تىنچلىق سۆھبىتىگە ساھىبخانلىق قىلالايدۇ» دېدى.
ئەردوغان: تۈركىيە رۇسىيە-ئۇكرائىنا تىنچلىق سۆھبەتلىرىگە ساھىبخانلىق قىلالايدۇ
ئەردوغان (ئوڭدا) بىلەن پۇتىن (سولدا) پەلەستىن ۋە سۈرىيە ۋەزىيىتى، شۇنداقلا جەنۇبىي كاۋكازدىكى تىنچلىق جەريانىنىمۇ مۇزاكىرە قىلدى. سۈرەت: رويتېرس. / Reuters
2025-يىلى12-ئاينىڭ13-كۈنى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۇرۇشنى «ئادىل ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق» بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، ھەر ئىككى تەرەپكە ئەمەلىي پايدا ئېلىپ كېلىدىغان ساھەلەردە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ جۈمە (2025-يىلى 12-دېكابىر) كۈنى بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تايىپ ئەردوغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشكەندە، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان تىنچلىق سۆھبەتلىرىنى «يېقىندىن» كۆزىتىۋاتقانلىقىنى ۋە ئەنقەرەنىڭ بۇ تىنچلىق سۆھبەتلىرىگە ساھىبخانلىق قىلالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەردوغان بىلەن پۇتىن تۈركمەنىستاننىڭ پايتەختى ئاشخابادتا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا تىنچلىق ۋە ئىشەنچ مۇنبىرى دائىرىسىدە كۆرۈشتى. ئۇلار ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەر ۋە موسكۋا-كىيېۋ ئۇرۇشىغا ئالاقىدار كەڭ دائىرىلىك تىنچلىق تىرىشچانلىقلىرى ھەققىدە سۆزلەشتى.

ئەردوغانغا ھەمراھ بولغان تۈركىيە ھەيئىتى ئىچىدە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان، ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى ئالپارسلان بايراكتار، ئىستىخبارات ئىدارىسى-مىت (MİT) باشلىقى ئىبراھىم كالىن، ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بۇرھانەتتىن دۇران، تاشقى سىياسەت ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىك باش مەسلىھەتچىسى ئاكىف چاغاتاي قىلىچ ۋە ئاق پارتىيە مۇئاۋىن رەئىسى خالىت يەرەباكان قاتارلىقلار بار ئىدى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۇرۇشنى «ئادىل ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق» بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى، ھەر ئىككى تەرەپكە ئەمەلىي پايدا بېرىدىغان ساھەلەردە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىشنىڭ مۇمكىنلىكىنى تىلغا ئالدى.

ئۇ، بولۇپمۇ ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرى ۋە پورتلارنى نىشان قىلغان چەكلىك ئۇرۇش توختىتىشنى يولغا قويۇشنىڭ پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ ئەنقەرەنىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىكى تىنچلىق تىرىشچانلىقلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «ئەنقەرەنىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان سۆھبەتلەرنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ رامكا ئىچىدە بارلىق شەكىلدىكى سۆھبەتلەرگە ساھىبخانلىق قىلىشقا تەييار» ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

«تىنچلىق ۋە خەۋپسىزلىك: سىجىل كەلگۈسى ئۈچۈن نىشانلارنىڭ بىرلىكى» ناملىق بۇ مۇنبەر، يەرشارى تىنچلىق تەشەببۇسلىرىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا يۇقىرى دەرىجىلىك پىكىر ئالماشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىدى.

پۇتىن مۇنبەردە ئايرىم سۆز قىلىپ، دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتلەرنى ب د ت نىزامنامەسىنىڭ پىرىنسىپلىرىغا ماسلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى ۋە تۈركمەنىستاننىڭ تەڭپۇڭ تاشقى سىياسىتىنى ھەمدە رايون مۇقىملىقىغا قوشقان تۆھپىلىرىنى مەدھىيەلىدى.

ئەردوغان بىلەن پۇتىن يەنە پەلەستىن ۋە سۈرىيە ۋەزىيىتى، شۇنداقلا جەنۇبىي كاۋكازدىكى تىنچلىق مۇساپىسى ھەققىدىمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.

ئەردوغاننىڭ بۇ زىيارىتى تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى سەردار بەردىمۇھەممەدوۋ ۋە باشقا رايون ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بۇ ئەنقەرەنىڭ مۇنبەر مەزگىلىدىكى كەڭ دائىرىلىك دىپلوماتىك پائالىيەتلىرىنى نامايان قىلدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Russia welcomes Türkiye’s efforts in Ukraine peace process, Kremlin says
ئىزدىنىڭ
ترامپ: بىز گىرېنلاند مەسىلىسىدە ناتو بىلەن سۆزلىشىۋاتىمىز
كانادا باش مىنىستىرى خىتاي ئاپتوموبىللىرىغا يول ئېچىش كېلىشىمگە ئىمزا قويدى
ئىراندا نامايىشلاردا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 2 مىڭ 677 گە يەتتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان «TRT Genç» قانىلىنىڭ ئېچىلىش لېنتىسىنى كەستى: كەلگۈسى سىلەرنىڭ
كانادا باش مىنىستىرى كارنىي شى جىنپىڭ بىلەن بولغان سۆھبىتىدە «ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك»نى تەكىتلىدى
پىرېزىدېنت ترامپ غەززەدە قۇرۇلغان پەلەستىن كەسپىي ئەمەلدارلار ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
نوبېل كومىتېتى: مۇكاپاتنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىشقا ياكى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدۇ
ئاقساراي: ياۋروپا قىسىملىرى ترامپنىڭ گىرېنلاندنى سېتىۋېلىش نىشانىغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ
ترامپ غەززە تىنچلىق كېڭىشىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى
تۈركىيە، پاكىستان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتمەكتە
24 سائەت ئىچىدە ئىراندا يۈز بەرگەن مۇھىم ئۆزگىرىشلەر
ياپونىيە بىلەن فىلىپپىن يېڭى خەۋپسىزلىك كېلىشىملىرىنى ئىمزالىدى
ترامپ: ئۇكرائىنا تىنچلىق كېلىشىمىگە پۇتىن ئەمەس، بەلكى زېلېنىسكىي توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ
فىرانسىيە ترامپنىڭ تەنقىدلىرىدىن كېيىن گىرېنلاندىيەدە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
ئىران ھاۋا بوشلۇقى قايتىدىن ئېچىلدى