ئەتراپلىق ئېلىپ بېرىلغان «ئەنگلىيە جەمئىيەت پوزىتسىيەسى» (British Social Attitudes) ناملىق ئەلرايى نەتىجىسى، ئەنگلىيەلىكلەرنىڭ %78 نىڭ ئىسرائىلىيەنى دۇنيا تىنچلىقىغا نىسبەتەن ئېغىر تەھدىت دەپ قارايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.مىللىي ئىجتىمائىي تەتقىقات مەركىزىي (NatCen) تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان «ئەنگلىيە جەمئىيەت پوزىتسىيەسى» دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيەلىكلەرنىڭ بەشتىن تۆت قىسمى دېگۈدەك ئىسرائىلىيەنى دۇنيا تىنچلىقىغا نىسبەتەن ئېغىر تەھدىت دەپ قارايدىكەن.تەتقىقات نەتىجىلىرى قاتناشقۇچىلارنىڭ %78 نىڭ ئىسرائىلىيەنى دۇنيانىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن ئېغىر خەۋپ قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، مەزكۇر نىسبەت 2005-يىلى %48 سەۋىيەسىدە ئىدى.«تېخىمۇ خەتەرلىك دۇنيا: ئەنگلىيەلىكلەرنىڭ بىخەتەرلىك، مۇداپىئە ۋە خەلقئارالىق ئىتتىپاقلارغا بولغان كۆز قارىشى» ماۋزۇلۇق دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، بۇ نىسبەت ئەنگلىيە خەلقىنىڭ باشقا رايون ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك كۈچلەرگە تۇتقان پوزىتسىيەسىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، ئىراننى (%75) ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى (%74) ئېغىر تەھدىت دەپ قارايدىغانلارنىڭ نىسبىتىنى ئارقىدا قالدۇرغان.ئوتتۇرا شەرقتىكى توقۇنۇشلاردوكلاتتا، «ئىسرائىلىيەنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە ئوتتۇرا شەرقتىكى توقۇنۇشلارغا چېتىلىپ قېلىشى سەۋەبىدىن ئوبرازىنىڭ دەخلىگە ئۇچرىغانلىقى» بايان قىلىنىش بىلەن بىرگە، جامائەت پىكرىدىكى ئەندىشەلەرنىڭ يېقىنقى يىللاردا كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كۈچەيگەنلىكىگە دىققەت تارتىلغان.تەتقىقاتقا كۆرە، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق خاراكتېرلىك ئۇرۇشىنىڭ، رايوندا «ئېغىر ۋەيرانچىلىق» لارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن كېيىن، ئىسرائىلىيەنى ئېغىر تەھدىت دەپ قارايدىغان ئەنگلىيەلىكلەرنىڭ نىسبىتى 2024-يىلى كۈزدە %73 كە ئۆرلىگەن.بۇ نىسبەت 2025-يىلى ئىچىدە تەخمىنەن ئۈچتىن ئىككى قىسىم ئەتراپىغا تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىراننى نىشان قىلغان ئورتاق ھاۋا ھۇجۇمى ھەرىكىتىدىن كېيىن، 2026-يىلى باھاردا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشتە يەنە تېز سۈرئەتتە ئۆرلەپ %78 كە يەتكەن.جامائەت پىكرى سىياسىي پارتىيە مايىللىقىغا ئاساسەن زور پەرق قىلسىمۇ، بارلىق ئاساسلىق سىياسىي ئېقىمدىكى كىشىلەرنىڭ زور كۆپچىلىكى كۈچلۈك ئەندىشەلىرىنى ئىپادىلىگەن.يېشىللار پارتىيەسىنىڭ (Green Party) قوللىغۇچىلىرى %88 لىك نىسبەت بىلەن ئىسرائىلىيەنى ئېغىر تەھدىت دەپ قاراش مايىللىقىدا بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان بولسا، ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن %84 نىسبەت بىلەن ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ (Labour Party) قوللىغۇچىلىرى كەلگەن.لىبېرال دېموكراتلار تەرەپدارلىرى ئارىسىدا بۇ نىسبەت %79 بولۇپ خاتىرىلەنگەن بولسا، مۇھاپىزەتچىلەر پارتىيەسى قوللىغۇچىلىرىنىڭ %70 ى ۋە «ئىسلاھات ئەنگىلىيە»(Reform UK) تەرەپدارلىرىنىڭ %62 ى شۇنىڭغا ئوخشاش باھالارنى بەرگەن.