سىياسەت
4 مىنۇت ئوقۇش
ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئارىسىدا تىنچلىق ئۈمىدى سۇسلاشتى
رۇسىيەنىڭ كىيېۋنى كېچە بويىچە يۈزلەرچە ئۇچقۇ ۋە ئونلارچە باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن قىلغان بومباردىمانىدا، ئاز دېگەندە بەش ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.
ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئارىسىدا تىنچلىق ئۈمىدى سۇسلاشتى
قۇتقۇزۇش خادىملىرى كىيېۋدە رۇسىيەنىڭ بومباردىمانىدا ۋەيران بولغان بىر تۇرالغۇ بىناسىنىڭ خارابىلىكىدە كىشىلەرنى قۇتقۇزماقتا، 2026-يىلى 14-ماي، رويتېرس. / Reuters

پەيشەنبە (14-ماي)كۈنى كېچىدە رۇسىيە كىيېۋنى نەچچە سائەت بويىچە يۈزلەرچە ئۇچقۇ ۋە ئونلارچە باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن توختىماي بومباردىمان قىلدى. ھۇجۇمدا ئاز دېگەندە بەش ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى. موسكۋانىڭ بۇ ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇرۇشنى توختىتىش ئۈمىدى تېخىمۇ يوققا چىقتى.

قەيت قىلىنىشىچە، ئۇكرائىنا پايتەختى كىيېۋدىكى فىرانسىيە ئاگېنتلىقى (AFP) مۇخبىرلىرى ھاۋا ھۇجۇمى سىگنالىنىڭ شەھەر ئاسمىنىدا ياڭرىغانلىقىنى ئاڭلىغان، ئارقىدىنلا نەچچە سائەت داۋاملاشقان گۈلدۈرلىگەن پارتلاش ئاۋازلىرى ۋە ئاسماندىكى چاقماقلار كىيېۋ ئاھالىلىرىنى مېترو بېكەتلىرىدىن پاناھلىق ئىزدەشكە مەجبۇر قىلغان.

ئۇكرائىنا ھاۋا ئارمىيەسى رۇسىيەنىڭ ئاساسلىقى كىيېۋنى نىشان قىلغان 675 دانە ئۇچقۇ ۋە 56 دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەنلىكىنى، ھاۋا مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ بۇنىڭ ئىچىدە 652 ئۇچقۇ ۋە 41 باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى پاچاقلاپ تاشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاندرىي ئىسىملىك بىر كىيېۋ ئاھالىسى پارتلاپ ۋەيران بولغان سوۋېت دەۋرىدىكى بىر تۇرالغۇ بىناسى يېنىدا تۇرۇپ، فىرانسىيە ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: «ھەممە يەر كۆيۈۋاتاتتى، كىشىلەر ۋارقىراۋاتاتتى... ساراڭلارچە چىرقىرىشاتتى.»

ئۇ سۆزلىگەندە تېخى ئۇخلاش كىيىمىدە بولۇپ، كۆڭلىكىدە قان داغلىرى بار ئىدى.

پىرېزىدېنت ۋولودىمىر زېلېنسكىي پايتەختتە بەش ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 40 قا يېقىن ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى، شۇنداقلا تۇرالغۇ بىنالىرى، بىر مەكتەپ، بىر مال دوختۇرخانىسى ۋە باشقا ئاممىۋى ئۇل- ئەسلىھەلىرىنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «بۇ جەزمەن ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلارنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئەمەس، ئىتتىپاقداشلىرىمىزنىڭ بۇ ھۇجۇم ئالدىدا سۈكۈت قىلىپ تۇرماسلىقى ئىنتايىن مۇھىم.»

ئۇ ھاۋا مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ دۈشمەننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇسىنىڭ %93 نى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى ماختىدى، ئەمما بۇ نىسبەتنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى بولۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ: «ئەڭ قىيىن خىرىس باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلاردىن مۇداپىئەلىنىشتۇر» دېدى.

تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى ئۇكرائىناغا تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىغان رۇسىيە بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ قېتىملىق ھۇجۇمنىڭ «ئۆچ ئېلىش» خاراكتېرلىك ئىكەنلىكىنى، ھەمدە ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي نۇقتىلىرى ۋە ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرىنىڭ نىشانلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى تاڭ ئاتقاندا قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ ۋەيران بولغان تۇرالغۇ بىناسىنىڭ خارابىلىقلىرى ئارىسىدا كىشىلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرىگە گۇۋاھ بولدى.

جىددىي قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ يارىلانغانلار ۋە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ جەسەتلىرىنى خارابىلىكتىن ئېلىپ چىقىۋاتقانلىقى، ئاھالىلەرنىڭ يېقىنلىرى ۋە قوشنىلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ خەۋىرىنى كۈتۈپ كۆز-يېشى قىلىۋاتقانلىقى كۆرۈلدى.

ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ كىيېۋ بىلەن موسكۋا ئوتتۇرىسىدا ئۈچ كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىشقا ۋاسىتىچىلىك قىلىپ، تىنچلىققا بولغان ئازراق ئۈمىدنى قوزغىغان ئىدى.

 رۇسىيە رەھبىرى ۋلادىمىر پۇتىن بولسا، ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىشقا يۈزلەنگەنلىكىنى ئىشارەت قىلغان ئىدى. بۇ قېتىملىق بومباردىمان ئەنە شۇ تىنچلىق تىرىشچانلىقلىرىغا ئۇرۇلغان ئەڭ يېڭى ئېغىر زەربە بولدى.

پۇتىن قىزىل مەيداندىكى 2-دۇنيا ئۇرۇشى غەلىبىسىنى خاتىرىلەش پاراتىغا رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان مەزگىلدە يولغا قويۇلغان بۇ ئۇرۇش توختىتىش، ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىنى كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىشى سەۋەبىدىن بۇزۇلغان ئىدى.

سەيشەنبە (12-ماي) كۈنى ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەنلا، ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە ئۆزئارا ئۇچقۇ ھۇجۇمىنى باشلىۋەتتى.

كىيېۋ ھاۋا ئارمىيەسى.رۇسىيەنىڭ يېقىنقى 36 سائەت ئىچىدە ئۇكرائىناغا 1500 دىن ئارتۇق ئۇچقۇ قويۇپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ب د ت «نىشانلاندى»

كرېمىل سارىيى پۇتىننىڭ شەنبە (2026-يىلى 9-ماي) كۈنىدىكى ئۇرۇشنىڭ «ئاخىرلىشىشقا يۈزلەنگەنلىكى» ھەققىدىكى سۆزىنىڭ موسكۋانىڭ مەيدانىنى يۇمشاتقانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ، ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىشىغا بولغان ئۈمىدكە سوغۇق سۇ سەپكەن بولدى.

چارشەنبە (13-ماي) كۈنى، رۇسىيە ئۇرۇش توختىتىش ۋە تولۇق تىنچلىق سۆھبىتىدىن ئىلگىرى، ئۇكرائىنانىڭ شەرقتىكى دونباس رايونىدىن پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىقىشى كېرەكلىكى تەلىپىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلىدى.

كىيېۋ بولسا، بۇ تەلەپنى تەسلىم بولۇش بىلەن باراۋەر دەپ بىلىپ رەت قىلدى. رۇسىيە تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بېرى ئۇكرائىنانىڭ شەھەرلىرىنى بومباردىمان قىلىۋاتقان بولۇپ، ئادەتتە كەڭ كۆلەمدىكى ئۇچقۇ ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىنى كېچىدە قىلىۋاتىدۇ.

چارشەنبە كۈنى، رۇسىيەنىڭ ئاساسلىقى ئۇكرائىنانىڭ غەربىنى نىشانلىغان ئاز دېگەندە 800 دانە ئۇچقۇ ھۇجۇمىدا ئالتە ئادەم جېنىدىن ئايرىلىپ، ئونلارچە ئادەم يارىلاندى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Russia kills at least six in daytime drone assault on Ukraine: Zelenskyy

زېلېنسكىي شۇنىڭدىن كېيىن، پىرېزىدېنت ترامپنى بۇ ھەپتە بېيجىڭدا خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشقا چاقىردى.

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى فىرانسىيە ئاگېنتلىقىغا، پەيشەنبە كۈنىدىكى بۇنداق چوڭ كۆلەملىك ھۇجۇمنىڭ ئىلگىرى بىر مەزگىل توختاپ قالغانلىقىنى، بۇ قېتىمقىسىنىڭ ترامپ بىلەن شى جىنپىڭنىڭ ئۇچرىشىش ۋاقتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

مەزكۇر ئەمەلدار تەپسىلىي توختالمىدى، ئەمما بۇ ھۇجۇمنى «ترامپنىڭ خىتايدىكى سۆھبىتى جەريانىدىكى بىر نامايىش» دەپ ئاتىدى.

زېلېنسكىينىڭ ئېيتىشىچە، پەيشەنبە (14-ماي) كۈنى يەنە رۇسىيە ئۇچقۇسى ئۇكرائىنانىڭ جەنۇبىدىكى خېرسون شەھىرىدە ب د ت (بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى) ئاپتوموبىلىغا ھۇجۇم قىلغان. ئۇ موسكۋانى بۇنى قەستەن نىشانلىغانلىقى بىلەن ئەيىبلىدى.

ئۇ ئېكس (X) سۇپىسىدا مۇنداق يازدى: «رۇسىيەلىكلەر ب د ت ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ بىر ئاپتوموبىلىغا ئىككى قېتىم ئۇچقۇ بىلەن ھۇجۇم قىلدى. رۇسىيەلىكلەرنىڭ قايسى ئاپتوموبىلنى نىشانلىغانلىقىنى بلمەسلىكى مۇمكىن ئەمەس.»

ئۇ ۋەقەدە ئادەم ئۆلمىگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

رۇسىيەنىڭ 2022-يىلى فېۋرالدا ئۇكرائىناغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىقى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ ئۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ ئۇرۇشتا يۈزمىڭلارچە ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى ۋە مىليونلارچە ئادەم ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلدى.

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: تۈركىيەنى دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ ئۇچۇش تورىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردۇق
تۈركىيە ئىسرائىلىيە بىلەن چېتىشلىقى بار بىر شايكىغا ئېغىر زەربە بەردى: 175 كىشى قولغا ئېلىندى
تۈركىيە بىرازىلىيە بىلەن تۈزگەن مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلىدى
رۇسىيەدە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ كۈلەڭگىسىدە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلمەكتە
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دۇنياغا خىتاب قىلىدۇ
فىتسو «ياۋروپا مىقياسىدىكى ھەربىي توقۇنۇش» ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى
جەنۇبىي كورېيە ھۈرمۈز بوغۇزىدا جەڭ ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشنى رەت قىلدى
ترامپ: پولشادا ئامېرىكا ھەربىي بازىسى قۇرۇش مەسىلىسىدە مۇھىم ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى
پېنتاگون ياۋروپادىكى 40 مىڭغىچە ئامېرىكا ئەسكىرىنى چېكىندۈرۈشنى ئويلاشماقتا
يەمەن ئارمىيەسى تەئىزنىڭ غەربىدىكى توقۇنۇشلاردا 30 ھۇسىينىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى
ئىران ھورمۇز بوغۇزىدا توگو بايرىقى قادالغان بىر نېفىت پاراخوتىنى ئوققا تۇتقانلىقىنى جاكارلىدى
ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ ئوماندا ھۇسىيلار بىلەن  سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى پاشىنيان: بىزنىڭ رۇسىيە ھەربىي بازىسىغا ئېھتىياجىمىز يوق
ئۈسكۈپتە «تۈرك تىلىغا بېغىشلانغان پورترېتلار» ناملىق رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى
غەززەدە ئۆلتۈرۈلگەن 20 مىڭ بالىنىڭ ئىسمى يېزىلغان سىمۋوللۇق كېپەن ب د ت دا كۆرگەزمە قىلىندى