غەززە ئۇرۇشى
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيە 183 دۆنۈم پەلەستىن زېمىنىنى تارتىۋالدى
ئىسرائىلىيە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان ئەلخەلىل ۋە بەيتۇللەھمە شەھەرلىرىدە پەلەستىنلىكلەرگە تەۋە 182.81 دۆنۈم يەرنى «دۆلەت مۈلكى» ئېلان قىلىپ تارتىۋالدى.
ئىسرائىلىيە 183 دۆنۈم پەلەستىن زېمىنىنى تارتىۋالدى
(ئارخىپ) ئەلخېلىل ۋە بەيتلەھەم شەھەرلىرىگە قاراشلىق يېزىلاردا 182.81 دونۇملۇق يەر «دۆلەت مۈلكى» دەپ ئېلان قىلىندى

ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ئەلخەلىل ۋە بەيتۇللەھمە شەھەرلىرىدە پەلەستىنلىكلەرگە تەۋە تەخمىنەن 183 دۆنۈم يەرنى تارتىۋالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

پەلەستىن ئايرىمىچىلىق سېپىلى ۋە يەھۇدىي ئولتۇراق رايونلىرىغا قارشى تۇرۇش ھەيئىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، تېل ئاۋىۋ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنىڭ جەنۇبىدىكى ئەلخەلىل ۋە بەيتۇللەھمە شەھەرلىرىگە قاراشلىق يېزىلاردىكى 182.81 دۆنۈم يەرنى «دۆلەت مۈلكى» ئېلان قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ رايوندىكى قانۇنسىز كۆچمەنلەر ئولتۇراق رايونلىرىغا رەسمىي سالاھىيەت بېرىپ، ئۇنى كېڭەيتىش قەدەملىرى دائىرىسىدە پەلەستىنلىكلەرنىڭ زېمىنلىرىنى تارتىۋالغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ قەدەملىرى ئارقىلىق پەلەستىن زېمىنىنى پارچىلاشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى ۋە ئەمەلىي قوشۇۋېلىشنى مەجبۇرىي تېڭىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

ئىسرائىلىيە غەززە رايونىغا ھۇجۇم باشلىغان 2023 - يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان، ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى بىلەن شەرقىي قۇددۇستا پەلەستىنلىكلەرگە قارىتىلغان تۇتقۇن قىلىش، بېسىپ كىرىش ۋە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىمۇ بارغانسېرى كۆپەيمەكتە.

ئىزدىنىڭ
ئاتاتۈركنىڭ «نۇتۇق» ناملىق ئەسىرىنىڭ 8 تىلدا ئالاھىدە نەشرى تەييارلاندى
بېلگىيەدىكى نامايىشلاردا تۇتقۇن قىلىنغانلار سانى 195 كە ئۆرلىدى
مىلانو شەھىرىدىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدە 160 كىشى تۇتقۇن قىلىندى
تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى كەركۈكتە ئېھتىياجلىق يېتىملەرگە كىيىم-كېچەك ۋە ئوقۇش ئۈسكىنىلىرى ياردىمى قىلدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىدا يەنە 5 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇبىيو سەمەرقەنتتە ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەئىدوۋ بىلەن كۆرۈشتى
پاكىستان ئارمىيەسى: بەلۇجىستاندىكى ھەربىي ھەرىكەتلەردە 4 قوراللىق ئۇنسۇر بىر تەرەپ قىلىندى
تايلاندتىكى كەلكۈن ئاپىتىدە بىر ئايدا 80 كىشى قازا قىلدى
پەلەستىن ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىغا ئۇچراۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن خەلقئارالىق قوغداش تەلەپ قىلدى
تۈركىيە كانادادىكى ھەربىي بازىدا يۈز بەرگەن پارتلاش مۇناسىۋىتى بىلەن كانادا خەلقىگە تەزىيە بىلدۈردى
پۇتىن ترامپ ۋە شى جىنپىڭ بىلەن ئۈچ تەرەپلىك باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى تەكلىپ قىلدى
پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ھۇسىيلارنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ بېكىتىشكە چاقىردى
ترامپ ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەدىكى دىزېل يېقىلغۇسىنى ئايرىش زاۋۇتلىرىغا ھۇجۇم قىلىشىنى تەنقىد قىلدى
ئاراقچى: نېتانياھۇ تۈرمىگە كىرمەسلىك ئۈچۈن ئامېرىكانى ئۇرۇشقا سۆرەۋاتىدۇ
روسىيە بىلەن ئۇكرائىنا كېچىچە ئۆزئارا قايتۇرما ھۇجۇلارنى قىلدى