سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئەنگلىيە ترامپنىڭ بېسىمىغا بەرداشلىق بېرەلمىدى
ئەنگلىيە ئامېرىكانىڭ ھورمۇز بوغۇزى ئەتراپىدىكى ئىرانغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن ئۆز بازىلىرىنى ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلدى.
ئەنگلىيە ترامپنىڭ بېسىمىغا بەرداشلىق بېرەلمىدى
داۋنىڭ كوچىسى ئامېرىكانىڭ ئەنگلىيە بازىلىرىدىن پايدىلىنىشىغا رۇخسەت قىلدى. رويتېرس. / Reuters

ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بايانات ئېلان قىلىپ، «ئىراننىڭ خەلقئارا دېڭىز قاتنىشىنى نىشان قىلىپ ھۇجۇم دائىرىسىنى كېڭەيتكەنلىكى» نى ئەيىبلىدى.

ئەنگلىيە باش ۋەزىرلىك مەھكىمىسى (داۋنىڭ كوچىسى) ئەنگلىيەنىڭ ئامېرىكانىڭ ئەنگلىيە بازىلىرىنى ئىشلىتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى تەستىقلىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ ھەرىكەت ھورمۇز بوغۇزىدىكى دېڭىز قاتنىشىغا تەھدىت سېلىۋاتقان ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىقتىدارىنىڭ نىشان قىلىنغانلىقى ئەسكەرتلدى.

ھۆكۈمەت باياناتىدا جۈمە (2026-يىلى 20-مارت) كۈنىدىكى يىغىندا كابىنېتنىڭ مۇنۇلارنى جەزملەشتۈرگەنلىكى تىلغا ئېلىندى: «ئامېرىكانىڭ رايوننىڭ كوللېكتىپ مۇداپىئەسى ئۈچۈن ئەنگلىيە بازىلىرىنى ئىشلىتىش كېلىشىمى، ئامېرىكانىڭ ھورمۇز بوغۇزىدىكى پاراخوتلارغا ھۇجۇم قىلىۋاتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا بازىلىرى ۋە ئۇ بازىلارنىڭ ئىقتىدارىنى ئاجىزلىتىشقا قارىتىلغان مۇداپىئە خاراكتېرلىك ھەرىكەتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.»

ھۆكۈمەت ئەنگلىيەنىڭ ئىران ئۇرۇشىغا تۇتقان پوزىتسىيەسىنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپلىرىدا ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى تەكىتلىدى ھەمدە جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىشكە ۋە ئۇرۇشنى تېزدىن ھەل قىلىشقا چاقىردى.

ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى كابېنتى  ئىراننىڭ ھۇجۇم نىشانىنى خەلقئارا دېڭىز قاتنىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان شەكىلدە كېڭەيتكەنلىكىنى ئەيىبلىدى.

باياناتتا، ئىراننىڭ ئەنگلىيە بايرىقى ئېسىلغان پاراخوتلارغا (Red Ensign)، يېقىن ئىتتىپاقداشلارنىڭ ۋە پارس قولتۇقىدىكى شېرىك دۆلەتلەرنىڭ پاراخوتلىرىغا قىلغان پەرۋاسىز ھۇجۇملىرىنىڭ رايوننى تېخىمۇ چوڭ كىرىزىسقا پاتۇرۇش، ئەنگلىيە ھەمدە دۇنياغا كۆرسىتىدىغان ئىقتىسادىي تەسىرنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىش خەۋپىنى كۈچەيتىۋېتىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئۆكتىچى كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى كېمى بادېنوخ (Kemi Badenoch) بۇ قارارنى «يۇقىرى دەرىجىلىك تۇيۇقسىز بۇرۇلۇش» دەپ ئەيىبلىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - UK adviser judged Iran nuclear deal was within reach just before war began — report

ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە -28فېۋرال (2026)  ئىرانغا قارشى ئۇرۇش قوزغىغاندىن بۇيان، ئەنگلىيەنىڭ پوزىتسىيەسى دەسلەپتە ئامېرىكانىڭ ھەربىي بازىلاردىن پايدىلىنىشىنى رەت قىلىشتىن، ھازىرقى چوڭقۇر ئارقا سەپ ۋە ھەربىي بىرلىشىش ھالىتىگە ئۆزگەردى.

باش ۋەزىر ستارمېر (Keir Starmer) دۈشەنبە (2026-يىلى 16-مارت) كۈنى: «بىز ئۆزىمىزنى ۋە ئىتتىپاقداشلىرىمىزنى قوغداش ئۈچۈن زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىش بىلەن بىرگە، تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك ئۇرۇشقا پېتىپ قالماسلىق ئۈچۈن تىرىشىمىز» دېدى ۋە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

بىراق، ئەنگلىيەنىڭ ئۇرۇشتىكى رولىنىڭ كېڭىيىشى، بۇ پەرقنى ساقلاپ قېلىشنىڭ بارغانسېرى قىيىنلىشىۋاتقانلىقى ھەققىدە كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان مۇنازىرەلەرنى قوزغىدى.

28-فېۋرال ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە ئىرانغا قارشى بىرلىكتە ھۇجۇم باشلىغاندىن بۇيان، يېقىن شەرق رايونىدىكى ئۇرۇش كەسكىنلەشتى.

ئامېرىكا بىلەن ئىسىرائىلىيەنىڭ بىرلەشمە ھۇجۇملىرىدا، ئالىي رەھبەر ئەلى ھامەنەنېينى ئۆز ئىچىگە ئالغان 1300 گە يېقىن كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

ئىران رايوندا ئۇچقۇ ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، نۇرغۇن پاراخوتلارنىڭ ھورمۇز بوغۇزىدىن ئۆتۈشىنى توسۇپ قويدى. ھورمۇز بوغۇزى مۇھىم نېفىت توشۇش يولى بولۇپ، ئادەتتە بۇ يەردىن كۈنىگە 20 مىليون ۋارىل نېفىت ۋە دۇنيا سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز سودىسىنىڭ تەخمىنەن %20 ى ئۆتىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Has the Iran war further eroded trust between the US and Europe?
ئىزدىنىڭ
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى پاكىستاندىكى قانلىق تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى
ئىران باش مۇزاكىرىچىسى ئامېرىكانى «تىياتىر دىپلوماتىيەسى» يۈرگۈزۈش بىلەن ئەيىبلىدى
خىروشىما ئامېرىكانىڭ ئاتوم بومبىسى تاشلانغانلىقىنىڭ 81 يىللىقىنى خاتىرىلىدى
ترامپ ئامېرىكا قورال كەمچىللىكى مەسىلىسىدە خېگسېتقا بېسىم ئىشلەتكەن
ئىران ئەمەلدارى: ھورمۇز بوغۇزى ئىرانغا قارىتىلغان تەھدىتلەر ئاخىرلاشقۇچە يېپىق قالىدۇ
سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيبانى تۈركىيەگە كېلىدۇ
شارا: ئەسەدنىڭ ئاغدۇرۇلۇشى سۈرىيە ۋە رايون ئۈچۈن زۆرۈر ئىدى
ترامپ: ئامېرىكا-ئىران سۆھبىتى دۈشەنبە كۈنى قايتىدىن باشلىنىدۇ
ترامپ ۋەدىسىدىن يېنىۋالدى
ئىسپانىيە: سېئۇتادىكى 50 مىڭ كۆچمەننىڭ كۆپىنچىسى ماراكەشكە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قايتتى
رۇسىيە: ئۇكرائىنانىڭ پورت ئۇل ئەسلىھەلىرى بىلەن ھەربىي يۈك توشۇيدىغان پاراخوتىنى ئوققا تۇتتۇق
ئىران تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدا خىتاي شىركىتى نىشان قىلىندى
«ئامېرىكانىڭ ھۇجۇملىرى داۋاملاشقان تەقدىردە، ھورمۇز بوغۇزى قايتا ئېچىلمايدۇ»
دائېش تالىبانغا ھۇجۇم قىلدى
رۇسىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا ئۇكرائىنادا 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىدا رۇسىيەدە ئۈچ كىشى ئۆلدى
جەنۇبىي كورېيە: شىمالىي كورېيە - ئامېرىكا سۆھبىتىنىڭ قايتا باشلىنىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز
ئامېرىكا خىتاينىڭ دۇنياۋى تەسىر كۈچىگە تاقابىل تۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئومان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانلىق كەسپىيداشلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى
پۇتىن: رۇسىيە نىشانلىرىغا يېتىش ئۈچۈن ھەممە ئىشنى قىلىدۇ