خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
سەئۇدى ئەرەبىستانى يەمەندىكى «جەنۇبىي ئۆتكۈنچى كېڭەش»نى قىسىملىرىنى «دەرھال» چېكىندۈرۈشكە چاقىردى
سەئۇدى پادىشاھلىقى «جەنۇبىي ئۆتكۈنچى كېڭەش» قىسىملىرىنىڭ جەنۇبتىكى مۇھىم رايونلارنى كونتروللۇقىغا ئېلىۋېلىشىدىن كېيىن، ۋەزىيەتنى ئوڭشاش ئۈچۈن شېرىكلىرى بىلەن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
سەئۇدى ئەرەبىستانى يەمەندىكى «جەنۇبىي ئۆتكۈنچى كېڭەش»نى قىسىملىرىنى «دەرھال» چېكىندۈرۈشكە چاقىردى
STC قىسىملىرى يەمەننىڭ ئەبىيەن ۋىلايىتىدە ھەربىي ھەرىكەت باشلاۋاتقان تاغلىق رايونغا يېتىپ كەلدى، 2025-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى. / Reuters

سەئۇدى ئەرەبىستانى پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، يەمەننىڭ جەنۇبىدىكى ئاساسلىق بۆلگۈنچى گۇرۇپپىنىڭ جەنۇبتا كەڭ كۆلەمدە كونتروللۇق ئورنىتىشىغا سەۋەب بولغان جىددىيچىلىكنىڭ ئاخىرلىشىدىغانلىقىدىن ھېلىمۇ ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. بۇ ۋەزىيەت، ئون يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى ئىچكى ئۇرۇشنىڭ پارتلىشى بىلەن ئىككى ئايرىم ھاكىمىيەتكە بۆلۈنۈپ كەتكەن مەزكۇر دۆلەتتىكى ئېنىقسىزلىقنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرماقتا.

سەئۇدى ئەرەبىستانى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدا شەرقتىكى ھەدرەمۇت ۋە مەھرا ۋىلايەتلىرىنى ئىگىلىۋېلىشى بىلەن يەمەننىڭ «جەنۇبىي ئۆتكۈنچى كېڭىشى» (STC) تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلىرى «ئورۇنسىز جىددىيچىلىك» دەپ تەرىپلەندى.

باياناتتا: «پادىشاھلىق، جەنۇبىي ئۆتكۈنچى كېڭىشىنىڭ جىددىيچىلىكنى ئاخىرلاشتۇرۇشى ھەمدە قىسىملىرىنى مەزكۇر ئىككى ۋىلايەتتىن دەرھال ۋە تەرتىپلىك ھالدا چېكىندۈرۈشى ئارقىلىق، ئاممىۋى مەنپەئەتنىڭ ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىغا بولغان ئۈمىدىنى ساقلاپ كەلمەكتە» دېيىلدى.

جەنۇبىي ئۆتكۈنچى كېڭەش قىسىملىرى دەسلەپتە 2015-يىلى ئىران تەرەپدارى ھۇسىيلارغا قارشى يەمەنگە ھەربىي جەھەتتىن ئارىلاشقان سەئۇدى ئەرەبىستانى باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش قىسىملارنىڭ بىر قىسمى ئىدى.

بىراق، كېيىنچە جەنۇبىي ئۆتكۈنچى كېڭەش ھۆكۈمەتكە قارشى چىقىپلا قالماي، سەئۇدى ئەرەبىستانى قوللىغان ھاكىمىيەتنىڭ مەركىزى جايلاشقان مۇھىم پورت شەھىرى ئەدەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان جەنۇبىي رايونلاردا ئاپتونومىيە (مۇختارىيەت) تەلەپ قىلدى.

«زۆرۈر ئورۇنلاشتۇرۇشلار»

سەئۇدى ئەرەبىستانى - ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىرلەشمە ھەربىي ھەيئىتى 12-دېكابىر جىددىيچىلىكنى پەسەيتىشكە قارىتىلغان تەدبىرلەرنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن ئەدەنگە يېتىپ كەلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستانى تەرەپ، بۇ خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ جەنۇبىي ئۆتكۈنچى كېڭەش قىسىملىرىنىڭ ئىككى ۋىلايەت سىرتىدىكى ئەسلىدىكى ئورۇنلىرىغا قايتىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن «زۆرۈر ئورۇنلاشتۇرۇشلار»نى قىلىش مەقسىتىدە ئەۋەتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

پادىشاھلىق يەنە ۋەزىيەتنىڭ ئەسلى ھالىتىگە قايتۇرۇلۇشىغا قارىتىلغان تىرىشچانلىقلارنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

يەمەن 2014-يىلدىن بۇيان ئىچكى ئۇرۇشنىڭ پاتقىقىغا پېتىپ قالغان بولۇپ، بۇ جەرياندا ھۇسىيلار پايتەخت سانانى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەتنىڭ شىمالىنى كونترول ئاستىغا ئېلىۋالغان، نەتىجىدە ھۆكۈمەت جەنۇبقا چېكىنىشكە ۋە پورت شەھىرى ئەدەننى ۋاقىتلىق مەركەز قىلىپ ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولغانىدى.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون بىلەن نىيۇيوركتا كۆرۈشتى
نىگېرىيەنىڭ پلاتېئو ئۆلكىسىدە ئېلىپ بېرىلغان قوراللىق ھۇجۇمدا 9 كىشى قازا قىلدى
كانادادا سىناگوگ ئالدىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا بىر ساقچىنى قوشقاندا، ئىككى كىشى يارىلاندى
جەنۇبىي ۋە شىمالىي كورېيەنى ئايرىپ تۇرىدىغان رايوندىكى پارتلاشتا  3 ئوفىتسېر يارىلاندى
رۇسىيە: «ئۇكرائىنادا ئەشيا ئوبوروت مەركەزلىرىگە، پورتلارغا ۋە پاراخوتلارغا زەربە بەردۇق»
ترامپ: پۈتۈن ئىراننى پارتلىتىۋېتەلەيمەن
ھەلەبتىكى ھەربىي رايوندا يۈز بەرگەن پارتلاشلاردا تۆت كىشى يارىلاندى
دەسلەپكى نەتىجىلەرگە قارىغاندا، پۇتىننىڭ پارتىيەسى پارلامېنت سايلىمىدا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن
ئىران: ھورمۇز بوغۇزىدا MQ-1 تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئېتىپ چۈشۈرۈلدى
ئىران ئامېرىكا بىلەن بولغان سۆھبەتلەرگە قايتىش ئۈچۈن شەرتلىرىنى ۋاسىتىچىلەرگە يەتكۈزدى
پەلەستىن تەرەپدارى نامايىشچىلار فىلادېلفىيەدىكى ئېد شېران كونسېرتىغا قارشى نامايىش قىلدى
سابىق چىلى پرېزىدېنتى باچېلېت ب د ت باش كاتىپلىق نامزاتلىقىدىن چېكىندى
ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق ئۈچۈن خەۋپسىزلىك ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
پاكىستاندىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 31 گە يەتتى
ئامېرىكا ئۇكرائىنا ئۈچۈن 2 مىليارد 680 مىليون دوللارلىق ھاۋا مۇداپىئە ياردەم لايىھەسىنى تەستىقلىدى
ئامېرىكا ئارمىيەسى كارىب دېڭىزىدا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى قىلغان  كېمىگە زەربە بەردى
ترامپ شى جىنپىڭ بىلەن «ناھايىتى ئۈنۈملۈك» كۆرۈشۈش ئېلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
جەنۇبىي ئافرىقادا ئۆتكەن 5 ھەپتە ئىچىدە 13 كىشى «M چېچىكى» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى
پاكىستاندىكى بىر ساقچىخانىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فىلىپپىندا بىر مەكتەپتە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا ئالتە ئوقۇغۇچى ھاياتىدىن ئايرىلدى