پەلەستىنلىك بىر دادا ئىسرائىلىيە تۈرمىسىدىكى كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ بەردى

پەلەستىنلىك بىر دادا ئىسرائىلىيە تۈرمىسىدىكى كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ بەردى: «بىزگە ھايۋانلاردەك مۇئامىلە قىلدى»

پەلەستىنلىك بىر دادا ئىسرائىلىيە تۈرمىسىدىكى كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ بەردى / AP

20 ئايلىق ئىسرائىلىيە تۇتقۇنلۇقىدىن كېيىن، مۇھەممەد ئەبۇ مۇسا ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندە، ئانىسى، سىڭلىسى ۋە باشقا تۇغقانلىرىنىڭ بىر ھاۋا ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلىقىنى ۋە يۇرتىنىڭ ئۇرۇشتا ۋەيران بولغانلىقىنى كۆردى.

ئىسرائىلىيە تۈرمىلىرىدە 20 ئاي داۋاملاشقان ئازابتىن كېيىن قويۇپ بېرىلىش خۇشاللىقىنى ياشاۋاتقاندا، مۇھەممەد ئەبۇ مۇسا بىر ئىشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى.

45 ياشلىق بۇ تېببىي تېخنىك ئۆتكەن ھەپتە قويۇپ بېرىلگەن باشقا پەلەستىنلىك مەھبۇسلار بىلەن بىرگە ئۆزىنى غەززەگە ئېلىپ كەلگەن ئاپتوبۇستىن چۈشۈپ، ئايالى ۋە ئىككى كىچىك بالىسى بىلەن قايتا جەم بولدى؛ ئانىسىنى سورىغىنىدا، ئىنىسى ئۇنىڭ كۆزىگە قارىيالمىدى.

ئاخىرىدا ئۇنى ئولتۇرغۇزۇپ، ئانىسى، كىچىك سىڭلىسى ئايا ۋە ئايانىڭ بالىلىرى ھەمدە ھاممىسى بىلەن تاغىسىنىڭ ئىيۇل ئېيىدا غەززەنىڭ مەركىزىدىكى پاناھلىنىش ئورنىغا كەلگەن بىر ئىسرائىلىيە ھاۋا ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلىقىنى ئېيتىپ بېرەلىدى.

ئىككى يىللىق ئۇرۇش جەريانىدا ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن غەززەدىن ئېلىپ كېتىلگەن 1800 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىك، ھاماسنىڭ ئاخىرقى ھايات تۇتقۇنلىرىنى قويۇپ بېرىشى بىلەن نەتىجىلەنگەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى دائىرىسىدە بۇ ھەپتە قويۇپ بېرىلدى.

ئىسرائىلىيە يەنە، كۆپىنچىسى ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاققا قايتقان ياكى چەتئەلگە سۈرگۈن قىلىنغان، ئەمما بىر قىسمى غەززەگە ئەۋەتىلگەن، يېقىنقى يىللاردا ھۆكۈم قىلىنغان 250 گە يېقىن پەلەستىنلىك مەھبۇسنى قويۇپ بەردى.

غەززەگە قايتىپ كەلگەنلەر تۈرمىدە ياتقاندا ئۇرۇش توغرىسىدا كۆپ نەرسە بىلمىگەن بولۇپ، يۇرت-ماكانلىرىنىڭ قانداق ۋەيران قىلىنغانلىقى ۋە ئائىلىلىرىنىڭ ئىسرائىلىيە بومباردىمانلىرى ۋە ھۇجۇملىرى بىلەن قانداق پارچىلىنىپ كەتكەنلىكىدەك رېئاللىققا دۇچ كەلدى.

ئەبۇ مۇسا قايتىپ كەلگەنلىكىنى سۆزلەپ بېرىۋاتقاندا، قويۇپ بېرىلگەن مەھبۇسلارنىڭ ئاپتوبۇستىن چۈشۈشتىن بۇرۇنلا قايغۇنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېيتتى. بەزىلىرى، ئۆزلىرىنى كۈتۈۋالغان ئامما ئارىسىدىكى تونۇشلىرىغا ئاپتوبۇس دېرىزىسىدىن ۋارقىراپ، ئاكىلىرى، ئانىلىرى ۋە دادىلىرىنى سورىدى.

كۆپىنچە ھاللاردا، جاۋاب قىسقا ۋە ئېنىق ئىدى: «ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن».

ئائىلىسى قېچىۋاتقاندا تۇتۇلغان ئەبۇ مۇسا، 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردىكى ھاماس ھۇجۇمىدىن كېيىن ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەرىكىتىنى باشلىشىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي تۇنجى يوقىتىشىغا ئۇچرىدى.

سەككىز كۈندىن كېيىن، غەززەنىڭ جەنۇبىدىكى خان يۇنۇس شەھىرىدىكى ئائىلىسىنىڭ ئۆيىگە بىر ھاۋا ھۇجۇمى قىلىندى. ئۇ چاغدا ئەبۇ مۇسا رادىئولوگىيە تېخنىكى بولۇپ ئىشلەيدىغان ناسىر دوختۇرخانىسىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتاتتى.

ئۇ مەزگىلدە ئىنتېرنېتتە تارقالغان بىر ۋىدېئودا، ئەبۇ مۇسا ۋە ئۇنىڭ ئايالى راۋان سالھانىڭ، ئوغلى يۈسۈفنى يارىلانغانلار ئارىسىدىن ئىزدەپ دوختۇرخانىدا يۈگۈرۈۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن ئىدى. سالھا: «يەتتە ياشتا، بۈدرە چاچلىق، ئاق تەنلىك ۋە ناھايىتى چىرايلىق» دەپ يىغلايتتى.

بالا دوختۇرخانىغا ئۆلۈك ئېلىپ كېلىنگەن ئىدى. ھۇجۇمدا يەنە ئەبۇ مۇسانىڭ بىر ئىنىسىنىڭ ئايالى ۋە ئىككى بالىسىمۇ ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.

كېيىنكى ئايلاردا، دوختۇرخانىغا توختىماي يارىلانغانلار كېلىپ تۇرغاچقا، ئەبۇ مۇسا توختاۋسىز ئىشلىدى. بۇ جەرياندا سالھا ۋە ھايات قالغان ئىككى بالىسى، ئۆيلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان يۈزلىگەن كىشى بىلەن بىللە دوختۇرخانىدا پاناھلىنىۋاتاتتى.

2024-يىلى فېۋرالدا، ئىسرائىلىيە كۈچلىرى دوختۇرخانىنى قورشاۋغا ئالدى ۋە گۇمانلىق قوراللىقلارنى ئىزدەش ئۈچۈن دوختۇرخانىغا بېسىپ كىرىشكە تەييارلاندى. ئۇلار خىزمەتچىلەر ۋە يۆتكىگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە ئېغىر كېسەللەردىن باشقا ھەممەيلەننىڭ دوختۇرخانىدىن ئايرىلىشىنى بۇيرۇدى.

ئەمما سالھا، ئەبۇ مۇساسىز ئايرىلىشنى رەت قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

شۇڭا ئۇلار بالىلىرى بىلەن بىللە پىيادە يولغا چىقتى. يېقىن ئەتراپتىكى بىر ئىسرائىلىيە ھەربىي تەكشۈرۈش نۇقتىسىدا، ئەبۇ مۇسا سوراق قىلىنىش ئۈچۈن باشقىلار بىلەن بىللە بىر تەنتەربىيە مەيدانىغا ئېلىپ كېتىلدى.

بۇ، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىن ئۇزۇن مۇددەت ئايرىلىشىنىڭ باشلىنىشى ئىدى.

تۈرمىلەردىكى يامان مۇئامىلە

ئەبۇ مۇسا ئىسرائىلىيە تۈرمىلىرىدىكى ئايلىرىنى يامان مۇئامىلە بىلەن تولغان دەپ تەسۋىرلەيدۇ. دۈشەنبە كۈنى غەززەگە قايتىپ كەلگەن باشقا مەھبۇسلارغا ئوخشاش، ئۇنىڭغىمۇ ھېچقانداق ئەيىب يۈكلەنمىگەن ئىدى.

ئۇ تەنتەربىيە مەيدانىدا باشلانغان سوراق جەريانىدا كالتەك ۋە مۇشتلار بىلەن ئۇرۇلغانلىقىنى ئېيتتى.

تەكشۈرۈش نۇقتىسىدىن ئېلىپ كېتىلگەن ھەممەيلەن ئۈچ كۈن بويىچە قوللىرى سۇلياۋ كىشەن بىلەن باغلانغان ھالدا تۇتۇلدى، سۇ بېرىلمىدى ۋە ھاجەتخانىغا بېرىشىغا رۇخسەت قىلىنمىدى.

ئەبۇ مۇسا: «ھەممىمىز دېگۈدەك ئىشتىنىمىزغا قىلىۋەتتۇق» دېدى.

ئۇ ئىسرائىلىيە ئىچىدىكى بىر ھەربىي تۈرمە لاگېرى بولغان سدە تەيمانغا ئېلىپ بېرىلدى ۋە بۇ يەردە ئىككى ئاي تۇتۇلدى.

ئۇ ھەر كۈنى مەھبۇسلارنىڭ سائەتلەپ مىدىرلىماي تىزلىنىپ ئولتۇرۇشقا مەجبۇرلانغانلىقىنى ئېيتتى ۋە بۇنىڭ ناھايىتى ھارغىنلىق ئىكەنلىكىنى، دۈمبىسىنىڭ سۇنۇپ كەتكەندەك ھېس قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ئەبۇ مۇسا، ساقچىلارنىڭ بەزى كىشىلەرنى ئۇرۇش ئۈچۈن بىر چەتكە ئايرىيدىغانلىقىنى ئېيتىپ، تاياق يېگەن بىر قېتىمدا قوۋۇرغىسىنىڭ سۇنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەبۇ مۇسا كېيىن پۇقراۋىي ئورگانلار تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان نېگېۋ تۈرمىسىگە يۆتكەلدى. ئۇ يەردە تاياق يېيىشنىڭ تېخىمۇ ئاز ئىكەنلىكىنى، ئادەتتە ساقچىلارنىڭ ھەپتىلىك كامېر ئاختۇرۇشلىرى جەريانىدا ئۆزلىرىنى ئۇرغانلىقىنى ئېيتىپ، شارائىتنىڭ يەنىلا ناھايىتى ئېغىر ئىكەنلىكىنى سۆزلىرىگە قوشۇمچە قىلدى.

ئۇ بارلىق مەھبۇسلاردا دېگۈدەك قىچىشقاق كېسىلى بار ئىدى، بۇ كىچىك قۇرتلارنىڭ تېرىگە ئورۇنلىشىشى بىلەن پەيدا بولىدىغان بىر يۇقۇم. «ئىنسانلار قىچىشقاقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۆزىنى تامغا سۈركەيتتى» دېدى.

تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، تۈرمە دائىرىلىرى ئۇ قويۇپ بېرىلىشتىن بىر قانچە ھەپتە ئىلگىرىگىچە داۋالاش ئۈچۈن مەلھەم بەرمىدى.

ئورۇن-كۆرپىلەر پاسكىنا ئىدى ۋە مەھبۇسلارغا كىيىم ئالماشتۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنمىدى. كېسىلگەن يەرلەر دائىم يۇقۇملىنىپ تۇراتتى.

ئۇ يەنە، يېگانە كىيىملىرىنى يۇغاندا، يالىڭاچ قېلىپ بىر ئەدىيالغا ئورىنىۋېلىشقا مەجبۇر بولاتتى - ئەمما ساقچىلار كۆرۈپ قالسا، «ئەدىيالنى ئېلىپ كېتىپ سىزنى ئەدىيالسىز ئۇخلاشقا مەجبۇرلايتتى» دېدى.

‹بىزگە ھايۋانلاردەك مۇئامىلە قىلدى›

كېسەل مەھبۇسلار ياكى سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلىرى بارلار دورا سورىدى، ئەمما رەت قىلىندى.

ئەبۇ مۇسا مۇھەممەد ئەل-ئەستال ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ ئۈچەي توسۇلۇش كېسىلىنىڭ ئېغىرلىشىپ، ئاخىرىدا قازا قىلغانلىقىنى ئېيتىپ، «بىزگە ھايۋاندەك مۇئامىلە قىلدى» دېدى.

ئەبۇ مۇسانىڭ بايانلىرىغا قارىتا، نېگېۋ تۈرمىسىنى باشقۇرىدىغان ئىسرائىلىيە تۈرمە ئىدارىسى بۇ ھەقتە ئۇچۇرى يوقلۇقىنى ئېيتىپ، قانۇنغا ئۇيغۇن ھالدا پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ۋە مەھبۇسلارنىڭ داۋالىنىش ۋە مۇۋاپىق ياشاش شارائىتى ھوقۇقىنىڭ قوغدىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ ئىدارە يەنە، ئارمىيە ئەسلىھەلىرىدە سىستېمىلىق يامان مۇئامىلە قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىپ، ئىسرائىلىيە قانۇنلىرى ۋە خەلقئارا قانۇنغا ئۇيغۇن ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ھەر قانداق كونكرېت شىكايەتنىڭ تەكشۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەبۇ مۇسانىڭ بايانلىرى، ئىلگىرى قويۇپ بېرىلگەن نۇرغۇن پەلەستىنلىكنىڭ ھېكايىلىرى بىلەن ئوخشاش.

ب د ت نىڭ ئۆتكەن ئايدا ئېلان قىلغان دوكلاتىغا قارىغاندا، ئۇرۇش جەريانىدا ئىسرائىلىيە تۈرمىلىرى ۋە توختىتىپ تۇرۇش مەركەزلىرىدە كەم دېگەندە 75 پەلەستىنلىك قازا قىلغان. دوكلاتتا، بۇ ئەسلىھەلەردىكى شارائىتنىڭ ئۆلۈمگە سەۋەب بولغان قىيناشقا باراۋەر ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان.

مارت ئېيىدا تۈرمىدە قازا قىلغان 17 ياشلىق بىر پەلەستىنلىكنىڭ جەسىتىنى تەكشۈرۈشنى كۆزەتكەن بىر ئىسرائىلىيەلىك دوختۇرنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، بۇ ياش ئاچلىقتىن ئورۇقلاپ كەتكەن، ئۈچەي ياللۇغى ۋە قىچىشقاق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان.

ۋەيرانچىلىققا قايتىش

ئەبۇ مۇسا قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئىسرائىلىيەدىن غەززەگە ئۆتۈۋاتقاندا، «مەن ئۇچرىغان تۇنجى زەربە ۋەيرانچىلىق بولدى» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.

خان يۇنۇستىكى يۇرتى تونۇغۇسىز ھالغا كەلگەن ئىدى. پۈتۈن مەھەللىلەر يەر بىلەن يەكسان بولغان ئىدى. ئۇ ۋە باشقا يولۇچىلار، خارابىگە ئايلانغان بىنالار ئارىسىدىن تونۇش جايلارنى ئىزدەشتى.

ئاپتوبۇسلار ئۇلارنى كۈتۈۋالغان ئامما ساقلاۋاتقان ناسىر دوختۇرخانىسىغا يېتىپ كەلدى. ئامما ئارىسىدا ئۇلارنى كۆرەلمەي ئالاقزادە بولغان ئەبۇ مۇسا، بىر دوختۇرخانا خىزمەتچىسىدىن ئايالى ۋە بالىلىرىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى سورىدى. خىزمەتچى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ساقلاۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئانىسىنى سورىغىنىدا، ئىنىسى ئۇنىڭ كۆزىگە قارىيالماي، پەقەت: «كېلىۋاتىدۇ» دېدى.

«ئۇ ماڭا راستىنى دېمەۋاتاتتى» دېدى ئەبۇ مۇسا. ئايالى ۋە بالىلىرى بىلەن قايتا جەم بولغاندىن كېيىن، ئانىسى ۋە سىڭلىسى ئايانى يەنە سورىدى. ئاخىرى ئۇلار ئۇنىڭغا ئېيتتى.

بولغان ئىشلارنى سۆزلەپ بېرىۋاتقاندا، ئەبۇ مۇسا ئۇزۇن سۈكۈت قىلدى، ھېسسىياتىنى كونترول قىلالماي قالدى. يىغلاپ تۇرۇپ، ئانىسىنىڭ ھەر دائىم كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى، ھەتتا 2009-يىلىدىكى ئىسرائىلىيە ئۇرۇشىدا بىر ئىنىسى قازا قىلغاندىمۇ يىغلىمىغانلىقىنى ئەسلىدى.

ئۇ «ئانام ھەر دائىم ئۆزىنى تۇتۇۋالاتتى، بىزنى ئاجىزلاپ قالمىسۇن دەپ» دېدى.

ئەگەر ئانىسى ئۇنىڭ تۈرمىدىن قايتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرەلىگەن بولسا، بۇ خۇشاللىقنىڭ ئانىسىنىڭ ئىرادىسىنى بۇزالمىغانلىقىنى ئويلىدى.

«ئۇنى سېغىندىم. ئۇنى كۆرگۈم بار. قولىنى، بېشىنى سۆيگۈم بار» دەپ يىغلىدى.