ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
قاتار ئىيوردانىيە ئارقىلىق سۈرىيەنى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەش پىلانىنى جاكارلىدى
سۈرىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ پىلانغا ئاساسەن قاتار تەرەققىيات فوندى تەرىپىدىن سۈرىيەنى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەش تەدرىجىي كۆپەيتىلىپ 400 مېگاۋاتتىن باشلاپ ئېلېكتر ئىشلەپچىقىرىش نىشان قىلىنماقتا ئىكەن.
00:00
قاتار ئىيوردانىيە ئارقىلىق سۈرىيەنى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەش پىلانىنى جاكارلىدى
قاتار ئىيوردانىيە ئارقىلىق سۈرىيەنى تەبىئىي گاز تەمىنلەش پىلانىنى جاكارلىدى / AP

قاتار ئوردون ئارقىلىق سۈرىيەگە تەبىئىي گاز تەمىنلەش تۈرنى ئېلان قىلىپ، بۇ دۆلەتنىڭ ناھايىتى ئاز سۈرىيەنىڭ رەسمىي ئاخبارات ئاگېنتلىقى «SANA» پەيشەنبە كۈنى قاتارنىڭ دەمەشق ئەلچىخانىسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان خەلىفە ئابدۇللاھ ئەششەرىفنىڭ باياناتىنى نەقىل كەلتۈرى.

سۈرىيە ئېلېكتىر ئىشلىرى مىنىستىرى ئۆمەر شاقرۇق سۈرىيەنىڭ رەسمىي ئاخبارات ئاگېنتلىقى «SANA» غا بەرگەن باياناتىدا، قاتارنىڭ ياردىمىنىڭ سۈرىيەنىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىنى گۈللەندۈرىدىغانلىقىنى ۋە سۈرىيەنى كۈنىگە 2 مىليون كۇب مېتىرلىق تەبىئىي گاز  بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«قاتارنىڭ بۇ ياردىمىنىڭ سايىسىدا يەنە 400 مېگاۋات ئېلېكتر ئىشلەپچىقىرىلىدۇ، ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش خىزمىتى ياخشىلىنىدۇ، توك بىلەن تەمىنلەش كۈنىگە 2 سائەتتىن 4 سائەتكىچە چىقىرىلىدۇ.

   بۇ، پۇقرالارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا ۋە دۆلەتنىڭ مۇھىم ساھەلىرىگە ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدۇ.»

قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ماجىد ئەلئەنسارى قاتارنىڭ سۈرىيەگە ئېنېرگىيە ياردىمى بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ياردەمنىڭ سۈرىيەنىڭ بارلىق زېمىنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ۋە تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە مۇقىملىققا تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

سۈرىيەنى قايتا قۇرۇش تىرىشچانلىقلىرى

ئەلئەنسارى مەركىزى قاتارغا جايلاشقان ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيە قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا، قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئال سانىنىڭ سۈرىيە خەلقىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئېنىق يوليورۇقلارنى بەرگەنلىكىنى، قاتارنىڭ نىشانىنىڭ سۈرىيەنى قايتا قۇرۇش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ئېھتىياجلارنى قامداش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئەلئەنسارى قاتارنىڭ «2011 -يىلدىن 2024  -يىلىغىچە سۈرىيە خەلقىنى قوللىغانلىقىنى، ئەمدىلىكتە بولسا ئۇلارنىڭ سۈرىيەنى قايتا قۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىنى قوللاش ئىرادىسىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ، قاتارنىڭ سۈرىيەگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن خەلقئارالىق ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«دۇنياۋى ئىتتىپاقداشللار بىلەن، بولۇپمۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈۋاتىمىز.

سۈرىيە خەلقىنى قوللاش ئۈچۈن ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن كۈندىلىك سۆھبەتلەرنى ئۆتكۈزۈۋاتىمىز.

قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئال سانىنىڭ سۈرىيەگە داۋاملىق ياردەم بېرىش توغرىسىدىكى يوليورۇقلىرى ناھايىتى ئېنىقتۇر.»

سۈرىيە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشى بىلەن بارغانسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان ئېنېرگىيە قىيىنچىلىقلىرىغا قارشى كۈرەش قىلماقتا، سۈرىيە يېڭى ھۆكۈمىتى بولسا بۇ قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ناھايىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە كەڭ دائىرىلىك جازا يۈرگۈزۈشكە تەييارلانماقتا
دەسلەپكى نەتىجىلەرگە قارىغاندا، پۇتىننىڭ پارتىيەسى پارلامېنت سايلىمىدا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن
ئەردوغان نىيۇيوركتىكى تۈرك ئۆيىگە يېتىپ بارغاندا ئاممىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى
ئىران: ھورمۇز بوغۇزىدا MQ-1 تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئېتىپ چۈشۈرۈلدى
ئىران ئامېرىكا بىلەن بولغان سۆھبەتلەرگە قايتىش ئۈچۈن شەرتلىرىنى ۋاسىتىچىلەرگە يەتكۈزدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا 4 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
پەلەستىن تەرەپدارى نامايىشچىلار فىلادېلفىيەدىكى ئېد شېران كونسېرتىغا قارشى نامايىش قىلدى
سابىق چىلى پرېزىدېنتى باچېلېت ب د ت باش كاتىپلىق نامزاتلىقىدىن چېكىندى
ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق ئۈچۈن خەۋپسىزلىك ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
پاكىستاندىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 31 گە يەتتى
ئامېرىكا ئۇكرائىنا ئۈچۈن 2 مىليارد 680 مىليون دوللارلىق ھاۋا مۇداپىئە ياردەم لايىھەسىنى تەستىقلىدى
ئامېرىكا ئارمىيەسى كارىب دېڭىزىدا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى قىلغان  كېمىگە زەربە بەردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 81 - نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى ئۈچۈن ئامېرىكانى زىيارەت قىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان غازىلار بايرىمىنى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان قىلدى
غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا ئوقۇش قايتا باشلاندى