خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
پەزەشكىياننىڭ ئوغلى: يېڭى دىنىي رەھبەر ئۇرۇش جاراھەتلىرىگە قارىماي «ساق-سالامەت»
ئىران پىرېزىدېنتىنىڭ ئوغلى چارشەنبە كۈنى ئىراننىڭ يېڭى دىنىي رەھبىرى مۇجتەبا خامەنېينىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن ئامېرىكانىڭ ھۇجۇملىر جەريانىدا يارىلانغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرگە قارىماي، ئۇنىڭ ساق-سالامەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
پەزەشكىياننىڭ ئوغلى: يېڭى دىنىي رەھبەر ئۇرۇش جاراھەتلىرىگە قارىماي «ساق-سالامەت»
56 ياشلىق مۇجتەبا خامىنىي كۆزگە چېلىقمايدىغان بىر شەخس بولۇپ، ئۇ ئامما ئالدىدا ناھايىتى ئاز كۆرۈنگەن ياكى رەسمىي پائالىيەتلەردە سۆز قىلغان. / Reuters

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھۆكۈمەت مەسلىھەتچىسى بولغان يۈسۈپ پەزەشكىيان تېلېگرامما قانىلىدىكى ئۇچۇرىدا: «مۇجتەبا خامەنېينىڭ يارىلانغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنى ئاڭلىدىم. ئالاقىسى بار بەزى دوستلىرىمدىن سورىدىم، شۈكرىلەر بولسۇنكى، ماڭا ئۇنىڭ ساق-سالامەت ئىكەنلىكىنى ئېيتىشتى»  دېدى.

ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيەسى خامەنېينى «رامىزان ئۇرۇشىنىڭ يارىلانغان غازىسى» دەپ سۈپەتلىگەن بولسىمۇ، لېكىن يارىلىنىشىنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە توختالمىغانىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىراننىڭ يېڭى تەيىنلەنگەن دىنىي رەھبىرى مۇجتەبا خامەنېينىڭ ئامېرىكا بىلەن تىنچ-ئامان بىرگە ياشىيالايدىغانلىقىدىن گۇمانلىنىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇش جەريانىدا تېھران رەھبەرلىك قاتلىمىغا قارىتىلغان تەنقىدلىرىنى كۈچەيتتى.

فۆكس خەۋەرلىرىگە (Fox News) بەرگەن زىيارىتىدە ئىراننىڭ قارارىدىن مەمنۇن ئەمەسلىكىنى تىلغا ئالغان ترامپ: «مېنىڭچە ئۇ تىنچلىق ئىچىدە ياشىيالمايدۇ» دېدى. ترامپ ئىلگىرى خامەنېينىڭ تەيىنلىنىشىگە «ئېغىر خاتالىق» دەپ باھا بەرگەن ۋە يېڭى رەھبەرنىڭ ئامېرىكانىڭ تەستىقىسىز ئۇزۇن چىداپ تۇرالمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇرغانىدى.

يېڭى دىنىي رەھبەر ئۇزۇن مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ۋە 28-فېۋرالدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قارىتىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۆلتۈرۈلۈشى بىلەن پۈتكۈل ئوتتۇرا شەرق مىقياسىدا ئۇرۇشنىڭ پارتلىشىغا سەۋەب بولغان ئىران رەھبىرى ئەلى خامەنېينىڭ ئوغلى ھەم ۋارىسىدۇر.

56 ياشلىق مۇجتەبا خامەنېي ئاممىنىڭ ئالدىغا ئاز چىقىدىغان، رەسمىي پائالىيەتلەردە سۆز قىلمايدىغان ۋە كۆزگە كۆپ چېلىقمايدىغان بىر شەخس سۈپىتىدە تونۇلغان بولۇپ، يەكشەنبە كۈنى رەھبەر دەپ ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان تېخى خەلقكە خىتاب قىلمىدى ياكى يازما بايانات بەرمىدى.

نىيۇيورك تايمىس گېزىتىنىڭ (New York Times) چارشەنبە كۈنىدىكى بىر خەۋىرىدە ئىسمى ئاشكارىلانمىغان ئۈچ نەپەر ئىرانلىق ئەمەلدارنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، خامەنېينىڭ بىر قانچە يېرىدىن يارىلانغانلىقى، ئەمما ھوشىنىڭ جايىدا ئىكەنلىكى ۋە چەكلىك ئالاقە شارائىتىدا ئىنتايىن بىخەتەر بىر جايدا قوغدىلىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىندى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە يېڭى  تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش پىلانىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماقتا
تۈركىيە سۈرىيەنىڭ ئىدلىب ۋىلايىتىدىكى پارتلاش مۇناسىۋىتى بىلەن سۈرىيەگە تەزىيە بىلدۈردى
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە ماگناتى MKE مىسىردا ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن تارماق شىركەت قۇردى
ئىران ئىيوردانىيەدىكى ئامېرىكا بازىسىغا ھۇجۇم قىلدى
دونالد ترامپ كانادا مەھسۇلاتلىرىنى خېرىدار چاقىرىش تۈرلىرىدىن چىقىرىۋېتىش بۇيرۇقى چۈشۈردى
مالايشىيادا تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ، بەش كىشى قازا قىلدى
يېڭى زېلاندىيە ئىسرائىلىيەنى  قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلىرىنى كېڭەيتىشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى
ئىسرائىلىيە شەرقىي قۇددۇستىكى ئەنگلىيە كونسۇلخانىسىنى 30 كۈن ئىچىدە تاقاش بۇيرۇقى چۈشۈردى
كانادانىڭ ئامېرىكاغا قاراتقان قايتۇرما تاموژنا بېجى رەسمىي يولغا قويۇلدى
تۈركىيە ھۇسىيلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قىلغان ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بېرنھام: مەن غەززەدىكى ئازاب-ئوقۇبەتكە قاراپ تۇرالمايمەن
تۈركىيە مۇداپىئە ساھەسىدىكى تېخنولوگىيە تەجرىبىلىرىنى پۇقراۋى ساھەلەرگە يۆتكەشنى نىشان قىلماقتا
قاتار ۋە خىتاي ھورمۇز بوغۇزىدىكى ئەركىن قاتناش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران تاجاۋۇزچىلار تاكى پۇشايمان قىلغانغا قەدەر قارشىلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋەدە بەردى
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ بىر تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە يولۇچىلار پويىزىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى جاكارلىدى