خەلقئارا
3 مىنۇت ئوقۇش
84 كىشى يوقاپ كەتكەن فىلىپپىن يولۇچىلار پاراخوتىغا قۇتقۇزۇش خادىملىرى كىردى
مانىلادىن پالاۋانغا قاراپ كېتىۋاتقان يولۇچىلار پاراخوتىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە بەش كىشى قازا قىلدى، 43 كىشى قۇتقۇزۇۋېلىندى. نۆۋەتتە يوقاپ كەتكەن 84 كىشىنى ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمىتى داۋاملاشماقتا.
84 كىشى يوقاپ كەتكەن فىلىپپىن يولۇچىلار پاراخوتىغا قۇتقۇزۇش خادىملىرى كىردى
دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى بۇ رايونغا بەش پاراخوت ۋە غەۋۋاسلارنى ئەۋەتكەن بولۇپ، ئارمىيەنىڭ قۇتقۇزۇش كېمىلىرى، بېلىقچىلار ۋە شەخسىي ئارامگاھ خوجايىنلىرىمۇ ئىزدەش خىزمىتىگە ياردەملەشمەكتە. / AP

فىلىپپىن ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى مانىلادىن غەربتىكى پالاۋان ئۆلكىسىگە قاراپ كېتىۋاتقاندا ئوت كەتكەن ۋە كۆيۈپ كەتكەن يولۇچىلار پاراخوتىغا كىردى. ئوت ئاپىتىدە بەش كىشى قازا قىلىپ، 80 دىن ئارتۇق كىشى يوقاپ كەتتى.

چارشەنبە كۈنى كېچىدە يۈز بەرگەن ۋەقەدىن كېيىن، قويۇق ئىس-تۈتەك ۋە يۇقىرى تېمپېراتۇرا سەۋەبىدىن پاراخوت ئىچىگە كىرىش ئىمكانىيىتى بولمىغان ئىدى. قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى بىر كۈندىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، جۈمە كۈنى پاراخوتقا كىرەلىدى.

فىلىپپىن دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى يولۇچىلار تىزىملىكىدە ئىسمى بار ئىككى كىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە پاراخوتقا چىقمىغانلىقىنى دەلىللىگەندىن كېيىن، يوقاپ كەتكەنلەر سانىنى 86 دىن 84 كە تۈزەتتى. ھازىرغىچە جەمئىي 43 كىشى قۇتقۇزۇۋېلىندى. يولۇچىلار تىزىملىكىدە پاراخوتتا 117 يولۇچى ۋە 17 خىزمەتچىنىڭ بارلىقى قەيت قىلىنغان.

ھاۋادىن تارتىلغان سىن كۆرۈنۈشلىرىدە، ئۈستۈنكى قەۋەتلىرى ئوتتا قارىداپ كەتكەن پاراخوت ئۈستىدە دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىگە ئائىت تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ چارلاپ يۈرگەنلىكى كۆرۈلدى. پاراخوتنىڭ بەزى جايلىرىدىن يەنىلا سۇس ئىس كۆتۈرۈلۈۋاتقان بولسىمۇ، ئالدىنقى كۈنلەرگە سېلىشتۇرغاندا كۆرۈنەرلىك ئازايغان. پاراخوتنىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدە ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىنىڭ ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى بايقالدى.

يوقاپ كەتكەن يولۇچىلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى پاراخوت شىركىتىدىن جاۋاب ئالالمىغاندىن كېيىن، ئەھۋال ئىگىلەش ئۈچۈن پاراخوت ئىگىسى بولغان «Atienza Inter-Island Ferries» شىركىتىنىڭ مانىلادىكى ئىشخانىسى ئالدىغا يىغىلدى.

64 ياشلىق ئېۋېلىن ئۇمپاد پالاۋاندىكى تايتايغا يەر سېتىۋېلىش ئۈچۈن بارغان ئوغلى ۋە كېلىنىدىن خەۋەر كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «قايتا-قايتا تېلېفون قىلساقمۇ ھېچكىم جاۋاب بەرمىدى. نومۇرىمىزنى ئېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئالاقىلىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، بىزگە قايتا ئۇچۇر بەرمىدى. شۇڭا ئەھۋالنى سۈرۈشتۈرۈش ئۈچۈن ئۆزىمىز بۇ يەرگە كەلدۇق. دائىرىلەردىن بىزگە تېز سۈرئەتتە ئېنىق ئۇچۇر بېرىشىنى تەلەپ قىلىمىز.»

پاراخوت شىركىتى ۋەقەنى تەكشۈرۈۋاتقان ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بىلەن تولۇق ھەمكارلىشىۋاتقانلىقىنى جاكارلىدى.

سەۋەبى تېخى ئېنىق ئەمەس

دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى رايونغا بەش پاراخوت ۋە غەۋۋاسلارنى ئەۋەتتى. چارشەنبە كۈنى كېچىدە باشلانغان ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە ئارمىيەنىڭ كېمىلىرى، بېلىقچىلار ۋە ئەتراپتىكى دەم ئېلىش ئورۇنلىرىنىڭ خۇسۇسىي قېيىقلىرىمۇ ھەسسە قوشماقتا. دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ باياناتچىسى، ئادمىرال نوئېمى كايابياب نەق مەيدانغا تېخىمۇ چوڭ قۇتقۇزۇش پاراخوتى ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئوت كېتىشنىڭ تۈپ سەۋەبى تېخى ئېنىقلانمىدى. ئوت ئاپىتى باشلانغان ۋاقىتتا، پاراخوت پالاۋاننىڭ شىمالىدىكى داڭلىق ساياھەت مەركىزى كورونغا قاراپ داۋاملاشقان 20 سائەتتىن ئارتۇق مۇساپىنىڭ ئاخىرقى قىسمىغا يېقىنلاشقان ئىدى.

دېڭىزچىلىق سانائىتى ئىدارىسى ۋەقەدىن ئامان قالغانلارنىڭ گۇۋاھلىقىغا ئاساسەن، ئوت چىقىشتىن ئىلگىرى پاراخوت ئىچىدىن ئارقا-ئارقىدىن ئىككى قېتىم پارتلاش ئاۋازى ئاڭلانغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، 330 يولۇچى سىغىدىغان بۇ پاراخوتقا بەش موتوسىكلىت، بىر توكلۇق ئاپتوموبىل، بىر يۈك كۆتۈرگۈچ ۋە بىر كىچىك يۈك ئاپتوموبىلى قاچىلانغان.

7 مىڭ 600 دىن ئارتۇق ئارالدىن تەركىب تاپقان فىلىپپىندا پاراخوت ئەڭ ئاساسلىق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، مىليونلىغان پۇقرا ئۆلكىلەر ئارا سەپەرلىرىدە پاراخوت قاتنىشىغا تايىنىدۇ. فىلىپپىن دېڭىز قاتنىشى بىخەتەرلىكىدە ناچار خاتىرىگە ئىگە بولۇپ، ئىلگىرى يۈز بەرگەن پاراخوت پاجىئەلىرى ئاساسلىقى نورمىدىن ئارتۇق ئادەم قاچىلاش، ناچار ھاۋا شارائىتى ۋە بىخەتەرلىك بەلگىلىمىلىرىنىڭ يېتەرلىك ئىجرا قىلىنماسلىقى قاتارلىق سەۋەبلەردىن كېلىپ چىققانىدى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە ماگناتى MKE مىسىردا ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن تارماق شىركەت قۇردى
يېڭى زېلاندىيە ئىسرائىلىيەنى  قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلىرىنى كېڭەيتىشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى
ئىسرائىلىيە شەرقىي قۇددۇستىكى ئەنگلىيە كونسۇلخانىسىنى 30 كۈن ئىچىدە تاقاش بۇيرۇقى چۈشۈردى
كانادانىڭ ئامېرىكاغا قاراتقان قايتۇرما تاموژنا بېجى رەسمىي يولغا قويۇلدى
تۈركىيە ھۇسىيلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قىلغان ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بېرنھام: مەن غەززەدىكى ئازاب-ئوقۇبەتكە قاراپ تۇرالمايمەن
تۈركىيە مۇداپىئە ساھەسىدىكى تېخنولوگىيە تەجرىبىلىرىنى پۇقراۋى ساھەلەرگە يۆتكەشنى نىشان قىلماقتا
قاتار ۋە خىتاي ھورمۇز بوغۇزىدىكى ئەركىن قاتناش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران تاجاۋۇزچىلار تاكى پۇشايمان قىلغانغا قەدەر قارشىلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋەدە بەردى
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ بىر تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە يولۇچىلار پويىزىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى جاكارلىدى
نېپال-خىتاي چېگراسىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر 1 مىڭ 400 گە يەتتى
ۋېنگىرىيە 10 رۇسىيەلىك دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى
پولشادا ماشىنا ئادەملەر سۈنئىي ئەقىلگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى
ئىسرائىلىيە كۈچلىرى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا بىر پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مىلادىچ ئۈچۈن دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈشىگە نارازىلىق بىلدۈردى