سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ھىندونېزىيە پارلامېنتى ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن دەتالاشلىق ھەربىي قانۇننى تەستىقلىدى
ھۆكۈمەت ئوفىتسېرلارنىڭ مەمۇرىي ۋەزىپىلەرگە ئىشقا ئورۇنلىشىشتىن بۇرۇن ھەربىيلىكتىن ئىستېپا بېرىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان بولسىمۇ، كۆزەتكۈچىلەر ھىندونېزىيەگە سۇخارتو دەۋرىدىكىگە ئوخشاش ھەربىيلەشتۈرۈش ئۇسلۇبىنىڭ قايتىپ كېلىشىدىن ئەنسىرىمەكتە.
00:00
ھىندونېزىيە پارلامېنتى ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن دەتالاشلىق ھەربىي قانۇننى تەستىقلىدى
نامايىشچىلار جاكارتادا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن دەتالاشلىق ھەربىي ئىشلار قانۇنىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزمەكتە / Reuters

ھىندونېزىيە پارلامېنتى پەيشەنبە كۈنى ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن دەتالاشلىق ھەربىي ئىشلار قانۇنىنى رەسمىي تەستىقلىدى. بۇ قانۇنغا ئاساسەن، ئوفىتسېرلارغا تېخىمۇ كۆپ مەمۇرىي خىزمەتلەر تەقسىملىنىدۇ.

بۇ قانۇن لايىھەسى  ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى تەشكىلاتلارنىڭ قاتتىق تەنقىدىكە ئۇچرىدى. ئۇلار بۇ قانۇننىڭ دۇنيادىكى ئۈچىنچى چوڭ دېموكراتىك دۆلەتنى سابىق كۈچلۈك پىرېزىدېنت سۇخارتونىڭ «يېڭى تەرتىپ» دەۋرىگە قايتۇرۇۋېتىش ئېھتىمالى بارلىقىنى، ئۇ دەۋردە ئوفىتسېر-جەڭچىلەرنىڭ مەمۇرىي خىزمەتلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماتقا.

پارلامېنت رەئىسى پۇئان ماخارانى پارلامېنت ئومۇمىي كېڭىشىدە بىردەك ئاۋاز بېرىشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى رەسمىي قانۇنلاشتۇردى ھەمدە بۇ قانۇننىڭ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق پىرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئارمىيەنىڭ رولى

ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىر ئېيىدا ھوقۇق يۈرگۈزۈشنى باشلىغان، سۇخارتو دەۋرىدە ئالاھىدە قىسىملار قوماندانى بولۇپ  ۋەزىپە ئۆتىگەن پىرېزىدېنت پىرابوۋو سۇبىيانتو، ئارمىيەنىڭ ئىلگىرى پۇقراۋى ساھەلەر دەپ قارالغان تەرەپلەردىكى رولىنى كېڭەيتتى. بۇلارنىڭ ئىچىگە ئۇنىڭ بالىلارنى ھەقسىز تاماق بىلەن تەمىنلەش پىروگراممىسىمۇ كىرىدۇ.

كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىلىرى ھەربىيلەرنىڭ ھوقۇقنى سۇيىئىستېمال قىلىشى ۋە قىلمىشلىرىنىڭ ئاقىۋەتلىرىگە جاۋابكارلىققا تارتىلماسلىقىدىن ئەنسىرەپ، ھەربىيلەرنىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە مەمۇرىي ساھەلەرگە ئارىلاشتۇرۇلۇشنى كەسكىن تەنقىد قىلماقتا.

ھۆكۈمەت قانۇن لايىھەسىنىڭ ئوفىتسېر-جەڭچىلەرنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپلىقى ۋە باش تەپتىش ئىدارىسى قاتارلىق ئورگانلاردىكى مەمۇرىي ۋەزىپىلەرگە تەيىنلىنىشتىن بۇرۇن ھەربىيلىكتىن ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

بىر پارلامېنت ئەزاسى، ھەربىيلەر بىلەن سودا دۇنياسىنىڭ ئەندىشىلىرىگە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن، ئوفىتسېر-جەڭچىلەرنىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلەرگە قاتنىشالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا ئونتارىيو كۆلىنىڭ نامىنى رەسمىي ئۆزگەرتتى
گىرېتسىيەدە غەربىي نىل ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانى 290 غا يەتتى
ئامېرىكا ئارمىيەسى تىنچ ئوكياندا بىر كېمىنى غەرق قىلدى
ئامېرىكادا ھۆكۈمەت بىلەن سوت قارىمۇ قارشى بولۇپ قالدى
رۇسىيە موسكۋاغا قاراپ ئۇچقان 37 دانە ئۇچقۇنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
ئىسرائىلىيەلىك كۆچمەنلەر يېزىغا ھۇجۇم قىلىپ 2 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
ترامپ ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلاشنى پىلانلىماقتا
ئامېرىكانىڭ مىننېئاپولىس شەھىرىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 2 كىشى ئۆلدى
رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي ئەشيا ئوبوروتى مەركەزلىرى ۋە پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
«تۈركىيەنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش ئىستراتېگىيەسى غەربتىن ۋاز كەچكەنلىك ئەمەس»
ئەزەربەيجاندا ئوق-دورا ئامبىرى پارتلىغاندىن كېيىن 5 مىڭ كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى
ئەردوغان: گىرېتسىيە ھەربىيسىز سالاھىيەتتىكى ئاراللارنى قوراللاندۇرۇشتىن ۋاز كېچىشى كېرەك
ترامپ ئىران بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ناماز ئوقۇلۇۋاتقان بىر جامەگە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتتى
نېپال ۋە خىتايدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر سانى 1130 غا يەتتى