سېئۇلدىكى ھەربىي ئەمەلدارلار، كۆپ ساندىكى رۇسىيە ھەربىي ئايروپىلانلىرىنىڭ ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونىغا كىرىشىدىن كېيىن جەنۇبىي كورېيەنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزگەنلىكىنى جەزملەشتۈردى.
سېئۇل ئارمىيە باش ئىشتابى سەيشەنبە ئەتىگەن سەھەردە سانى ئېنىقلىمىغان رۇسىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ ياپون دېڭىزى ئۈستىدىكى كورېيە ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونىغا كىرگەنلىكىنى ۋە ئاندىن رايوندىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
تەۋسىيە
ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونى ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەت ھاۋا تەۋەلىكى ھېسابلانمىسىمۇ، دېڭىز قىرغىقىدىكى دۆلەتلەر دۆلەت بىخەتەرلىكى مەقسىتىدە يېقىنلىشىۋاتقان چەت ئەل ھەربىي ئايروپىلانلىرىدىن كىملىكلىرىنى مەلۇم قىلىشنى تەلەپ قىلىدىغان، خەلقئارا دائىرىدە بەلگىلەنگەن بىر بۇففېر (ئارىلىق) رايون ھېسابلىنىدۇ.























