سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
كابۇلدا بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئۆرۈلۈپ كەتتى
كاابۇلدا يولۇچىلار ئاپتوبۇسىنىڭ ئۆرۈلۈپ كېتىشى بىلەن 25 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى، 27 ئادەم يارىلاندى.
كابۇلدا بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئۆرۈلۈپ كەتتى
ئافغانىستاندا قاتناش ۋەقەلىرى كۆپ يۈز بېرىدۇ. / AA

كابۇل دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كابۇلنىڭ ئەزغەندى ئېغىزى ئەتراپىدا بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇسىنىڭ ئۆرۈلۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە كەم دېگەندە 25 ئادەم جېنىدىن ئايرىلغان، 27 ئادەم يارىلانغان.

تالىبان ھۆكۈمىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئابدۇل ماتىن قانى چارشەنبە كۈنى (27-ئاۋغۇست) تولو خەۋەر ئاگېنتلىقى (Tolo News) غا بەرگەن باياناتىدا، بۇ ۋەقەنىڭ سەيشەنبە كۈنى (26-ئاۋغۇست) كەچتە كابۇلدىكى ئەزغەندى ئېغىزى ئەتراپىدا يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلىپ، شوپۇرنىڭ بىپەرۋالىقى تۈپەيلىدىن ئاپتوبۇسنىڭ يولدىن چىقىپ ئۆرۈلۈپ كەتكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

تالىبان باياناتچىسى زەبىھۇللا مۇجاھىد ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، بۇ ۋەقەدە جەمئىي 44 ئادەمنىڭ ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئالدىنقى ئايدا، ھېرات ۋىلايىتىدىكى ھېرات-ئىسلام قەلئە تاشيولىدا، ئىراندا تۇرۇشلۇق مۇساپىرلارنى ئېلىپ كېتىۋاتقان بىر ئاپتوبۇسنىڭ يۈك ماشىنىسى ۋە موتوسىكلىت بىلەن سوقۇلۇپ ئوت كېتىشى نەتىجىسىدە، بالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 79 ئادەم جېنىدىن  ئايرىلغان ئىدى.

تاشيول ئۇل-ئەسلىھەلىرىنىڭ ناچارلىقى ۋە بىپەرۋالىق بىلەن ھەيدەش سەۋەبىدىن، ئافغانىستاندا قاتناش ۋەقەلىرى داۋاملىق يۈز بېرىدىغان تىراگېدىيەگە ئايلانغان.

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: تۈركىيەنى دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ ئۇچۇش تورىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردۇق
تۈركىيە ئىسرائىلىيە بىلەن چېتىشلىقى بار بىر شايكىغا ئېغىر زەربە بەردى: 175 كىشى قولغا ئېلىندى
تۈركىيە بىرازىلىيە بىلەن تۈزگەن مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلىدى
رۇسىيەدە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ كۈلەڭگىسىدە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلمەكتە
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دۇنياغا خىتاب قىلىدۇ
فىتسو «ياۋروپا مىقياسىدىكى ھەربىي توقۇنۇش» ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى
جەنۇبىي كورېيە ھۈرمۈز بوغۇزىدا جەڭ ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشنى رەت قىلدى
ترامپ: پولشادا ئامېرىكا ھەربىي بازىسى قۇرۇش مەسىلىسىدە مۇھىم ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى
پېنتاگون ياۋروپادىكى 40 مىڭغىچە ئامېرىكا ئەسكىرىنى چېكىندۈرۈشنى ئويلاشماقتا
يەمەن ئارمىيەسى تەئىزنىڭ غەربىدىكى توقۇنۇشلاردا 30 ھۇسىينىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى
ئىران ھورمۇز بوغۇزىدا توگو بايرىقى قادالغان بىر نېفىت پاراخوتىنى ئوققا تۇتقانلىقىنى جاكارلىدى
ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ ئوماندا ھۇسىيلار بىلەن  سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى پاشىنيان: بىزنىڭ رۇسىيە ھەربىي بازىسىغا ئېھتىياجىمىز يوق
ئۈسكۈپتە «تۈرك تىلىغا بېغىشلانغان پورترېتلار» ناملىق رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى
غەززەدە ئۆلتۈرۈلگەن 20 مىڭ بالىنىڭ ئىسمى يېزىلغان سىمۋوللۇق كېپەن ب د ت دا كۆرگەزمە قىلىندى