گۆرگۈن: ئىسپانىيە بىلەن تۈزۈلگەن «ھۈرجەت» كېلىشىمى يېڭى ئېكىسپورت پۇرسىتى ياراتتى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى مۇداپىئە سانائىتى ئىدارىسى باشلىقى ھالۇق گۆرگۈن ئىسپانىيە بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىمنىڭ ئايروپىلان سېتىشتىن ھالقىپ، سىستېمىلار ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك ھەمكارلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
گۆرگۈن: ئىسپانىيە بىلەن تۈزۈلگەن «ھۈرجەت» كېلىشىمى يېڭى ئېكىسپورت پۇرسىتى ياراتتى
Defence official hails €2.6bn agreement as milestone for high-tech exports / AA

ھالۇق گۆرگۈن ئىسپانىيەنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 3 مىليارد دوللار (2.6 مىليارد ياۋرو) دىن ئاشىدىغان، تۈركىيەنىڭ تۇنجى يەرلىك مەشىق ئايروپىلانى «ھۈرجەت» (HÜRJET) تىن 30 دانە سېتىۋېلىش قارارىنىڭ ئەنقەرە ئۈچۈن يېڭى ئېكىسپورت پۇرسەتلىرىنى ياراتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئەنقەرەدىكى تۈركىيە ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم سانائىتى شىركىتى (TUSAŞ) بازىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلغان گۆرگۈن، بۇ كېلىشىمنىڭ تۈركىيەنىڭ يېقىنقى يىگىرمە يىلدىكى مۇداپىئە سانائىتى ۋە يۇقىرى تېخنىكا ساھەسىدىكى ئىلگىرىلىشىنى نامايان قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە، تۈركىيەنىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەھبەرلىكىدە يۇقىرى تېخنىكا ئىشلەپچىقىرىدىغان، مۇداپىئە سانائىتىدە ئۆز ئېھتىياجىنى قامدايدىغان، تەرەققىي قىلدۇرغان تېخنىكىلىرىنى دوست ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن ئورتاقلىشىدىغان، خەلقئارا بازاردىكى ئورنىنى كۈندىن-كۈنگە مۇستەھكەملەيدىغان بىر دۆلەتكە ئايلانغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

مۇداپىئە سانائىتىدىكى يەرلىكلىشىش نىسبىتىنىڭ %82 بىلەن %83 ئارىسىدا ئىكەنلىكىگە دىققەت تارتقان گۆرگۈن: «بۇ ئېكىسپورت ئۆزىمىزنىڭ ئۆزگىچە لايىھەسى بىلەن ئىشلەپچىقىرىپ تەرەققىي قىلدۇرغان مەھسۇلاتىمىز ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشتى» دېدى. ئۇ «ھۈرجەت»نى ياساشقا ھەسسە قوشقان 200 گە يېقىن شىركەت ھەققىدە توختىلىپ: «بۇلارنىڭ ھەربىرى جىددىي مەسئۇلىيەتلەرنى ئۈستىگە ئېلىپ ۋە بۇنى ئەڭ ياخشى شەكىلدە ئادا قىلىپ، دۇنيانىڭ ئېھتىياجى بولغان جەڭگىۋار مەشىق ئايروپىلانىنى روياپقا چىقاردى» دېدى.

تۈركىيەنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن بۇنىڭدىن بۇرۇن «ھۈرجەت»كە بۇيرۇتما بېرىلگەنلىكى ۋە ئىشلەپچىقىرىشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن گۆرگۈن، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو ئەزاسى ئىسپانىيەدىن تېخنىكىلىق باھالاش، ئىككى دۆلەت ھاۋا ئارمىيەلىرى ئارا سۆھبەت ۋە سانائەت ھەمكارلىقىنى باھالاش نەتىجىسىدە تەلەپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. گۆرگۈن: «بۇنداق يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتنى ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ناتو ئەزاسى ئىتتىپاقدىشىمىز ئىسپانىيەگە ئېكىسپورت قىلىۋاتقانلىقىمىزدىن خۇشالمىز. بۇ كېلىشىم پەقەت بىر مەشىق ئايروپىلانى سېتىش كېلىشىمىلا ئەمەس، بەلكى يەر يۈزى سىستېمىلىرى، تەقلىدىي مەشىق (سىمۇلياتسىيە) سىستېمىلىرى، تېخنىكىلىق كۈتۈش سىستېمىلىرى ۋە ھەمكارلىق مودېلى جەھەتتىن نۇرغۇن يېڭىلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر پۈتۈن بولاقتۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ يەنە، بۇ خىل تۈرلەر ئارقىلىق تارماق ھۆددە كارخانىلىرىنىڭمۇ يولىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى، ھازىر تەخمىنەن 185 دۆلەتكە 230 خىل مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىدىغان بىر ساھە قۇرۇلمىسىغا يېتىلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

ئېكىسپورت ئىمكانىيەتلىرى

گۆرگۈن كېلىشىمنىڭ تېخنىكىلىق ھەمكارلىق، ئوخشاش بولمىغان پايدىلىق يۈكلەرنىڭ ياكى تارماق سىستېمىلارنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈشى بىلەن كېيىنكى مودېللاردا بىرلىكتە تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ ئۈچىنچى دۆلەتلەرگە ئېكىسپورت قىلىنىشى قاتارلىق پۇرسەتلەرنى ياراتقانلىقىنى ئېيتتى.

«بۇ جەرياندا ئىسپانىيەنىڭ ئۆز ئېھتىياجىغا ئاساسەن يېڭىلانغان، ‹ئىسپانىيەگە خاسلاشتۇرۇلغان› نۇسخىسىمۇ بۇ بولاقنىڭ ئىچىدە بولىدۇ» دېگەن گۆرگۈن، تۈركىيەنىڭ ھەم تېخنىكىلىق ھەم ئىقتىسادىي پايدا يارىتىدىغان، ئۆزئارا تەڭ پايدا ئالىدىغان مودېللارنى شەكىللەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

دۈشەنبە كۈنى ئىسپانىيە تۈركىيە ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم سانائىتى شىركىتى بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ، 2.6 مىليارد يەۋرو قىممىتىدىكى 30 دانە «ھۈرجەت» ئايروپىلانىنى سېتىۋېلىش ئىشلىرىنى رەسمىيلەشتۈرگەنىدى.

 

ئىزدىنىڭ
سۈرىيە سوتى ئاغدۇرۇلغان رەھبەر بەششار ئەسەدنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى
پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نەقۋى ئىراندا زىيارەتتە بولدى
ئاۋسترالىيە ۋە ۋېتنام كەڭ دائىرىلىك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىكلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە كېلىشتى
ئەردوغان ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى شتوككېر بىلەن ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
مىنىستىر خاقان فىدان لىۋاندا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ
خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھنى ئوربىتىغا ئېلىپ ماڭغان راكېتاسى ھاۋادا پارتلاپ كەتتى
ياپونىيە ئورۇن بېكىتىش سۈنئىي ھەمراھىنى ئېلىپ ماڭغان H3 راكېتاسىنى ئۇتۇقلۇق قويۇپ بەردى
قۇددۇس ۋالىيلىقى: <ئىسرائىلىيە 650 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ قۇرۇش پىلانىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە>
بەدىنىڭىزدىكى مىكروبلار سىزنى روھىي كېسەلگە ئايلاندۇرۇپ قويىشى مۇمكۇنمۇ؟
روسئاتوم: «رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر ئىراندا بوشېھر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسغا قايتىشقا باشلىدى»
يەمەن ئارمىيەسى: «خۇسىيلارنىڭ ئەلمۇخاغا قىلغان ھۇجۇمىدا 7 كىشى ئۆلۈپ، 30 كىشى يارىلاندى»
ئەنگىلىيە توكلۇق ئاپتوموبىل تېخنىكىسىغا 175 مىلىيون دوللارلىق قوشۇمچە فوند ياردىمى قىلىدىغان بولدى
گرېتسىيەدە 106 ئوخشىمىغان نۇقتىدا پەلەستىنگە ئازادلىق تەلەپ قىلىپ نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى
خىتايدا يۇنۇس تەيفېڭ بورىنى 1 مىلىيوندىن ئارتۇق خىتاينى ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىدى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاراقچى: «ھازىرچە ئامېرىكا بىلەن ھېچقانداق مۇزاكىرە ئېلىپ بارمىدۇق»