ئىقتىساد
1 مىنۇت ئوقۇش
ۋولكسۋاگېن (Volkswagen) دۇنيا مىقياسىدا يەنە 50 مىڭ خادىمىنى قىسقارتىدۇ
گېرمانىيە ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش ماگناتى ۋولكسۋاگېن، 2030-يىلىغىچە داۋاملىشىدىغان قايتا قۇرۇش پىلانى دائىرىسىدە جەمئىي 100 مىڭ خادىمىنى قىسقارتىشنى قارار قىلدى.
ۋولكسۋاگېن (Volkswagen) دۇنيا مىقياسىدا يەنە 50 مىڭ خادىمىنى قىسقارتىدۇ
ۋولكسۋاگېن (Volkswagen) دۇنيا مىقياسىدا يەنە 50 مىڭ خادىمىنى قىسقارتىدۇ / Reuters

ۋولكسۋاگېن نازارەتچىلەر كېڭىشى دۇنيا مىقياسىدا يەنە 50 مىڭ خادىمنى قىسقارتىش لايىھەسىنى بىردەك ئاۋاز بىلەن ماقۇللىدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى قىسقارتىش پىلانلىرى بىلەن قوشقاندا، 2030-يىلىغىچە قىسقارتىلىدىغان ئومۇمىي خادىم سانى 100 مىڭغا يېتىدۇ. شىركەتنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئولىۋېر بلۇم (Oliver Blume)، «كېلەچەك پىلانى 2030» نى شىركەت تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئىسلاھات دەپ ئاتىدى.

شىركەت دائىرىلىرى يەر شارى خاراكتېرلىك رىقابەتنىڭ كۈچىيىشى، ئېھتىياجنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە تېخنولوگىيەلىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ خادىم قۇرۇلمىسىنى ئىقتىسادىي رېئاللىققا ماسلاشتۇرۇشنى مەجبۇرىي قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ۋولكسۋاگېن يەنە يىللىق ئاپتوموبىل سېتىش نىشانىنى 9 مىليونغا چۈشۈردى. شىركەت 2035-يىلىغىچە ئاپتوموبىل مودېللىرىنى %50 قىسقارتىشنى ۋە مەھسۇلاتنىڭ مۇرەككەپلىكىنى %75 ئازايتىشنى نىشان قىلماقتا. نۆۋەتتە شىركەتنىڭ دۇنيا مىقياسىدا جەمئىي 663 مىڭ خادىمى بار.

ئىزدىنىڭ
كرېمىل: «پۇتىن ئىراننىڭ ئۇرۇش مەسىلىنى ھەل قىلىش تەكلىپىنى ترامپقا يەتكۈزدى»
ئىران: «يېڭى ئۇرۇش ئېھتىماللىقىغا قارشى تەييارلىقلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرماقتىمىز»
ئەنقەرەدە قاتىل ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قارىتىلغان ھۇجۇملىرى نامايىش بىلەن ئەيىبلەندى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە 3 يىلدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى شۋېتسىيەدە ئەيىبلەندى
ئامېرىكا يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى
پاناما «چوڭ ئاپەت» ھالىتى ئېلان قىلدى
ترامپ نوبېل كومىتېتىغا نارازىلىقىنى بىلدۈردى
2026-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ناۋى پىللايغا بېرىلدى
ناتونىڭ يىللىق يادرو قوراللىرىنى توسۇش مانېۋىرى 13-ئۆكتەبىر باشلىنىدۇ
ئامېرىكاغا يېقىنلىشىۋاتقان ئىساياس بوران-چاپقۇنى سەۋەبىدىن جىددىي تارقاقلاشتۇرۇش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلدى
مېكسىكادىكى بىر تۈرمىدە ئىسيان كۆتۈرۈلۈپ 10 كىشى ئۆلدى، 16 كىشى يارىلاندى
ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ كۆچمەنلەرنى دېڭىز يولى ئارقىلىق قوغلاپ چىقىرىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئۇكرائىنا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى جىددىي يىغىن ئېچىشقا چاقىردى
FBI خىتايغا چېتىشلىق خاككېرلارنىڭ تور ھۇجۇمى قوراللىرىنى مۇسادىرە قىلدى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رۇسىيە-ئۇكرائىنا ھۇجۇملىرىدىن ئەنسىرىمەكتە