سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ئەنگلىيەدىكى پاجىئەلىك ئوت ئاپىتىغا مۇناسىۋەتلىك 14 نەپەر ئۆسمۈر نازارەتكە ئېلىندى
ئەنگلىيەدە بىر سانائەت رايونىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 14 ياشلىق بىر ئۆسمۈر قازا قىلغان بولۇپ، ۋەقەگە چېتىشلىق، يېشى 11-14 ئارىسىدا بولغان 14 نەپەر ئۆسمۈر نازارەتكە ئېلىندى ۋە تەكشۈرۈش داۋاملىشىۋاتقان رايوندا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى كۈچەيتىلدى.
ئەنگلىيەدىكى پاجىئەلىك ئوت ئاپىتىغا مۇناسىۋەتلىك 14 نەپەر ئۆسمۈر نازارەتكە ئېلىندى
The three girls and 11 boys were arrested on suspicion of manslaughter, the BBC reported. / Reuters

ئاخباراتلارغا چىققان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئەنگلىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدا، بىر سانائەت رايونىدا يۈز بەرگەن  ئوت ئاپىتىدە 14 ياشلىق بىر ئۆسمۈر ھاياتىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن 14 نەپەر ئۆسمۈر نازارەتكە ئېلىنغان.

BBC  نىڭ شەنبە كۈنى نورتۇمبرىيا ساقچىسىنى مەنبە كۆرسەتكەن خەۋىرىدە، ئۈچ قىز ۋە 11 ئوغۇل بالدىن تەشكىل تاپقان بىر گۇرۇپپىنىڭ، ئادەم ئۆلتۈرۈش گۇمانى بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

جۈمە كۈنى گەيتسخېدتىكى فېرفىلد سانائەت رايونىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدىن كېيىن ئوت ئۆچۈرۈلگەن ئەمما بىنانىڭ ئىچىدە بىر جەسەت تېپىلغان ئىدى.

بىر ساقچى باياناتچىسى، «ئەپسۇسكى، نورتۇمبرىيا ساقچىسى، تايىن، ۋېر ئوت ئۆچۈرۈش ۋە قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ ھەمكارلىقى نەتىجىسىدە ئېلىپ بېرىلغان ئىزدەشلەر نەتىجىسىدە 14 ياشلىق لەيتون كارر ئىكەنلىكى گۇمان قىلىنغان بىر جەسەت بىنانىڭ ئىچىدە ئۆلۈك ھالدا تېپىلدى» دېدى. لەيتوننىڭ يوقالغانلىقى ئۇقتۇرۇلغانلىقى بۇ گۇماننى كۈچەيتتى.  يېشى 11 بىلەن 14 ئارىسىدا بولغان ئۆسمۈرلەر ھازىرمۇ ساقچى نازارىتىدە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.

مەسئۇللار، ئوت ئاپىتىگە مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە خەلقتىن «بۇ ئىنتايىن پاجىئەلىك ۋەقە» ھەققىدە ئورۇنسىز مۆلچەرلەرنى قىلىپ يۈرمەسلىكنى تەلەپ قىلدى.

ساقچى، ۋەقە بىلەن مۇناسىۋەتلىك «بارلىق ئەھۋاللارنى ئېنىقلاشتۇرۇش» مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەكشۈرۈشلەر جەريانىدا رايوندا بىخەتەرلىك ھالقىسى قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

مەنبە:TRT Uyghur
ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى بىر قىسىم ئۆي ۋە ئورۇنلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى
بەھرەين ۋە كۇۋەيتتە ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرى چېلىنىپ، خەلق بىخەتەر رايونلارغا كېتىشكە چاقىرىلدى
ئىران: «كۆزگە كۆز» ئۆچ ئالىمىز
تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 4 كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرىگە ئايلاندى
خىتاي تەيۋەن بوغۇزىدا ئىككى كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى
مارىيا تېرېسا لازارو بىلەن ۋاڭ يى ئىككى تەرەپلىك ئالاقىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇسىيە ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى
تايلاندتىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 5 ئەسكەر قازا قىلدى
قۇددۇس ۋالىيلىقى 1300 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىكنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
پاكىستان بىلەن ھىندىستاندا شىددەتلىك يامغۇر ئاپەتىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا
ئاتلانتىك ئوكيانغا چۈشۈپ كەتكەن «Pan Am» ئايروپىلانىنىڭ پارچىلىرى 74 يىلدىن كېيىن تېپىلدى
ئامېرىكا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھاۋا بومباردىمانىنى باشلىدى
يەمەندىكى ھۇسىيلار قىزىل دېڭىزدا سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ خۇزىستان ئۆلكىسىگە قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا 2 كىشى قازا قىلدى