خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدىكى ئېبولا يۇقۇمى دۆلەت تارىخىدىكى ئەڭ ئەجەللىك سەۋىيەگە يەتتى
كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدە يىل بېشىدىن بۇيان ئېبولا يۇقۇمى سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى ئاز دېگەندە 2 مىڭ 325 كە يەتتى. ھۆكۈمەت سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، بۇ قېتىمقى يۇقۇم 2018–2020-يىللىرىدىكى ئېبولا يۇقۇمىنىڭ ئۆلۈم سانىدىن ئېشىپ كەتكەن.
كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدىكى ئېبولا يۇقۇمى دۆلەت تارىخىدىكى ئەڭ ئەجەللىك سەۋىيەگە يەتتى
كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدىكى ئېبولا يۇقۇمى دۆلەت تارىخىدىكى ئەڭ ئەجەللىك سەۋىيەدە (ئارخىپ)

كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى ئاممىۋى سەھىيە ئىنستىتۇتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن 24 سائەت ئىچىدە يېڭىدىن 101 يۇقۇملانغۇچى بايقالغان بولۇپ، جەزملەشتۈرۈلگەن يۇقۇملىنىش ئومۇمىي سانى 4 مىڭ 945 كە يەتكەن.

يۇقۇم ئەڭ تېز تارقىلىۋاتقان مەزگىلگە كىردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۇ يۇقۇمنىڭ ھەر 30 مىنۇتتا بىر كىشىنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئاگاھلاندۇردى.

ۋىرۇسنىڭ دۆلەت ئىچىدە ئەڭ تېز تارقىلىۋاتقان مەزگىلى كۆرۈلۈۋاتقان بولۇپ، كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ 26 ئۆلكىسىدىن ئالتىسى يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. 3 مىڭ 400 دىن ئارتۇق يۇقۇملىنىش دېلوسى يۇقۇم تۇنجى قېتىم دوكلات قىلىنغان دۆلەتنىڭ شەرقىي شىمال چېگراسىدىكى ئىتۇرى ئۆلكىسىدە بايقالغان.

كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى بىلەن چېگراداش ئۇگاندامۇ پايتەخت كامپالادا ئاز دېگەندە 20 يۇقۇملىنىش ئەھۋالى بايقالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

نۆۋەتتىكى يۇقۇمنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ئاز ئۇچرايدىغان «Bundibugyo» ۋارىيانتىغا قارشى ھازىرغىچە تەستىقلانغان ۋاكسىنا ياكى داۋالاش ئۇسۇلى يوق.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مايدا كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى ۋە ئۇگاندادىكى ۋەزىيەتنى «خەلقئارالىق ئاممىۋى سەھىيە جىددىي ھالىتى» دەپ ئېلان قىلغان ئىدى.

ھايۋانلاردىن ئىنسانلارغا يۇقىدىغان بۇ ۋىرۇس قان، بەدەن سۇيۇقلۇقلىرى ۋە يۇقۇم بار كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىش ئارقىلىق داۋاملىق تارقالماقتا.

ئىزدىنىڭ
قالىباف: تېھران ئامېرىكا ھۇجۇملىرىغا «ئازابلىق» جاۋاب قايتۇرىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەنە بەش پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
ھىندونېزىيەدە يانار تاغ پارتلىغاندىن كېيىن 1500 دىن ئارتۇق ئايروپىلان سەپىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
6-نۆۋەتلىك دۇنيا كۆچمەنلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە قىرغىزىستان چېمپىيون بولدى
تۈركىيە ئاياللار دۆلەتلىك ۋالىبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونى بولدى
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى ياۋروپادىكى بىرىنچىلىك ئورنىنى ساقلاپ قالدى
پارىژدا پەلەستىننى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى
كرېمىل: «پۇتىن ئامېرىكالىق ۋەكىللەر بىلەن ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدا ئىنتايىن ئوچۇق سۆھبەتلەشتى»
ھىندونېزىيەنىڭ ئاساسلىق ئايرودۇرۇمى ۋولقان پارتلىشىدىن كېيىن پائالىيىتىنى توختاتتى
ئامېرىكانىڭ قورشاۋى ۋاشىنگتونغا ئىرانغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ قىممەتكە چۈشۈشى مۇمكىن
ئىران ئامېرىكانىڭ قانۇنسىز ھۇجۇملىرىغا «تېخىمۇ ئېغىر» ئۆچ ئېلىش بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ
«نېتانياھۇنىڭ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى، ئىسرائىلىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا چېتىشلىق بىر ئېھتىياج»
يەمەن ئارمىيەسى شىمالىي ئەلجەۋفتىكى خۇسىيلارنىڭ ھەربىي لاگېرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى قۇنەيترا ئەتراپىنى بومباردىمان قىلدى
ئىسرائىلىيە گېزىتى: قەرزدارلارنىڭ قەرزلىرىنى كەچۈرۈم قىلىپ، ئىرانغا تاجاۋۇز قىلىشقا ئەۋەتىڭلار